
2025.09.22 15:52 مەنبە: خەلق تورى
9-ئاينىڭ 20-كۈنى، خىتاي خەلق تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، غۇلجا-ئاقسۇ تۆمۈر يولىنىڭ ئالدىنقى قاراتلىق قۇرۇلۇشىدا 9-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئىش باشلاش مۆلچەرلەنگەن.
غۇلجا-ئاقسۇ تۆمۈر يولى جىڭ-قورغاس لىنىيەسى ۋە ئاتالمىش «جەنۇبىي شىنجاڭ» لىنىيەسىنى تۇتاشتۇرۇپ، ئاتالمىش جەنۇبىي ۋە شىمالىي رايونىنى بىۋاسىتە تۇتاشتۇرىدۇ.
خىتاي خەلق تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «تۈركەل پۈتكەندىن كېيىن، جەنۇب بىلەن شىمالنىڭ قولايلىق ئالاقىلىشىش يېڭى يولىنى ئېچىپ، جەنۇبىي ۋە شىمالىينىڭ ئالاقىسىنىڭ تۇرپاننى ئايلىنىپ ئۆتۈش تارىخىغا خاتىمە بېرىپ، جەمئىيەتنىڭ مال-دۇنيا ئايلاندۇرۇش تەننەرخىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ سەپەرگە چىقىشتىكى تاللاشلىرىنى كۆپەيتىپ، لىنىيە بويىدىكى بايلىقلارنى ئېچىش ۋە مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولىدۇ.»
ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرى ۋە ئىنسان ھوقۇقلىرى تەشكىلاتلىرى يىللاردىن بېرى، خىتاي يارىتىۋاتقان ئىقتىسادىي تەرەققىياتلار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىقتىسادىي تەرەققىيات يارىتىشتىن كۆرە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەنلەر سىياسىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە كۆچمەن خىتايلار قۇرغان كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ كەلمەكتە.