نويابىر 21, 2025
شىۋىتسارىيە ئۇيغۇرلىرى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەش يىغىلىشى ئۆتكۈزگەن

ھەبىبۇللا ئىزچى

​​​​​​​​​​​​​​​​16-نويابىر شىۋىتسارىيە ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ تەشكىللىشىدە، شىۋىېتسارىيەدىكى ئۇيغۇرلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەش، ۋەتىنىمىزنىڭ ھۆرلۈكى، مۇستەقىللىقى يولىدا قۇربان بولغان شەھىتلەرنى ئەسلەش ۋە ئۇلارنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىش،شىۋىتسارىيەگە يېڭى كەلگەن قېرىنداشلار بىلەن ئۇچرۇشۇش ئۈچۈن شىۋىتسارىيەنىڭ ئارگاۋ كانتونىدا يىغىلىشقان. 

مەزكۇر پائالىيەت ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستىقلال مارشى بىلەن باشلىنىپ، ئارقىدىن شەھىتلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ خەتمە-قۇرئان ئوقۇلغان. مەزكۇر پائالىيەتتە سۆز قىلغان ئەندىلى قاراخان ئەپەندى، چەتئەلگە پاناھلىق تىلەپ چىققان ھەر بىر ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ ئۆزى خىتايغا نىسبەتەن سىياسىي كىملىك ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ خىتاي ئۈچۈن تەھدىت ھېسابلىنىدىغانلىقى ۋە خىتاي تەرىپىدىن جىنايەتلەشتۈرۈلگەنلىكىنى، بۇنداق ئەھۋالدا بەزى كىشىلەرنىڭ چەتئەلدە ۋە ياۋروپادەك بىر دېموكراتىك يەردە تۇرۇپمۇ، خىتاينىڭ سايىسىدىنىمۇ قورقۇپ ياشىشىنىڭ تولىمۇ كۈلكىلىك ئەھۋال ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، چەتئەللەردىكى بىرلىك، ئىتتىپاقلىق، قېرىنداشلىق رېشىتىنى كۈچەيتىش ۋە مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ يولى مۇشۇنداق يىغىلىش ۋە نامايىشلارغا قاتنىشىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ سىياسىي پاناھلىق تىلەش ۋە ياۋروپاغا كېلىش جەريانىدا يولۇققان قىيىنچىلىقلارنى تىلغا ئېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بىر-بىرىگە ساھىپ چىقىش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى، چەتئەللەردىكى ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆزىگە ئەمەس، بەلكى بىر مىللەتكە ، ئۇيغۇر دېگەن نامغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى، شۇڭا بىر قسىم كىشلەرنىڭ خىتاينىڭ زۇلمىدىن قېچىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ پاناھلىق تىلەپ، ئارقىدىن مۇھاجىرەتتە ئۆز مىللىتىدىن قېچىپ يالغۇز ياشاشنى تاللىشى ۋە خەلقتىن ئايرىم قېلىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە يالغانچىلىق ۋە ئۆز -ئۆزىنى ئالداش ، بىچارىلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتكەن. بۇ پائالىيەتتە، شىۋىتسارىيە ئانا تىل مەكتىۋىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى جۇمھۇرىيەت كۈنىگە ئاتالغان شېئىرلارنى دېكلاماتسىيە قىلىپ قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن. 


Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe to get the latest posts sent to your email.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe now to keep reading and get access to the full archive.

Continue reading