17-نويابىر، ئۇيغۇر پوچتىسى
15-نويابىر ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى ۋىرجىنىيە شتاتىنىڭ فايرفاكىس شەھىرىگە جايلاشقان ئۇيغۇر مەركىزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ مۇھىم تارىخى خاتىرە كۈنلىرىدىن بىرى بولغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەش مۇراسمى ئۆتكۈزدى.
مۇراسىم باشلىنىپ، ئالدى بىلەن يېڭىدىن سايلانغان ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى مسران بۇ مۇھىم كۈننى خاتىرىلەشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە سۆزلىدى، ئاندىن پائالىيەتكە قاتناشقانلارنى مەركەز ئالدىدىكى مەيداندا ئۆتكۈزىلىدىغان شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى چىقىرىش مۇراسىمىغا تەكلىپ قىلدى. مۇراسىمىدا شەرقىي تۈركىستان دۆلەت مارشىغا ئەگىشىپ، ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپ پائالىيەتكە قاتناشقان كىشىلەرنى ھاياجانغا سالدى.

بايراق چىقىرىش مۇراسىمىدىن كېيىن، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم سۆز قىلدى.

ئارقىدىن بۈگۈنكى پائالىيەتكە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ۋىرجىنىيە شىتاتىنىڭ سېناتورى سىتېللا پېكارىسكىي (Stella Pekarsky) بىلەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزاسى جامېس ۋالكىنشاۋ (James Walkinshaw) سۆزلىدى.

دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزاسى جامېس ۋالكىنشاۋ بۇ ھەقتىكى ئاممىۋى باياناتىدا مۇنداق يازغان: «بۈگۈن چۈشتىن كېيىن مەن فەيرفاكستىكى ئۇيغۇر ئامېرىكا جامائىتىنىڭ ئۇيغۇر جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشتىم. فەيرفاكىس ناھىيىسى ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ ئۇيغۇر نوپۇسىغا ساھىبخانلىق قىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ھازىر داۋام قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق كۆرەشلىرى كۆرۈلۈشكە ۋە ئاڭلىنىشقا ئەرزىيدۇ. بۈگۈنكى بۇ تەسىرلىك پائالىيەتكە تەكلىپ قىلغانلىقىڭلار ۋە رەھبەرلىكىڭلار ئۈچۈن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىگە رەھمەت ئېيتىمەن.»
پائالىيەتتە دوكتۇر ئەسەت سۇلايمان 1933-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى بىلەن 1944-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تارىخىدىكى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بەزى مۇھىم نۇقتىلار ھەققىدە پاكىتلىق ۋە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى. ئىككى جۇمھۇرىيەت تارىخىنى تېخىمۇ روشەنلەشتۈرىدىغان بۇ مەلۇماتلار پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇر جامائىتىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.

پائالىيەتتە يەنە جەڭگىۋار ناخشىلار ئورۇنلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مۇستەقىللىقىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بولغان ئىرادىسى ۋە ئۈمىدى نامايان قىلىندى.
پائالىيەتكە ئىرادە قەشقىرى رىياسەتچىلىك قىلدى.
پائالىيەتتىن كېيىن، بۇ مەركەزدە پات -پات ئۇيۇشتۇرۇلۇپ تۇرىدىغان ئۇيغۇر بازار قىزىپ كەتتى.
Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى
Subscribe to get the latest posts sent to your email.
