نويابىر 21, 2025
Turk Medya-xitay propagabda

ئۇمۇن ئىھسان

2016-يىلىدىن بۇيان تۈرك پۇقرالىرىغا نىسبەتەن«چەكلەنگەن رايۇن» ھىساپلىنىدىغان ۋەتەن 2024 ۋە 2025-يىللىرى تۈرك ھەيئەتلىرىگە ئېچىلغان.
2016-يىلىدىن 2024-يىلىغىچە بولغان ئارلىقتا خىتاي ھۆكىمىتىنىڭ رايۇنغا تۈرك ھەيئىتىنى قۇبۇل قىلمىغانلىقى، ھەتتا توسىغانلىقى توغرىسىدا تۈرك تەرىپىدىن بېرىلگەن رەسمى باياناتلار بار بولۇپ، 2022-يىلىدا، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشوغلى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 5 يىلدىن بۇيان تۈركىيەنىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا بىرىشىنى توسۇپ كەلگەنلىكىنى ئىېيىتقانىدى. 2019- يىلى پىلانلانغان بىر تۈرك ھەيئىتى زىيارىتى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ داۋاملىق كېچىكتۈرىشى تۈپەيلى ئەمىلگە ئاشمىغان ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2019-يىلىدىن بۇيان داۋاملىق ئوتتۇرا شەرىق، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن بىر تۈركۈم ھەيئەتلەرنى ئۇيغۇر ئېلىغا تەكلىپ قىلىپ كىلىۋاتقان بولۇپ، بىراق 2024-يىلىغىچە بۇ ھەيئەتلەرنىڭ ئىچىگە تۈرك پۇقرالىرىنى قاتمىغان ئىدى.
2024-يىلى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھاكان فىدان ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلدى. بۇ 2012- يىلىدىن بۇيان رايۇننى زىيارەت قىلغان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تۈرك ئەمەلدارى بولۇپ، ھاكان فىدان زىيارىتىدىن كىيىن ،خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركىيەدىن بىر تۈركۈم ژورنالىسىت ۋە سىياسىي تەمسىلچىلاردىن تەشكىللەنگەن ئالدىن پىلانلانغان ۋە زىچ پروگراممىلىق «شىنجاڭ زىيارەتلىرى»نى ئورۇنلاشتۇرۇشقا باشلىدى.
2024- يىلى ئاۋغۇسىتتا، خىتاي ھۆكۈمىتى تۈرك ژورنالىسىتلار ئۈچۈن تۇنجى زىيارەتنى ئورۇنلاشتۇدى. بۇ زىيارەت خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئامىۋىي دىپلوماتىيە ۋە پروپاگاندا ئىدارىلىرى تەرىپىدىن  ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، زىيارەت خىتاي ئاخباراتلىرىدا «شىنجاڭنىڭ ياخشى ھىكايىسىنى ئاڭلىتىش»سىتراتىگىيىسىنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە خەۋەرلەشتۈرۈلدى. زىيارەتكە جۇمھۇرىيەت گىزىتىندىن مۇستافا بىرول گۈگەر، بىرگۈن گىزىتىدىن ئىبراھىم ۋارلى، يۆن رادىئوسىدىن ئەرددل ئەمرە، ئەنقا خەۋەر ئاگىنىتلىقىدىن ئادنان بۇلات قاتارلىقلار قاتناشقان بولۇپ، بۇلار  قەشقەر ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىرىنى زىيارەت قىلغان. زىيارەت خىتاي رەھبەرلىرى تەرىپىدىن  پىلانلانغان ۋە باشقۇرۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇر ۋە چەتئەللىك مۇتىخەسىسلەر  بۇ زىيارەتنى ئالدىنئالا بەلگىلەنگەن «ئۆرنەك مەكتەپلەر»،«مەدەنىيەت مەركەزلىرى» ۋە «ئۆرنەك فابرىكىلار»غا مەركەزلەشكەنلىكى سەۋەبىدىن خىتاينىڭ «پروپاگاندا تىياتىرى» دەپ ئاتىماقتا.

ئىككىنجى قېتىنلىق زىيارەت 2025- يىلى سېنتەبىردە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇ قېتىملىق زىيارەت ئۈچۈن مەردان يانارداغلى،ئۆمۈد زىلەلى، ئەركىن ئۆجان قاتارلىق سولچىل ژورنالىسىتلاردىن تەركىپ تاپقان بىر ھەيئەت تەشكىللەنگەن. زىيارەتتىن كىيىن ھەمباھىرلەنگەن يازما ۋە ۋىدىئولاردا «خىتاينىڭ تېرۇرغا قارشى كۈرىشىنىڭ غەلبىسى»،«ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن پاراۋانلىققا ئىرىشكەنلىكى» ۋە رايۇننىڭ بىخەتەر ۋە مۇقۇم ھالغا كەلگەنلىكى» قاتارلىق بايانلار ئالاھىدە تىلغا ئىلىنغان.

2025- يىلى سېنتەبىردە، CNN تىلىۋىزىيىسىنىڭ تۈرك مۇخبىرى بۈشرا ئارىسلانتاش خىتاينىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئۈرۈمچىدە زىيارەتتە بولغان. بىراق بۈشرە ئاراسلانتاشنىڭ خەۋرى خىتاينىڭ كۈتكىنىنىڭ ئەكسىچە، رايۇندىكى خىتاينىڭ بىسىم سىياسىتىنى يورۇتۇپ بەرگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل نويابىردا بولسا، ئاق پارتىيەنىڭ ياشلار كومىتىتىنىڭ ئەزالىرىنى كۈتۈۋالغان. ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلغان ياشلار كومىتىتى ئەزالىرى زىيارەتنىڭ «دوستلۇق ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش» مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولۇپ، تۈرك مۇتىخەسىسلەر بۇنى خىتاينىڭ تۈركىيەنىڭ كونسىرۋاتىپ ياشلار قاتلىمىغا قارىتىلغان بىر «يۇمشاق كۈچ»سىتىراتىگىيىسى دەپ قارىماقتا.

خىتاينىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسەتلىرى توغرىسىدا ئىزدىنىپ كىلىۋاتقان يونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئاسىيە ئۇيغۇر خانىم بۇ زىيارەتلەر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:«تۈرك ھەيئەتلىرىنىڭ خىتايغا زىيارىتى، خىتاينىڭ خەلقئارا ئوبرازىنى ياخشىلاش ئۇرۇنۇشىنىڭ بىر قىسىمى بولۇپ، بولۇپمۇ تۈركىيەدەك ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئالاھىدە سەزگۈر بىر دۆلەتتىكى  ئوبرازىنى يۇمشاق كۈچ ئارقىلىق ياخشىلاش ۋە  بۇ ئارقىلىق تۈركىيەدىكى ئومۇمىي جامائەت پىكرىنى ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلىشى مۇمكىن.»

6- نويابىر تۈركىيەنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سەلچۇك ئۈنال  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىنىڭ پارىتىيە سىكىرتارى چىن شىياۋ جىياڭ ۋە رايونلۇق ھۆكىمەتنىڭ باشلىقى ئەركىن تۇنىياز بىلە ئۈرۈمچىدە كۆرۈشكەن.
باش ئەلچى ئۈنال «شىنجىياڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجدىمائىي تەرەققىياتىنىڭ غەلبىسى»نى ماختىغان ۋە «بىخەتەرلىك ۋە تېررۇرغا قارشى كۈرەشتە ھەمكارلىق»نى تەكىتلىگەن.

ئاسىيە ئۇيغۇر يەبە تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتتە، ئىزچىل ھالدا قوش يۆنۈلۈشلۈك ئىستراتېگىيە قوللىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، خىتاي بىلەن بولغان سودا ۋە دىپلوماتىك ئالاقىلىرىنى قوغداش ئۈچۈن، «ئاتالمىش تېرورلۇققا قارشى تۇرۇشتا ھەمكارلىشىش»نى تەزۋىق قىلىپ كىلىۋاتقانلىقىنى ئىېيىتتى. ئۇ يەنى تۈركىيەنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى جامائەت پىكرى سەۋەبلىك ۋە ئادالەت نوقتىسىدىن ئۇيغۇر مەسىلىسىدە چەكلىك دائىرىدە خىتاينى تەنقىدلەپ قويىۋاتقانلىقىنى،بۇ قېتىم تۈركىيەنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ خىتاي بىلەن تېرورلۇققا قارشى تۇرۇشتا ھەمكارلىشىشنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىنىڭمۇ دەل بۇ نوقتىدىن ئىكەنلىلىنى ئىېيىتتى ۋە مۇنداق دېدى:«بۇ خىلدىكى شەكىل جەھەتتە تەنقىدلەپ قويۇپ، ئەمەلىيەتتە خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىش ئۇسلۇبى، تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتىكى پايدا – مەنپەئەتلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش بىلەن بىرگە، تۈركىيە ئىچىدىكى جامائەت پىكرى سەۋەبلىك دۇچ كەلگەن بېسىملىرىنى يېنىكلىتىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. لېكىن تۈركىيەنىڭ خىتايغا قاراتقان بۇ ئىستراتېگىىيىسى، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ تۈركىيەنىڭ سىياسىي ۋە سودا مەنپەئەتىدىنمۇ مۇھىم ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ.»

تۈرك ھەيئەتلىرىنىڭ باياناتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتلىرى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلىغان بولۇپ، كۆپىنچىسى خىتاينىڭ «ئىرقى قىرغىنچىلىق يوق، مائارىپ ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات بار» دېگەن سىياسىي دوكتىرىنىنى قوللىغان.
2016-يىلىدىن بۇيان تۈركىيەنىڭ كۈن تەرتىپىدە داۋاملىق تالاش تارتىش نۇقتىسى بولۇپ كېلىۋاتقان «شەرقى تۈركىستانغا ھەيئەت ئەۋەتىش» تىمىسى، ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن خىتاينىڭ سىياسىي تەشۋىقاتى بىلەن بىرلىشىپ كەتمەكتە.


Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe to get the latest posts sent to your email.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe now to keep reading and get access to the full archive.

Continue reading