ئۇيغۇر پوچتىسى 22. نويابىر

رەسىمدە سام براۋنبەك ئەپەندى سۆز قىلىۋاتىدۇ. مەنبە: Times Now World
20. نويابىر پەيشەنبە ئامېرىكا پارلامېنتى خىتاي ئىجرائىيە كومىتېتى (CECC) تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا، خىتاي كونتروللۇقىدا تېررىتورىيەلەردە ياشاۋاتقان دىنغا ئىتقاد قىلغۇچى ئامما دۇچ كەلگەن دىنىي بېسىم ۋە زۇلۇملار شاھىتلارنىڭ ئېغىزىدىن ئاڭلاپ چىقىلدى. مۇسۇلمان، خىرىستىيان، بۇددىست ۋە فالۇنگۇڭ مۇرتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ (خ ك پ) دىنغا ئىتقاد قىلغۇچىلارغا قارشى يۈرگۈزىۋاتقان قاتتىق سىياسەتلىرى ھەققىدە ئايرىم-ئايرىم گۇۋاھلىق بەردى. مەزكۇر يىغىندا ئامىرىكىنىڭ خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك ئىشىلىرى سابىق باش ئەلچىسى سام بروۋنبەك (Sam Brownback) ئەپەندى ئۇيغۇرلار ھەققىدە مۇھىم سۆزلەرنى قىلدى .
شىنجاڭ ئەمەس»، شەرقىي تۈركىستان دەپ ئاتاش كېرەك
سام بروۋىنبەكنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن قىلغان ئەڭ مۇھىم، ئوچۇق ۋە كىملىك خاراكتېرلىك سۆزى رايوننىڭ ئاتىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇ خ ك پ نىڭ «شىنجاڭ» دېگەن نامنى ئەسلىدە ئۇيغۇر خەلقىگە ئىمپېرىيالىستىك نۇقتىدىن زورلاپ تېڭىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. بروۋىنبەك، «شىنجاڭ» ئاتالغۇسىنى رەت قىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىي سالاھىيىتىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرىق قىلىپ، مۇنداق دېدى:
«بۇ رايوندا ئىشلىتىلىۋاتقان بۇ ئىسىم خىتاينىڭ ئىدېئولوگىيەلىك مەجبۇرلىشىدۇر. ئامېرىكا ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىدە شەرقىي تۈركىستان دەپ ئىشلىتىلىش كېرەك»
بۇ چاقىرىق، ئۇيغۇرلار ئۇزۇن يىللاردىن بېرى خەلقئارا مۇنبەرلەردە ئىزچىل تەكرارلاپ تونۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاتالغۇسىغا بېرىلگەن يۇقىرى دەرىجىلىك، ئوچۇق ۋە سىياسىي ئەھمىيەتكە ئىگە قوللاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
لاگېرلار شەكلىنى ئۆزگەرتتى، زۇلۇم توختىمىدى
بروۋىنبەك ئەپەندى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان زۇلۇم سىياسەتلىرىنىڭ شەكىل ئۆزگەرتكەنلىكىنى، لېكىن ئاساسلىق ماھىيىتىنىڭ ئۆزگەرمەي داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ، بۇرۇنقى «قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى» نىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى مۇنداق تەسۋىرلىدى:
«بۈگۈن لاگېرلار مەجبۇرىي ئەمگەك ئورۇنلىرىغا ئۆزگەرتىلدى. يەنى قاماش ئوخشاش، پەقەت يەر ئوخشاشمايدۇ.»
بروۋىنبەك يەنە، خىتاينىڭ چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا ۋە ئاكتىۋىستلارغا قاراتقان تەھدىتلىرىنى چېگرا ھالقىغان بېسىم (transnational repression) دەپ ئاتاپ، ئامېرىكانىڭ بۇ زوراۋانلىققا قارشى كونكرېت جازا مېخانىزملىرىنى تېزدىن تۈزۈپ چىقىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەت چىقىرىلغاندا خىتاينىڭ ھەقىقىي خەرىتىسى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ
بروۋىنباك يىغىندا قولىدا بىر خەرىتىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ خىتاينىڭ ھەقىقىي شەكلىنى نامايەن قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ، بۇ خەرىتىنىڭ تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستان خىتايدىن ئايرىپ چىقىلغاندا، خىتاي چېگرالىرىنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە ئۆزگىرىدىغانلىقىغا دىققەت تارتتى. بۇ بۇ ئارقىلىق، بۇ ئىككى رايوننىڭ تارىختا خىتايغا ئائىت ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى:
«تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستان تارىختا خىتاينىڭ بىر قىسمى بولۇپ باقمىغان – خۇددى قازاقىستان، ئۆزبەكىستان رۇسىيەگە تەۋە بولمىغانغا ئوخشاش.
ئەمدى پەقەت دوكلات يېزىش يېتەرلىك ئەمەس؛ ھەرىكەتكە ئۆتۈش ۋاقتى كەلدى
بروۋىنەك ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىك دەپسەندىچىلىكىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىنى يېڭىلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇ، ئامېرىكانىڭ نەچچە يىلدىن بېرى خىتايدىكى ئىنسان ھوقۇقلىرى ۋە دىنىي ئەركىنلىك دەپسەندىچىلىكىنى پەقەت دوكلات قىلىپ كەلگەنلىكىنى، لېكىن بۇنىڭ يېتەرلىك بولمايۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ سۆزىنى ئامېرىكانى كونكرېت تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا چاقىرىق قىلىش بىلەن ئاخىرلاشتۇردى: «ئەمدى پەقەت دوكلات يېزىش يېتەرلىك ئەمەس؛ ھەقىقىي مەنىدە قەدەم ئېتىش ۋاقتى كەلدى»
تەييارلىغۇچى: مۇھەممەت ئابدۇمىجىت
Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى
Subscribe to get the latest posts sent to your email.
