ئۇيغۇر پوچتىسى؛ 13-نويابىر
12-نويابىر كۈنى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 51 بەتلىك دوكلات ئېلان قىلىپ، تۈركىيەدە ياشايدىغان، پۇقرالىقى بولمىغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ بىخەتەر جاي ئەمەسلىكىنى ئىلان قىلدى.
مەزكۇر دوكلاتتا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كېلىۋاتقان تەھدىتلەر ئىسپاتلار ئارقىلىق يورۇتۇپ بېرىلگەن بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 13 نەپەر ئۇيغۇر، 6 نەپەر ئادۋوكات ۋە بۇ ھەقتە مەلۇماتقا ئېگە بىر تۈركىيە دۆلەت ئەمەلدارى بىلەن كۆرۈشكەن ۋە بۇنىڭدىن سىرت، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىنى، چېگرادىن قوغلاش قارارلىرىنى، ئەرزنامە ۋە باشقا رەسمىي ھۆججەتلەرنى تەھلىل قىلغان. يەنە 2018-يىلى دېكابىردىن 2025-يىلى ئۆكتەبىرگىچە بولغان مەزگىلدە قايتۇرۇش مەركەزلىرىدە تۇتۇلغان 33 ئۇيغۇر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئاممىغا ئوچۇق خەۋەر مەنبەلىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەن.
ئۇزۇندىن بۇيان تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىچىدە پات-پات يوقاپ كېتىدىغان، ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، تاراتقۇلار ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئالاقىسى ئارقىلىق ئاندىن قويۇپ بېرىلىدىغان ئەھۋاللار ئۈزلۈكسىز يۈز بېرىپ كەلگەنىدى. يەنە نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەدە بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەپ، ياۋروپا، كانادا ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرگە كېتىش ئۈچۈن قىيىنچىلىقلارغا قارىماي كېتىشكە ئۇرۇنىدىغان ھادىسىلەر كۆيۈپ كەلگەنىدى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى تەتقىقاتچىسى يالقۇن ئۇلۇغيول ئۇيغۇر پوچتىسىغا مۇنداق دېدى: «تۈركىيە-تۈركىيەدە ياشايدىغان، پۇقرالىقى بولمىغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىخەتەر ئەمەس. بىز باشقا ھۆكۈمەتلەر ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرنى تەۋسىيە قىلىمىز: تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇساپىرلار ئۈچۈن مۇساپىرلارنى قايتا ئورۇنلاشتۇرۇش ئورۇنلىرىنى كۆپەيتىش ھەمدە ئائىلىۋى جەم بولۇش، مائارىپ ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش مەقسەتلىرىدە ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئۈچىنچى دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ تۈركىيەدىن بىخەتەر، قانۇنلۇق ۋە تەرتىپلىك كۆچۈپ چىقىشى ئۈچۈن كەڭ قورساقلىق بىلەن تولۇقلىما يوللارنى تەسىس قىلىش ۋە ساقلاپ قېلىش كېرەك. تۈركىيەنى ئولتۇراقلىشىش ئىجازىتى، جۈملىدىن ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامىتى بار ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىخەتەر دۆلەت دەپ قارىماسلىق كېرەك.»
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ مەزكۇر دوكلاتى بۇ ساھەدە ھازىرغىچە ئېلان قىلىنغان مۇھىم تەكشۈرۈش خاراكتېرلىك ھۆججەت بولۇپ، بۇ دوكلات تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن خەلقئارالىق تونۇش ۋە تەدبىر قوللىنىشقا چاقىرىق قىلىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلىدۇ.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ مەزكۇر ھۆججەت ھەققىدىكى ئاخبارات ماتېرىيالى ئۇيغۇر تىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قانچە تىلدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن:
(ئىستانبۇل) كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بۈگۈن ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، تۈركىيە دائىرىلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن قېچىپ ئامانلىق ئىزدەۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ئىقامەتكە ئېرىشىش يوللىرىنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرغانلىقىنى بايان قىلدى.
«ئەمدى قوغدالمايدۇ: تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار» ماۋزۇلۇق 51 سەھىپىلىك دوكلاتتا، تۈركىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارغا ساقچى ۋە كۆچمەنلەر سىستېمىسىدا خالىغانچە «چەكلەش كودلىرى» قويغانلىقى قەيت قىلىنغان. بۇ كودلار ئارقىلىق ئۇلار «جەمئىيەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت» دەپ سۈپەتلەنگەن. شۇنداقلا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلگىرىكى خەلقئارالىق قوغداش سالاھىيىتىگە ئېرىشىش ئىمكانىيىتىنىڭ ۋە تۈركىيە كۆچمەنلەر سىستېمىسىدىكى ئىمتىيازلىق مۇئامىلىسىنىڭ بىكار قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. دوكلاتتا يەنە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بەزى ئۇيغۇرلارنى ئىنسانلىق قېلىپىدىن چىققان ۋە كەمسىتكۈچى شارائىتتا قاماققا ئالغانلىقى قەيت قىلىنغان. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى «ئۆز ئىختىيارى بىلەن قايتىش» جەدۋىلىگە ئىمزا قويۇشقا مەجبۇرلىغان. بۇ ئەھۋال خىتاي بىلەن جىنايەتچىلەرنى قايتۇرۇش كېلىشىمى بولغان ئۈچىنجى دۆلەتلەرگە چىقىرىۋېتىلىش خەۋپىگە يول ئاچقان.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا بۆلۈمى مۇدىرى ئېلېىين پىئېرسۇن مۇنداق دېدى: «يېقىنقى مەزگىلگىچە زۇلۇمدىن قاچقان ئۇيغۇرلار تۈركىيەدە ئۆزلىرىنى بىخەتەر ھېس قىلاتتى. لېكىن خىتاي-تۈركىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يېقىنلىشىشى ۋە ئەردوغان ھۆكۈمىتىنىڭ پاناھلانغۇچى ۋە كۆچمەنلەرگە قاراتقان باستۇرۇشىنىڭ ئېشىشى بىلەن، كۆپ سانلىق ئۇيغۇر تېخىمۇ كۆپ ئەنسىزلىك ئىچىدە قېلىۋاتىدۇ.» پىئېرسۇن يەنە، «بەزى ئۇيغۇرلار، تۇتۇلۇپ قايتۇرۇلۇش مەركەزلىرىگە يوللىنىشتىن قورققانلىقى ئۈچۈن، ئۆيلىرىدىن چىقىشقىمۇ پېتىنالمايۋاتقانلىقىنى ئېيتتى؛ يەنە بەزىلىرى بولسا بىخەتەرلىككە ئېرىشىش مەقسىتىدە خەتەرلىك يوللار ئارقىلىق باشقا دۆلەتلەرگە كېتىشكە ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى،» دېدى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، 13 نەپەر ئۇيغۇر، 6 نەپەر ئادۋۇكات، ۋە بۇ ھەقتە مەلۇماتقا ئىگە بىر تۈركىيە دۆلەت ئەمەلدارى بىلەن كۆرۈشتى. بۇنىڭدىن سىرت، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىنى، چېگرادىن قوغلاش قارارلىرىنى، ئەرزنامە، ۋە باشقا رەسمىي ھۆججەتلەرنى تەھلىل قىلدى. تەشكىلات يەنە 2018-يىلى دېكابىردىن 2025-يىلى ئۆكتەبىرگىچە بولغان مەزگىلدە قايتۇرۇش مەركەزلىرىدە تۇتۇلغان 33 ئۇيغۇر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئاممىغا ئوچۇق خەۋەر مەنبەلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى.
ئىقامەت رۇخسىتى تۈركىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن خالىغانچە بىكار قىلىنغان بىر ئۇيغۇر: «ھېچقانداق رەسمىي ھۆججىتىم بولمىغاچقا كۈندىلىك ئېھتىياجلىق نەرسىلەر ئۈچۈن دۇكانغا چىقىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايمەن. چۈنكى تەكرار قايتۇرۇلۇش مەركىزىدە سولىنىشنى خالىمايمەن،» دېدى.
تۈركىيەدىكى باشقا پاناھلانغۇچىلار ۋە كۆچمەنلەر قاتارىدا، پاناھلانغۇچىلار ۋە كۆچمەنلەرگە قارىتىلغان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارغىمۇ «چەكلەش كودى» (كۆپىنچە ئەھۋالدا گ 87) قويۇلۇۋاتىدۇ. بۇ كود، خەلقئارالىق قوغدىلىش ئىلتىماسىنىڭ رەت قىلىنىشىغا، ئىقامەت رۇخسىتى ۋە گىراژدانلىق ئىلتىماسىنىڭ قوبۇل قىلىنماسلىقىغا سەۋەپ بولىدۇ. يەنى، كۆپىنچە ئەھۋاللاردا سەلبىي ۋە ئىنسان ھاياتىنى ۋەيران قىلىدىغان ئاقىۋەتلەرگە سەۋەبچى بولىدۇ. ۋەھالەنكى بۇ خىل ئۇيغۇرلار «تەرتىپسىز كۆچمەن» كاتېگورىيىسىگە چۈشۈپ قالىدۇ ۋە بەزىلىرىنىڭ چېگرادىن چىقىرىلىشى ئۈچۈن قارار تەستىقلىنىدۇ. ھەرقانداق بىر سەۋەپ بىلەن ساقچى ياكى كۆچمەنلەر ئىدارىسىدىكى خىزمەتچىگە يولۇققىنىدا، قايتۇرۇلۇش مەركىزىگە يوللىنىدۇ.
كۆرۈشۈلگەن ئۇيغۇرلار ۋە ئادۋۇكاتلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ قايتۇرۇلۇش مەركەزلىرىدە يامان مۇئامىلىگە دۇچار بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى «ئۆز ئىختىيارى بىلەن قايتىش» جەدۋىلىگە ئىمزا قويۇشقا مەجبۇرلانغان. بۇ جەدۋەللەر، خىتايغا ياكى ئۈچۈنجى دۆلەتلەرگە قايتۇرۇلۇشنىڭ يولىنى ئاچقان. كۆرۈشۈلگەن ئۇيغۇرلاردىن ئاز دېگەندە ئۈچىنىڭ بۇ جەدۋەلنى ئىمزالىغانلىقى ۋە بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرەيلەننىڭ خىتاي بىلەن جىنايەتچىلارنى قايتۇرۇش كېلىشىمى بولغان بىرلەشكەن ئەرەپ ئەمىرلىكلىرىگە چىقىرىۋېتىلگەنلىكى بايقالدى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، دوكلاتنىڭ يەكۈنلىرىگە قارىتا پىكىر بايان قىلىشى ۋە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىشى ئۈچۈن، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەنلەر ئىدارىسىگە 2025-يىلى 23- سېنتەبىر ۋە 27 – ئۆكتەبىردە خەت يوللىدى، لېكىن جاۋاپ ئالالمىدى.
چەكلەش كودلىرىنىڭ بېرىلىشى، 6458 نومۇرلۇق چەتئەللىكلەر ۋە خەلقئارالىق قوغداش قانۇنىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا باغلىق. لېكىن بۇ كودلارنىڭ قانداق ۋە نېمە ئۈچۈن بېرىلگەنلىكى ئېنىقسىز. ئىجرائىيەدە بۇ كودلارنىڭ قوللىنىلىشى ئەدلىيەدىكى ئاساس قىلىنغان مۇددىئا ۋە چەكلىمىلىرىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. كۆپىنچە ۋاقىتلاردا بۇ خىل كود، سەۋەپسىز، دەلىلسىز ياكى قايسى ئىش ھەرىكەتنىڭ قانۇنسىز دەپ قارالغانلىقى ئېنىقسىز تۇرۇپمۇ قويىلىدۇ.
تۈركىيە قانۇنى بويىچە، كىشىلەر چىگرادىن چىقىرىش قارارىغا ئېتىراز قىلالايدۇ. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 2024 ۋە 2025-يىلى چىقىرىلغان بەش سوت قارارىنى تەھلىل قىلدى.بۇ قارارلارنىڭ ھەممىسىدە سوت تارماقلىرى، ئاممىۋىي تۈزۈم ۋە بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىنگەن پېئىللارنى نەقىل قىلماي تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى چىگرادىن چىقىرىش قارارلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. تېخىمۇ ئەنسىرەشكە تېگىشلىكى بولسا، داۋاگەر ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغان تەقدىردە يامان مۇئامىلە كۆرۈش ۋە قىيىن قىستاققا ئېلىنىش خەۋپى ھەققىدە پاكىت كۆرسىتىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، قايتۇرماسلىق (non-refoulment) قائىدىسىنىڭ تەدبىقلانمايدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىنىشىدۇر. كۆپ قېتىم بۇ خىلدىكى ئېتىرازلارنى ئەدلىيەگە سۇنغان بىر ئادۋۇكات: «سوتچىلار چەكلەش كودى كۆرگىنىدە، پەقەتلا ئېھتىياتچان بولۇش ئۈچۈن، چېگرادىن چىقىرىش قارارىغا قارشى چىققان ئەرزلەرنى رەت قىلىدۇ،» دېدى.
تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارالىق قانۇننىڭ قايتۇرماسلىق قائىدىسىگە ھۆرمەت قىلىش مەجبۇرىيىتى بار. بۇ قائىدە، دۆلەتلەرنىڭ ھەرقانداق بىر كىشىنى زۇلۇم، قىيىن قىستاق ۋە باشقا يامان مۇئامىلىگە ئۇچراش خەۋپى بولغىنىدا، ياشاش ھەققى تەھدىتكە ئۇچرايدىغان ياكى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە دۇچ كېلىش ئېھتىماللىقى بولغان بىر يەرگە قايتۇرۇلىشىنى قەتئىي چەكلەيدۇ.
قوشنىلاردىن كەلگەن ئاددىي شىكايەت تۈپەيلى ياكى بىر جىنائىي ئىشلار دېلوسىدا ئىسمىنىڭ چىقىپ قېلىشى، دېلودا ئاقلانغان تەقدىردىمۇ كىشىگە چەكلەش كودىنىڭ قويۇلۇشىغا سەۋەپچى بولىشى مۇمكىن. شۇنداقلا تۈركىيە دائىرىلىرى باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن ئاخبارات تۈپەيلىمۇ چەكلەش كودى قويۇپ قويىشى مۇمكىن. شىنجاڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ تېنچپەرۋەر ئىش ھەرىكەتلىرى ۋە كىملىكلىرىنىڭ ئىپادىلىنىشىنى تېرورىزىم بىلەن بىر تۇتىدىغان خىتاي ھاكىمىيىتى، بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىمىنى تۈركىيە دۆلىتىگە مەلۇم قىلغانلىقى ۋە بۇ تۈپەيلى چەكلەش كودى قويۇلۇپ قالغان ئەھۋاللارمۇ يۈز بەرگەنلىكى بايقالغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى، 2017-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ۋە مۇستەقىل قانۇنشۇناسلار تەرىپىدىن بۇ دەپسەندىچىلىكلەرنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىكەنلىكى دەلىللەنگەنىدى. ئۇيغۇرلار بولۇپمۇ تۈركىيەگە ئوخشاش خىتاي دۆلىتى «سەزگۈر» دەپ قارىغان دۆلەتلەردىن قايتۇرۇلغىنىدا، ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قېلىشى، سوراققا تارتىلىشى، قىيىن قىستاققا ئېلىنىشى ۋە ئىنسانلىق قېلىپىدىن چىققان مۇئامىلىگە ئۇچرىشى مۇمكىن.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا بۆلۈمى مۇدىرى ئېلېىين پىئېرسۇن، «تۈركىيە ھۆكۈمىتى قايتۇرماسلىق قائىدىسىگە ھۆرمەت قىلىشى ۋە ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپى بولغان ئۈچۈنجى دۆلەتلەرگە يوللاشنى دەرھال توختىتىشى كېرەك. ئۇلارنى تۇنجى قاراشتا پاناھلانغۇچى (refugee prima facie) دەپ تونۇشى كېرەك،» دېدى. پىئېرسۇن يەنە، «باشقا ھۆكۈمەتلەرمۇ، ئۇيغۇرلارنى تۈركىيەگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى توختىتىشى كېرەك؛ چۈنكى تۈركىيە ھازىرقى شارائىتتا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىخەتەر ئۈچىنچى دۆلەت ئەمەس. بۇنىڭدىن سىرت، تۈركىيەدىكى پاناھلانغۇچىلارنى باشقا بىخەتەر دۆلەتلەرگە قايتىدىن يەرلەشتۈرۈشنى ئويلىشىشى كېرەك،» دېدى.
تاللانغان ئۈزۈندىلەر:
«مەن خۇددى جىنايەتچىدەك مۇئامىلە قىلىندىم. بىر يىل قايتۇرۇلۇش مەركىزىدە ياتتىم. ئىقامەت رۇخسىتىمنى بىرقانچە قېتىم يىڭىلاشقا تىرىشتىم لېكىن مەغلۇپ بولدۇم. كۆچمەنلەر ئىدارىسى ئاخىرقى قېتىملىق ئىلتىماسىمنى رەت قىلغاندىن كېيىن، دۆلەتتىن 10 كۈن ئىچىدە چىقىپ كېتىشىم كېرەكلىكىنى يەتكۈزدى. بۇ سەۋەپلىك، (تۈركىيەدىن) ئايرىلىشقا قارار قىلدىم. خىتاي پاسپورتۇمنىڭ ۋاقتى بار ئىدى. ياۋرۇپانىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېرىشىشىم ئۈچۈن ئۆتكۈنچە بول بولىدۇ دەپ قارىغان بىر دۆلەتكە ئايروپىلان بېلىتى ئالدىم. تۈركىيە دائىرىلىرى مېنى ئايرودىرومدا تۇتىۋالدى ۋە ئىككى يىللىق كىرىشتىن چەكلەش بۇيرۇقى بەردى.» – تۈركىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن چەكلەش كودى سەۋەپلىك خالىغانچە ئىجرائىيە نازارىتىگە ئېلىنغان ۋە كېيىن تۈركىيەدىن ئايرىلغان بىر ئۇيغۇر، ئىيۇن 2025.
«شارائىت بەك ناچار ئىدى. بىر قېتىمىدا نازارەتخانا توققۇز كۈن بويىچە تۈزۈك تاماق بەرمىدى. يەنە بىر قايتۇرۇلۇش مەركىزىدە بىر ھەپتە سىمۇنت يەردە ياتتىم ۋە ئىككى كىشى بىلەن بىللە بىر ئەدىيالنى يېپىندىم. كىچىك بىر كاماردا 20 كىشى بار ئىدى. تازىلىق دەيدىغان نەرسە يوق دېيەرلىك. پىتلىنىپ قالغان ئىنسانلارنى كۆردۈم.» – پەرقلىق قايتۇرۇلۇش ئورۇنلىرىدا نەچچە ئاي ياتقان بىر ئۇيغۇر، ماي 2025.
«بەزى ۋاقىتلاردا، «شۈبھىلىك» دەپ قارالغان بىرى بىلەن تېلفۇن كۆرۈشكەن كىشىلەرگە چېغىدا كود قويۇلۇپ قالىدۇ. مەسلەن، «تېرورىزم» گۇمانى بىلەن تۇتۇلغان بىر ئۇيغۇر بار ئىدى. دەلىل يېتەرلىك بولمىغانلىقى ئۈچۈن شەرتسىز قويۇپ بېرىلدى. لېكىن دېلو جەريانىدا تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ كىشى بىلەن تېلفۇن كۆرۈشكەنلىكى ئېنىقلانغان ھەممەيلەنگە گ 87 كودى قويۇلدى. مەزكۇر كىشى قويۇپ بېرىلدى لېكىن بۇ جەرياندا گ87 كودى قويۇلۇپ قالغانلار ئارىسىدا ھازىرغىچە كۆچمەنلىك سالاھىيىتىدە مەسىلە كۆرۈلىۋاتقانلار بار.» – ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەرزلەردە ئىشلىگەن بىر ئادۋۇكات، ئىيۇل 2025.
«ھۆكۈمەتنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇددەتسىز ئىقامەت رۇخسىتىنى بىكار قىلىپ ئورنىغا ئىنسانىي ئىقامەت رۇخسىتى بەرگەن ئەھۋاللار كۆپ. بۇ قارارلار خالىغانچە بېرىلىدۇ. بەزى داۋاگەرلەرنىڭ ئىنسانىي ئىقامىتىمۇ بىكار قىلىندى ياكى يېڭىلانمىدى. بۇ خىلدىكى ئىنسانلارنىڭ بەزىلىرى تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىدە بىر يىلغىچە ياتىدۇ. كېيىن، ھېچقانداق قانۇنىي سالاھىيىتى بولمىغان ئاساستا قويۇپ بېرىلىدۇ. بىر قانچە كۈندىن كېيىن ساقچى توسىغىنىدا قايتىدىن تۇتۇلۇپ، نازارەتكە ئېلىنىشى مۇمكىن. كۈچكە ئىگە ماتېرىيالى بولمىغانلار ئۈچۈن بۇ ھەقىقەتەن قورقۇنۇچلۇق ۋە خەتەرلىك بىر دەۋرىيلىككە ئايلىنىپ قالدى. تۈركىيە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ياشىغىلى بولمايدىغان بىر جايغا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ.» – ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەرزلەردە ئىشلىگەن بىر ئادۋۇكات، ئىيۇن 2025.»
تەييارلىغۇچى: تاھىر ئىمىن
Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى
Subscribe to get the latest posts sent to your email.
