نويابىر 21, 2025
رەيچېل ھاررىس: ياتقان يېرىڭىز جەننەتتە بولسۇن، ئابلىز شاكىر!

رەيچېل ھاررىس: ياتقان يېرىڭىز جەننەتتە بولسۇن، ئابلىز شاكىر!

پروففېسسور رەيچېل ھاررىس (Prof. Rachel Harris)

ئىنگىلىزچە تېكستنى بۇ يەردىن ئوقۇڭ؛

مەن ئابلىز شاكىرنىڭ قالتىس ئاۋازىنى تۇنجى قېتىم 2001-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ياتاق بىناسىدا ئاڭلىغانىدىم.

كارىدورنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى بىر ئۇيغۇر ئاسپىرانت ھەر كۈنى قاق سەھەردە ئابلىز شاكىرنىڭ ئۈنئالغۇ لېنتىسىنى يۇقىرى ئاۋازدا قوياتتى. مەن ناخشىچىنىڭ ئىسمىنى بىلگەندىن كېيىن، دەرھال بازارغا بېرىپ، ئىزدەپ-سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ، ئۇنىڭ ئۆزۈم تاپالىغان ھەممە لېنتىسىنى سېتىۋالدىم. مېنىڭ ئۇيغۇر مۇقامىغا بولغان مۇھەببىتىم شۇنىڭ بىلەن باشلاندى. مەن ئابلىز شاكىرنىڭ ئىلى مۇزىكا ساھەسىدىكى مۇساجان روزى، سەيدۇللا توختى، نۇرمەمەت تۇرسۇن ۋە باشقا ئۇستازلار بىلەن بىرلىكتە ئورۇنلىغان راك، چەببىيات، نەۋا ۋە مۇشاۋىرەك مۇقاملىرىنىڭ مۇقەددىمە ۋە داستانلىرىنىڭ ئىلى ۋارىيانتىنى پۈتۈن زېھنىم بىلەن توختىماي ئاڭلايتتىم. ئابلىز شاكىرنىڭ شۇ جاراڭلىق ئاۋازى ۋۇجۇدۇمغا روھ ۋە خۇشاللىق بېغىشلايتتى، ھازىرمۇ شۇنداق.

2006-يىلى تەلىيىمىزگە يولدىشىم ئىككىمىز ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق. ئۇ بىزگە 1960-يىللاردىكى جاپالىق كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ بەردى. ئۇ غۇلجىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان بولۇپ، سەككىز يېشىدا ناخشا ئېيتىشقا باشلىغان. ئۇ 1959-يىلى يېڭىدىن قۇرۇلغان رادىيو ئانسامبىلىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىلگەن، ئەمما 1962-يىلى ئۇنىڭ ئايالى كىچىك بالىسىنى ئېلىپ قازاقىستانغا كەتكەن. ئۇلار شۇ يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىدا يېڭى ھايات باشلاش ئۈمىدىدە چېگرادىن ئۆتكەن 60 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىچىدىكى ئىككى جان ئىدى. ئابلىز شاكىرنىڭ ئايالىنىڭ ئارقىسىدىن چېگرادىن چىقىش تەلىپى خىزمەت ئورنى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان ھەمدە ئۇنىڭغا «ئەكسىلئىنقىلابچى» دېگەن قالپاق كىيگۈزۈلىپ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىشكە ھۆكۈم قىلىنغان. ئۇ ئون يىل رادىيونىڭ دېھقانچىلىق بۆلۈمىدە ئات، كالا باققان ۋە ھارۋا ھەيدىگەن. ئۇنىڭ دەپ بېرىشىچە، ئۇنىڭ رادىيودىكى بىر تېخنىك دوستى ئىشخانا دېرىزىسىنى ئېچىپ قويۇپ، ئۇنىڭغا مۇقاملارنى قويۇپ بەرگەن، ئۇ دېرىزىنىڭ سىرتىدا «ئوغرىلىقچە» ئاڭلاپ، بىر قانچە مۇقامنى ئۆگىنىۋالغان.

 1972-يىلى ئاقلانغاندىن كېيىن، ئابلىز شاكىر ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقام مۇزىكىلىرىنى توپلاش ۋە رەتلەش خىزمىتىگە كىرىشكەن. ئۇ مۇقامنىڭ «ئابىچەشمە» ۋە «مۇستەھزات» (قىسىملىرىنى) ۋە «ئىشرەت ئەڭگىز» دەپ ئاتىلىدىغان يېڭى بىر مۇقامنىڭ قايتىلانمسنى بايقىغان. ئەلۋەتتە، ئۇ بىر تەتقىقاتچى سۈپىتىدە ئېرىشكەن خەلق ھۆرمىتىدىن شەكسىز پەخىرلىنەتتى، ئەمما ئۇ بىر ئورۇنلىغۇچى سۈپىتىدە خەلق تەرىپىدىن تېخىمۇ چوڭقۇر سۆيۈلگەن ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان. ئابلىز شاكىر 1980-يىللاردىكى غۇلجا ئولتۇرۇشلىرىنىڭ جانلىق ئەزاسى بولۇپ، تەمبۇر ۋە دۇتارنى ئوبدان چالاتتى، ئىلى خەلق ناخشىلىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتاتتى. ئەمما مېنىڭ ئەڭ ياقتۇرىدىغىنىم يەنىلا مۇقامنىڭ ئىلى ۋارىيانتى خاتىرىلەنگەن شۇ كلاسسىك لىنتىلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ھازىر ئومۇملاشقان كەسپىي ئۆلچەمدىن خېلىلا پەرقلىنىدۇ. مەن ئۇنىڭ ئورۇنلىشىدىكى «مۇشاۋىرەك» نۇسخىسىنى ئالاھىدە ياخشى كۆرىمەن، چۈنكى ئۇ ئەڭ قايغۇلۇق ناخشىلارنى ئېيتقاندىمۇ، ئاۋازىدىكى شۇ قەھرىمانلىق روھىنى ھەقىقىي يەتكۈزۈپ بېرەلەيتتى. ئۇ ھەقىقەتەنمۇ كاتتا سەنئەتكارلارنىڭ بىرى ئىدى.

غەمدىن قۇتۇلمىغان مېھنەتلىك باشىم،

كۈندە يۈز-مىڭ ھىجرانلار بولدى، نەيلەيىن.

قارارى يوق شۇم پەلەكنىڭ گەردىشى،

تۈگىمەس سەۋداغا سالدى، نەيلەيىن.

— مۇشاۋىرەك مۇقامى 2-داستاندىن

ئاپتورنىڭ رۇخستى بىلەن  ئىنگىلىزچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: تاھىر ئىمىن


Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe to get the latest posts sent to your email.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe now to keep reading and get access to the full archive.

Continue reading