نويابىر 21, 2025
forced-labor-tomato-china

ئۇيغۇر پوچتىسى 17- نويابىر خەۋىرى

خەلقارا بېسىمنىڭ تەسىرى

«مالىيە ۋاقتى» ((Financial Time گېزىتىنىڭ قەيت قىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان پەمىدۇر قىيامى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق بولغانلىقى سەۋەبىدىن خەلقارادا كۈچلۈك ئەيىپلىنىپ،  ئىتالىيەگە قىلىنغان ئېكسپورت مىقدارى بۇ يىل روشەن تۆۋەنلەنلىگەن ھەمدە پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالغان،  نەتىجىدە، ئېكسپورت قىلىنالمىغان توننىلارچە پەمىدۇر قىيامى بېسلىپ قالغان.

گېزىتنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ پەمىدۇر قىيامىنى ياۋروپاغا سېتىشىدىكى بۇ زور چۈشۈش «شىنجاڭ» مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئەندىشىلەرنىڭ كۈچىيىشى ۋە ئىتالىيەدىكى بىر قىسىم شىركەتلەرنىڭ خىتاي قىيامىنى سېتىپ تۇرۇپ، مەھسۇلات مەنبەسىنى خاتا يازغانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن كۆرۈلگەن.

يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىپ، ئەرزان ياكى پۈتۈنلەي ھەقسىز ئىشچى سۈپىتىدە قوللىنىپ ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرى خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كەلگەن بولسىمۇ، بۇلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ياكى چەكلەش جەھەتتىن كۆرۈنەرلىك ھەرىكەت قىلىندى دېيىش قىيىن. شۇنداقتىمۇ بۇ قېتىمقى ئېكسپورت مىقدارىنىڭ چۈشۈشىنى ئەنە شۇ خەلقئارالىق بېسىمنىڭ ئەمەلىي تەسىرى دېيىشكە بولىدۇ.

سېتىۋېلىش نىسبىتى %76 ئازلاپ كەتكەن

«مالىيە ۋاقتى» نىڭ سانائەت مەلۇماتلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، خىتاينىڭ غەربىي ياۋروپا دۆلەتلىرىگە قاراتقانپەمىدۇر قىيامى سېتىش نىسبىتى ئومۇمىي جەھەتتىن %67 چۈشكەن. خۇسۇسەن، ئىتالىيەنىڭ خىتايدىن سېتىۋېلىش مىقدارى ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكى 75 مىليون دوللاردىن بۇ يىل 13 مىليون دوللارغا چۈشۈپ، جەمئىي %76 ئازلاپ كەتكەن.

پەمىدۇر سانائىتى ئانالىزچىلىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ياۋروپادىكى تەلەپ زور دەرىجىدە ئازايغاندىن كېيىن، خىتايدا ھازىر 600 مىڭدىن 700 مىڭ توننىغىچە سېتىلمىغان پەمىدۇر قىيامى زاپىسى يىغىلىپ قالغان بولۇپ، بۇ زاپاس خىتاينىڭ تەخمىنەن ئالتە ئايلىق ئېكسپورت مىقدارىغا يېتىدىكەن. ئۇنىڭدىن سىرت، مالنى سېتىش قىيىن بولۇش سەۋەبىدىن، «شىنجاڭ» دىكى پىششىقلاپ ئىشلەش شىركەتلىرى بۇ يىل پەمىدۇرنى پىششىقلاپ ئىشلەش مىقدارىنى يېرىمىدىن كۆپرەك ئازايتىشقا مەجبۇر بولغان.

پەمىدۇر قىيامى ئىشلەپچىقىرىشتا بىڭتۇەننىڭ ئالاھىدە رولى

مەلۇمكى، شەرقىي تۈركىستان يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پەمىدۇر يېتىشتۈرۈش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەشنى زور دەرىجىدە كېڭەيتىپ، ئەرزان باھالىق ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەركىزىگە ئايلانغان.

«مالىيە ۋاقتى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يەردىكى سانائەت ئاساسلىقى خىتاي دۆلەت شىركەتلىرى، شۇنداقلا رايوننى باشقۇرۇشقا ياردەم بېرىدىغان ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىگە قاراشلىق كارخانىلار تەرىپىدىن قوللاپ-قۇۋۋەتلىنىپ كەلگەن.

ئىتالىيە دېھقانلار جەمئىيىتى: «بۇ مۇھىم بىرغەلىبە»

ئىتالىيە دېھقانلار جەمئىيىتى “Coldiretti” چەتئەل قىيامىنىڭ ئەرزان باھادا ئىمپورت قىلىنىشىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك تەشۋىقاتنىقانات يايدۇرغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتلارنىڭ يېرىم باھاسىدىنمۇ ئەرزان خىتاي قىياملىرىنىڭ ئىمپورت قىلىنىشىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغانلىقى خەۋەردە ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

خەۋەردە يەنە ئىتالىيەنىڭ داڭلىق پەمىدۇر پىششىقلاپ ئىشلەش شىركىتى “Mutti” باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى فرانچېسكو مۇتتىنىڭ قارىشىغىمۇ ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، ئۇ سېتىش مىقدارىدىكى بۇ چۈشۈشنى «مۇھىم بىر غەلىبە، ناھايىتى ياخشى بىر سىگنال» دەپ باھالىغان.

بۇ چۈشۈش ئىتالىيەدە بىر قىسىم شىركەتلەرنىڭ خىتاي قىيامىنى ئىشلىتىپ تۇرۇپ «%100 ئىتالىيە مېلى» دەپ خاتا ماركا چاپلىغانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ خىل سەتچىلىك ئىستېمالچىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە زىيان سالغان. مەزكۇر ئەھۋال، پۈتۈن ياۋروپا بويىچە پەمىدۇر تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئەخلاقىي ۋە قانۇنىي تەرەپلىرىگە بولغان تەكشۈرۈشنى زور دەرىجىدە كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولغان.

ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق پەمىدۇر قىياملىرى مۇھىم كىشلىك ھوقۇق مەسىلىسى سۈپىتىدە غەرب قىممەت قارىشىدىكى دۆلەتلەردە قىزىقىش نۇقتىسى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. 2021-يىلى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىمۇ «شىنجاڭ» دىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق پەمىدۇر قىياملىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىگەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى. 

تەييارلىغۇچى: مۇھەممەت ئابدۇمىجىت


Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe to get the latest posts sent to your email.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe now to keep reading and get access to the full archive.

Continue reading