ئۇيغۇر پوچتىسى ئورگان خەۋىرى، 21-نويابىر
20-نويابىر ئامېرىكا جورج ۋاشىنگىتون ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىدە ئۇيغۇر تىلىدىكى مۇستەقىل ۋە ئەركىن تاراتقۇ بولغان «ئۇيغۇر پوچتىسى»نىڭ تەسىس قىلىنىشى ھەققىدە تۇنجى قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى.
يىغىنغا ئۈچ نەپەر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى تەبرىكنامە ئەۋەتتى. ئۇيغۇرشۇناس ئاكادېمىكلار، ئىنسان ھەقلىرى ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق تەشكىلاتلار ۋەكىللىرى ۋە ئۇيغۇر جامائەت ۋەكىللىرى قاتناشتى.
يىغىندا مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر تىلىدا، كەسپىيلەشكەن، ئىناۋەتلىك ۋە ئىشەنچلىك تاراتقۇ بەرپا قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكى، ئاشۇ مۇددىئا ئۈچۈن قۇرۇلغان ئۇيغۇر پوچتىسىنىڭ نىشانى، ئۇيغۇر پوچتىسىغا قوشۇلغان ھازىرقى ئاخباراتچىلار ۋە زىيالىيلار قوشۇنى، ئاخباراتنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمى، خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقاتىغا تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇللىرى، ئۇيغۇر ئاخباراتچىلىقى دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە ئۇيغۇر پوچتىسىنىڭ قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقلىرى ھەققىدە مەخسۇس مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىن جامېس ماكگوۋېرن (James McGovern)، كرىستوف سىمىس (Chris Smith)، جامېس ۋالكىنشاۋ (James Walkinshaw) قاتارلىقلار «ئۇيغۇر پوچتىسى» نىڭ قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلەپ تەبرىكنامە ئەۋەتتى. ئۇيغۇر پوچتىسى ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئايرىم ئىلان قىلىدۇ.
مۇھاكىمە يىغىنىغا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى (CECC) دىرېكتورى ۋە مۇئاۋىن دىرېكتورلىرىدىن سكوت فېلىپس (Scott Phillips) ۋە پېيتېرۇ تازى (Piero Tozzi)، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى توم لانتوس ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى دىرېكتورى تود ستەيىن (Todd Stein) قاتارلىقلارمۇ قاتناشتى ۋە دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ تەبرىك سۆزلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى.
يىغىنغا يەنە كوممۇنىزىم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى جەمئىيىتى، «ئەركىنلىك سارىيى» (Freedom House) ۋە خەلقئارا جۇمھۇرىيەتچىلەر ئىنىستىتۇتى (IRI) قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى (UHRP) دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا ۋاكالىتەن «ئۇيغۇر پوچتىسى» نىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە، مۇستەقىل،ئەركىن تاراتقۇ سۈپىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولۇشغا بولغان ئۈمىد ۋە ئشەنچىسنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇيغۇر تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تەتقىقاتچىلاردىن جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا ئىشلار تەتقىقاتى پروفېسسورى شون روبېرتس (Sean Roberts)، دېرېكسەل ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا تەتقىقات ۋە زامانىۋى تىللار بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى، پروفېسسور رېبېككا كىلاۋز (Rebecca Clothey) قاتارلىقلار قاتناشتى.

«ئۇيغۇر پوچتىسى» نىڭ دىرېكتورى تاھىر ئىمىن «ئۇيغۇر پوچتىسى» كوللېكتىپىغا ۋاكالىتەن ئۇيغۇر پوچتىسىنىڭ ھازىرغىچە قىلغان خىزمەتلىرى، نىشانى، پىلانلىرى ۋە كەسپىي قوشۇنى قاتارلىقلارنى تونۇشتۇردى. ئۇيغۇر پوچتىسىنىڭ باش مۇھەررىرى، يازغۇچى تاھىر ھامۇت ئىزگىل ۋەتەندىكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، «ئۇيغۇر پوچتىسى» نىڭ قانداق قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بۇلۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلىدىغانلىقى ھەققىدە توختالدى.
تاھىر ھامۇت ئىزگىل مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ ۋەتەندىكى ئۇيغۇرچە ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋە تور بېكەتلەرنى تاقىۋەتكەنلىكى ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىن ئاۋازىدىن قورقىدىغانلىقىنىڭ بەلگىسىدۇر. بىز مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا سۈپەتلىك ۋە مۇنتىزىم ئاخبارات ۋاستىسىگە بولغان ئېھتىياجىنى تولدۇرۇشقا تىرىشىمىز.

ئۇچۇر مەنبەسىنىڭ چىنلىقىغا، ئوبىيېكتىپلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز لازىم، مەيلى مۇخبىرلىرىمىز مەيلى ئوبزورچىلىرىمىز بولسۇن، چوقۇم مەنبەنىڭ ئىشەنچلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئۇيغۇرلار ئۆتمۈشتە ۋە ھازىر ساختا ئۇچۇرلار، خاتا مەنبەلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە كۆپ ئۇچرىغان. بىز بۇنىڭدىن ساقلىنىشىمىز لازىم. «ئۇيغۇر پوچتىسى» تەھرىر بۆلۈمى خەۋەرلەر ۋە ئوبزورلارنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، ئۇلارنى خەلقئارا ئۆلچەمدىكى ئاخباراتچىلىق قائىدە-پرىنسىپلىرى بىلەن تەكشۈرۈپ، دەلىللەرنى تەھقىقلايمىز.»
تاھىر ئىمىن: «ئۇيغۇر پوچتىسى» – ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى رېئاللىقىنى خاتىرىلەش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى بىلدۈرۈشنى غايە قىلىدۇ. «ئۇيغۇر پوچتىسى» – مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر تىلىدا كەسپىيلەشكەن، مۇستەقىل ۋە ئىشەنچلىك ئۇيغۇر تىللىق ئاخبارات بوشلۇقىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. ئۇيغۇر دىياسپوراسى ئىچىدىكى ئوخشىمىغان تەشكىلات ۋە گۇرۇپپىلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت زۆرۈر ئىش-ھەرىكەتلىرىنى ئوخشاش خەۋەر قىلىدۇ ھەمدە كۆپ خىل پىكىرلەرگە سەھنە بېرىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇق ساھەسىدىكى ئۇيغۇر ئاۋازى بولۇپلا قالماي، يەنە ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى تەرەققىيات ۋە ئىلگىرىلەشلىرىگىمۇ ئالاھىدە ئورۇن بېرىدۇ.بىز ھەر قانداق قىيىنچىلىق ئالدىدىمۇ توختىمايمىز، ئۇيغۇرلارغا مۇھىم بولغان تېمىلاردا، كۆپ فورماتلىق مەزمۇنلارنى ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن تىرىشىمىز. خىتاينىڭ ساختا ئۇچۇرلىرىنى پاش قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ئۈزۈلدۈرمەيمىز.
شون روبېرتس: بىر خەلق ئورتاق ئاخبارات، تاراتقۇنى ئوقۇغاندا، ئۇ مىللەتنىڭ ئورتاقلىق ئېڭى ئاشىدۇ. ئورتاق تاراتقۇ بىر مىللەتنىڭ مىللى قۇرۇلۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم. «ئۇيغۇر پوچتىسى» يەنە ئاكادېمىكلار، سىياسەتچىلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىشەنچلىك مەلۇماتلارغا ئېرىشىشى ئۈچۈنمۇ مۇھىم رول ئوينىشى مۇمكىن. «ئۇيغۇر پوچتىسى» بۇرۇنقى تاراتقۇلاردا ساقلانغان مەسىلىلەردىن ساقلىنىشى لازىم، مەسىلەن : ئۇيغۇر دىياسپوراسىدىكى تەشكىلاتلارنى تاللاپ خەۋەر قىلىش، مەنبەسىنى تەمىنلىمەسلىك، ئۇچۇر تەمىنلىگۈچىنىڭ بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلماسلىق قاتارلىق خاتالىقلارنى تۈزىتىپ، ئىشەنچلىك تاراتقۇ قۇرۇشى ئۈچۈن ئاساس ھازىرلاشنى ئۈمىد قىلىمەن.
دېرېكسەل ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى، خەلقئارا تەتقىقات ۋە زامانىۋى تىللار بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى رېبېككا كىلاۋز ئۇزۇندىن بېرى ئۇيغۇرلارنىڭ دىياسپورادىكى مىللىي كىملىكنى ساقلاش ئەھۋالى ھەققىدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، ئۇ مۇھىم سۆز قىلدى ۋە مۇھاكىمە يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا مائارىپ، نەشرىيات، مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشقا قىلىۋاتقان زىيانكەشلىكلىرى ھەققىدە توختالدى.

ئۇ يەنە مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ تىرىشچانلىق قىلىپ، ئۇيغۇر تىلىدا تاراتقۇ، تور بېكەت ۋە نەشرىيات ئورۇنلىرىنى قۇرۇشنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇق ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«مەن «ئۇيغۇر پوچتىسى» نىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قۇرۇلغانلىقى، ئىنتېرنېت تورىنى ئاساس قىلغان تەشەببۇس بولغانلىقىدىن ئالاھىدە ھاياجانلاندىم. ئىنتېرنېت تىل ۋە مەدەنىيەت كىملىكى مەسىلىلىرى بىلەن تەبىئىي باغلانغان. تىل مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرىنى تارقىتىشنىڭ مەركىزىي يولى بولغاچقا، يەرلىك تىلدىكى ئىنتېرنېت بايلىقلىرى بۇ تىلدا سۆزلىگۈچىلەرگە ئۆز تۇرمۇش ئۇسۇلىنى نامايان قىلىش ۋە ئۆز ئەندىشىسى ۋە مەسىلىلىرىنى ئانا تىلىدا ئاڭلىتىشقا يول قويۇش ئارقىلىق ئۇلارغا ھوقۇق بېرەلەيدۇ. شۇڭلاشقا، ئىنتېرنېت بىر خەلقنىڭ ئۆز كىملىكى ۋە قىممەت قارىشىنى باشقىلارنىڭ بەلگىلىشىگە يول قويماستىن، بەلكى ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت كىملىكى، قىممەت قارىشى ۋە ئەندىشىسىنى يېتىلدۈرۈش ۋە تەكىتلەشكە ئىمكان بېرىدۇ. ئۇيغۇر ئاۋازى بولمىسا، بىز پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى توغرىسىدىكى باياناتى بىلەنلا چەكلىنىپ قالىمىز. خىتاي باياناتى بولسا بىزگە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي چېگرىسى ئىچىدە خۇشال ياشاۋاتقانلىقىنى سۆزلەيدۇ. بىز بۇنىڭ ھەقىقەت ئەمەسلىكىنى بىلىمىز. شۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، «ئۇيغۇر پوچتىسى» نىڭ يولغا قويۇلۇشى ئۇيغۇر جامائىتىگە قوشۇلغان ۋاقتىدا ۋە زۆرۈر تۆھپىدۇر.

مۇھاكىمىدىن كېيىن، سۇئال-جاۋاب جەريانىدا يەنە، ئاخباراتچىلار قوشۇنىنى تەشكىللەش، خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقاتىغا تاقابىل تۇرۇش، ئۇيغۇرلارنىڭ ھېكايىسىنى دۇنياغا يەتكۈزۈش ئۇسۇللىرى، يېزىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرى بىلەن ئاخبارات تىلى ۋە لىنىيەسىنى ئورنىتىش تېمىلىرىدا چوڭقۇر مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى ۋە تەكلىپلەر بېرىلدى.

سۆھبەت ناھايىتى زىچ ۋە ئىنچىكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇر جامائەت ۋەكىللىرىدىن ئەلفىدار ئىلتىبىر، ئىرادە قەشقەرى، مۇستاپا ئاقسۇ، مەدىنە باۋۇدۇن، مەمەتجان، ئابدۇرەئۇف، لاگېر شاھىتلىرىدىن مېھرىگۈل تۇرسۇن قاتناشتى ۋە كۆز قاراشلىرىنى ئىپادىلىدى.
بۇ «ئۇيغۇر پوچتىسى» نىڭ تۇنجى مۇھاكىمە يىغىنى بولۇپ، ئالدىمىزدا يەنە مۇھىم پىلانلارنى ئېلىپ بېرىش ئالدىدا تۇرماقتا.
Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى
Subscribe to get the latest posts sent to your email.
