نويابىر 21, 2025
ئاسيە ئۇيغۇر: ئەركىنلىك مەشئ‍لى ئۆچمەيدۇ

(1933 – ۋە 1944 – يىللىرى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرىلەپ)

ئاسىيە ئۇيغۇر 2025 – يىلى 12 – نويابىر

12 – نويابىر ئۇيغۇرلار ئۆز تارىخىدا ئىككى قېتىم مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت  قۇرۇپ چىققان خاتىرە كۈندۇر. 1933 – يىلى تۇنجى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان بولۇپ، ئارىدىن 11 يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى ئوخشاش كۈندە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانىدى. گەرچە ھەر ئىككى جۇمھۇرىيەت ئۇزۇن مەزگىل داۋام قىلالمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەت ئۇيغۇرلار تارىخىدا ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان. شۇڭا ھەر يىلى 12 – نويابىر كۈنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار بۇ ئىككى قېتىملىق جۇمھۇرىيەت كۈنىنى ھەر خىل شەكىلدە خاتىرىلەپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار بۇ جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەش ئارقىلىق، بىر مىللەتنىڭ ئەركىنلىكى تارتىۋېلىنسىمۇ، ئەركىنلىككە تەلپۈنۈش ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆرەش قىلىش ئىرادىسىنىڭ مەڭگۈ داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. 

1933 – يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئۇيغۇرلاردىكى مىللىي ئويغىنىش يۈكسەك پەللىگە كۆتۈرۈلگەن مەزگىلدە قۇرۇلغانىدى. ئەينى چاغدا، ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن ئاتالمىش جۇڭخۇا مىنگو ئېغىر سىياسىي كرېزىس ئىچىدە بولۇپ، ئىمپېرىيالىزمنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشى ۋە يەرلىك مىللىتارىستلار بىلەن بولغان كۆرەشلەر ئۇيغۇر خەلقىگە ئېغىر ئازاب – ئوقۇبەتلەرنى ئېلىپ كەلگەنىدى. 

مانجۇ ئىمپېراتورلۇقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، زامانىۋىي دۆلەت قۇرۇش ھەرىكىتى(يەنى ئاساسىي قانۇن ھەرىكىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)نىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، «بەش مىللەت بىرلىشىپ ئورتاق بىر China چىن دۆلىتى قۇرۇش» ئىدىيىسى ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ ئىدىيە مانجۇ ئىمپېراتورلۇقى مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى ئۇيغۇر، موڭغۇل، تىبەت، خىتاي ۋە جۇاڭلاردىن ئىبارەت 5 چوڭ مىللەتتىن تەركىپ تاپقان «يېڭى چىن ئىدىيىسى(新中国思想)»ئاساسىدا بىرلىشىپ، ئىناق ۋە بىللە ياشاشنى تەشەببۇس قىلاتتى. لېكىن مانجۇ ئىمپېراتورلۇقى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، يېڭى قۇرۇلغان «جۇڭخۇا مىنگو (中华民国)» بىردىنلا ئاشقۇن خىتاي مىللەتچىلىكىگە يۈزلەندى. خىتاي بولمىغان مىللەتلەر ئاسمىلاتسىيە قىلىنىشقا ۋە باستۇرۇلۇشقا باشلىدى. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇ ئەھۋالنىڭ داۋاملىشىشى، ئۆزلىرىگە مەنسۈپ بولغان زېمىن، تارىخ، تىل، مەدەنىيەت ۋە مىللەت كىملىكىنىڭ پۈتۈنلەي يوقىتىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى. دەل مۇشۇنداق جىددىي پەيتتە، ئۇيغۇر خەلقى ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىق بايرىقىنى كۆتۈرۈپ، ئىززەت – ھۆرمىتى ۋە كەلگۈسىنى قوغداش ئۈچۈن  كۆرەشكە ئاتلاندى. بۇ خىل كرېزس ئېڭى ئۇيغۇرلارنىڭ 1933 – يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ چىقىشىغا ئاساس بولدى. گەرچە بۇ جۇمھۇرىيەت ئەينى ۋاقىتتىكى ئىچكىي ۋە تاشقىي قىيىنچىلىقلار تۈپەيلى ئۇزۇن سۈرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ زامانىۋىي دۆلەت قۇرۇش ۋە ھۆر ياشاش ئىرادىسىگە ئىگە بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلغان تۇنجى دۆلەت ئىدى. مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشتىكى بۇ قىسقا ئۇرۇنۇش، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ شۇنىڭدىن كېيىنكى مۇستەقىللىق كۆرەشلىرىنىڭ مەنىۋىي ئاساسىنى ياراتتى. 

بىر دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشى سىياسىي چېگرانىڭ سىزىلىشىلا بولماستىن، بەلكى يەنە بىر مىللەتنىڭ ئۆز تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە كەلگۈسىگە قايتا ئىگىدارچىلىق قىلغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر؛ بۇ ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەملىكە كۈچلەر ئۈستىدىن غالىب كەلگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى ۋە ئۆز كەلگۈسىنى يارىتىش قەدىمىنىڭ ئېلىنىشى ئىدى. مەيلى ئۇنىڭ نەتىجىسى قانداق بولسۇن، مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشقا ئۇرۇنۇشنىڭ ئۆزىلا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كەلگۈسىگە مۇھىم ۋە زور ئۆزگۈرۈشلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى.  

ئارىدىن 11 يىل ئۆتۈپ، 1944 – يىلى 12 – نويابىر، ئىككىنجى قېتىملىق جۇمھۇرىيەت قايتا قۇرۇلۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىدە ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىق مەشئىلىنى قايتىدىن ياندۇردى. جۇمھۇىيەت قۇرۇلغان قىسقىغىنە 5 يىل ئىچىدە ھاكىمىيەت، ئارمىيە، مائارىپ، مەدەنىيەت ۋە دىپلوماتىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز – ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى نامايەن قىلدى. گەرچە چوڭ كۈچلەر ئارىسىدىكى تىركىشىش ۋە كېلىشىملەر ئاستىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يېڭى دۆلىتى مەجبۇرىي يوقىتىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ دۆلەت قالدۇرغان مۇستەقىللىق تەجرىبىسى ۋە مىللەتنىڭ كوللىكتىپ ئەسلىمىلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەسەۋۋۇرىدا ئىزچىل مەۋجۇتلۇقىنى يوقاتماي كەلدى. 

70 نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى. خەلقئارا جەمىيەت مۇستەملىكىچىلىكنى يىلتىزىدىن يوقىتىشتا ئورتاق تونۇشقا كېلىپ، بىرلىكتە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر خەلقى مۇستەملىكە ئاستىدا ياشاشتەك قىسمەتتىن قۇتۇلالمىدى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رادىكال مىللەتچىلىك ئىدىيىسىنىڭ زۇلۇمى ئاستىدا قالغان ئۇيغۇرلار ئاتالمىش «يەر ئىسلاھاتى»دىن تاكى «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»غىچە تۈرلۈك سىياسىي ھەرىكەتلەرنىڭ زىيانكەشلىكلىرىگە ئۇچرىدى. «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» ئاخىرلىشىپ، كوممۇنىست خىتاي ئاتالمىش «ئىسلاھات»نى باشلاپ، غەرب دۇنياسىغا ئىشىكىنى ئاچتى. بۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسىدا زور بۇرۇلۇش ھاسىل بولدى. خىتاي بۇنىڭ بىلەن تېزلا باي بولدى ۋە تەرەققىي قىلىشقا باشلىدى. ھالبۇكى، مەزكۈر «ئىسلاھات»مۇ ئۇيغۇرلارغا ھېچقانداق بۆسۈش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ياكى ياردەم ئېلىپ كېلەلمىدى. ئادەمنى تېخىمۇ بىئارام قىلىدىغىنى شۇكى، خىتاي مەركىزىي كومىتېتى «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، يەرلىككە قارىغاندا ئالدىن بېيىش سالاھىيىتىگە ئىگە» دېگەن سەۋەبنى كۆرسىتىپ، بىڭتۈەن باشچىلىقىدىكى كۆچمەن خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بايلىقى، زىمىنى ۋە خىتاينىڭ كۈچلۈك قوللىشى بىلەن باي بولۇپ كېتىشىگە ئاساس سالدى. دېمەك، كوممۇنىست خىتاينىڭ بىڭتۈەنگە بەرگەن ئالاھىدە ئىمتىيازى بىڭتۈەننىڭ كۈچلەندۈردى ۋە باي قىلدى. ئەكسىچە، ئۇيغۇرلار بۇ مەزگىلدە تارىختىكى ئەڭ نامرات ھالغا چۈشۈپ قالدى. چۈنكى ئۇيغۇرلار ئۆز تۇپراقلىرىدا مۇستەملىكە ھاكىمىيەتنىڭ ھېچقانداق قوللىشى، ئىقتىسادىي ياردىمى ياكى ئەۋزەل سىياسەتلىرىگە ئېرىشەلمىگەنىدى. قىزىقارلىق يېرى، ئۇيغۇرلارنىڭ نامراتلىشىپ كېتىش سەۋەبىنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى بىلەن خۇراپاتلىقلىرىغا باغلاپ تەشۋىق قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئوبرازىنى خىتاي دۆلىتى مىقياسىدا پۈتۈنلەي سەلبىيلەشتۈرۈلدى. شۇنداق قىلىپ ئۇيغۇرلار ئاتالمىش «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» ئاخىرلاشقاندىن باشلاپ تاكى 90 – يىلللارغىچە، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئىچىدىكى ئەڭ نامرات مىللەتكە ئايلاندۇرۇلدى. 

 ئۇيغۇرلارنىڭ نامراتلىشىپ كېتىشىدىكى ئەسلى سەۋەب بولغان سىياسىي ھەقلىرىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلۇش ۋە سىياسىي باستۇرۇشلار مەقسەتلىك ھالدا يوشۇرۇلدى. ھۆكۈمەت ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نامراتلىق سەۋەبلىرى «دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيىسى» ۋە «مەدەنىيەتتە ئارقىدا قېلىش» دەپ تەشۋىق قىلىندى؛ ھەتتا بۇ سەۋەبلەرنى تۇتقا قىلىپ، «ئۇيغۇرلارنى نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇپ، مەدەنىيەتكە يۈزلەندۈرۈش» چاقىرىقلىرى ئوتتۇرىغا چىقتى. ئەپسۇسكى، دەل بۇ خىل مەنتىقە، يەنى، «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» بىلەن «ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش» بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئۇيغۇرلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشنىڭ يېڭى ئۇسلۇبى « ئىجاد» قىلىندى. 

نەتىجىدە، كوممۇنىست خىتاي «تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش» ۋە «ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش» نامىدا جازا لاگىرلىرىنى قۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى كوللىكتىپ قامىدى.  «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش»نامىدا، يەر – زىمىنلىرىدىن ئايرىپ، خىتاي كارىخانىلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سالدى. «مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» نامىدا دىنىي ئېتىقادلىرىنى چەكلىدى، ئۇيغۇر تىلى، مائارىپى ۋە مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلىپ، خىتاي كىملىكىنى زورلاپ تاڭدى. خىتاينىڭ بۇ سىياسەتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە مىللىي روھىنى بىتچىت قىلىپلا قالماي، بەلكى ئۇلارغا ھەقىقىي مەنىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشنىڭ قانۇنىي ئاساسىنى ھازىرلىدى. ئۇيغۇرلار ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئاستىدا ئېڭراۋاتقاندا، مۇتلەق كۆپ ساندىكى خەلقئارا جامائەت بۇ جىنايەتلەرگە سۈكۈت قىلىشنى تاللاپ، خىتاينى تېخىمۇ جاسارەتلەندۈردى.  

دېمەك، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى زۇلۇم ئاخىرلاشمىدى بەلكى تېخىمۇ ئېغىرلاشتى. مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تارىختىكى جۇمھۇرىيەتلىرىنى ئەسلەش ۋە خاتىرىلەش تېخىمۇ مۇھىم. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇق تۇيغۇسىنىڭ داۋاملىشىشى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئەركىنلىك ۋە غۇرۇر تۇيغۇلىرىنىڭ داۋاملىشىشىدۇر. مۇشۇنداق ھەقىقىي تارىخلار خاتىرىلىنىپ، قىممەتلىك ئەسلىمىلەر ئۇنتۇلۇپ قالمىسىلا، تارىخ ھەرقانچە بۇرمىلانسىمۇ، ئۇيغۇرلار ئۆز مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئەھمىيىتىنى قايتا تونۇپ يېتەلەيدۇ. 

نۆۋەتتە، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق پەقەت سىياسەت ۋە تۈزۈم قاتلىمىدىكى زۇلۇملار بولۇپ قالماي، بەلكى ئۇ ئاللىبۇرۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىسى، تىلى، مەدەنىيىتى، مائارىپى، ھەتتا نورمال ھاياتىغا بۆسۈپ كىردى. مۇشۇنداق بىر شارائىتتا، جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەش ئۇيغۇرلار ئۈچۈن، پەقەت نوقۇل ھالدىكى تارىخنى ئەسلەشلا بولماستىن، بەلكى ئۇ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كوللىكتىپ مىللىي كىملىكىنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ بىر ۋاستىسىغىمۇ ئايلانماقتا.

گەرچە نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تولىمۇ مۈشكۈل بىر ھالەتتە بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرلار ئۆزىدىن ۋاز كەچكىنى يوق. ئۇلار مۇھاجىرەت ھاياتىدا ئۆز تارىخىنى، ئىلمىي ئەمگەكلىرىنى، مەدەنىيەت – سەنئەتلىرىنى تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئارقىلىق داۋام قىلىپ، مىللىتى ئۈچۈن ئىزچىل ئاۋاز چىقىرىپ كېلىۋاتىدۇ. چۈنكى ئۇيغۇرلارغا ئايانكى، ئەسلەش ۋە خاتىرىلەشنىڭ ئۆزى بىر قارشىلىقتۇر، كۆرەشتۇر، ھەتتا ئۇيغۇرلارنى ئۇنتۇرۇلدۇرۇشنى رەت قىلىشتۇر!

ئۇيغۇرلارنىڭ جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلىشى بىر مۇراسىملا بولماستىن، بەلكى كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىغا تەلىم بېرىدىغان، دۇنياغا ئاۋازىنى ئاڭلىتىدىغان، ئۇيغۇرلارنىڭ تېخى ھايات ئىكەنلىكىنى، ھېلىمۇ ئەركىنلىك ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىغان بىر پوزىتسىيەدۇر.  ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئەركىنلىك بىر شۇئار ئەمەس، بەلكى مەۋجۇتلۇقنىڭ ئاساسىدۇر! ئەركىنلىك ئۇيغۇر ئانىلىرىنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىگە ئانا تىلنى ئۆگىتىۋاتقان دەرسلىرىدە، ئۇيغۇر تارخچىلىرىنىڭ خىتاي چەكلىگەن تارىخلارنى سۆزلەۋاتقان نۇتۇقلىرىدا، ئۇيغۇر يازغۇچىلارنىڭ زۇلۇمنى تەسۋىرلەۋاتقان بايانلىرىدا، ئۇيغۇر شائىرلارنىڭ ئازاب ۋە ئۈمىدنى ئىپادىلەۋاتقان مىسرالىرىدا، شۇنداقلا ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ قەلبىدە ۋە  دۇئاسىدا داۋاملىشىدۇ!

ئەركىنلىك ھەر بىر ئىنسان ئۈچۈن  كەلگۈسى ئەۋلاتلارغا مىراس قالىدىغان ئېتىقاد، زۇلمەتتىن قورقماس كۈچلۈك ئىرادىدۇر. ئەركىنلىك ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاسان قولغا كەلمەسلىكى مۇمكىن، ئەمما ئەركىنلىككە بولغان ئۈمىد ۋە ئىشەنچ ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ قەلبىگە مۆھۈر بولۇپ بېسىلىپ، مەڭگۈ يوقالمايدۇ. 

جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەش، پەقەت ئۆتمۈشنى ئەسلەش بولماستىن، بەلكى بۇ ئىككى قېتىملىق جۇمھۇرىيەتنى قۇرغۇچى ئەجدادلارنىڭ مۇستەقىللىق روھىنى داۋام قىلىشتۇر. چۈنكى ئۇلارنىڭ روھى ئۇيغۇرنىڭ غۇرۇرىغا، غەيرىتىگە ۋە تاللىشىغا ۋەكىللىك قىلىپلا قالماي، بەلكى بۇ روھ ئۇيغۇرلارنى كەلگۈسىگە يېتەكلەيدىغان مەشئەلدۇر. ئۇيغۇرلار ئىرادىلىك بولسىلا، ھەرگىز يوقالمايدۇ. ئۇيغۇرلار يوقالمىسىلا، ئۇلارنىڭ ۋەتىنىمۇ يوقالمايدۇ ۋە ئۇلارنىڭ  مۇستەقىللىق ئارزۇسى ھامان رېئاللىققا ئايلىنىدۇ. 

ئۇيغۇر پوچتىسىدا ئېلان قىلىنغان ئوبزور ماقالىلىرى ئاپتورنىڭ مۇستەقىل كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

ئاسىيە ئابدۇلھەپ (1973-يىلى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان) گوللاندىيەلىك-ئۇيغۇر سىياسىي ئوبزورچى، تەتقىقاتچى ۋە ئىنسان ھەقلىرى قوغدىغۇچىسى. ئۇ ۋەتەندە «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىدا مۇھەرىر بولۇپ ئىشلىگەن. چەتئەلدە ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىدا (RFA) سىياسىي ئوبزورچى بولۇپ خىزمەت قىلغان. ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم تۆھپىسى 2019-يىلدىكى «خىتاي سىملىرى» (China Cables) دېلوسىدا قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرىنىڭ ئىچكى مەشغۇلاتىنى ئاشكارىلايدىغان ئىچكى ھۆججەتلەرنى خەلقئارالىق دائىرىلەرگە تارقىتىشى ۋە 2021-يىلدىكى «قىزىل ھۆججەتلەر» تەتقىقات دوكلاتىنى تاماملىشى بولۇپ، بۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى دۇنيانىڭ دىققىتىگە كەلتۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىغان.


Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe to get the latest posts sent to your email.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe now to keep reading and get access to the full archive.

Continue reading