نويابىر 21, 2025
ئۇيغۇرشۇناسلارغا قارىتىلغان خىتاي سىياسىتىنىڭ ئەڭ يىڭى ئۆرنىكى-پراففىسۇر لورا مۇرفى ۋەقەسى

ئۇيغۇرشۇناسلارغا قارىتىلغان خىتاي سىياسىتىنىڭ ئەڭ يىڭى ئۆرنىكى-پراففىسۇر لورا مۇرفى ۋەقەسى

ئىھسان ئۇمۇن

ئاكادىمىك دۇنيا ۋە كىشىلىك ھوقۇق ساھەلىرىدىن خىتاي ھۆكىمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىلىرى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان تەتقىقاتچىلارغا سىياسىي بىسىم ۋە ئاكادىمىك توسالغۇ يارىتىش ئۈچۈن تۈرلۈك ۋاسىتىلەرنى قوللىنىۋاتقانلىقىغا ۋە ھەتتا بۇ ئۇرۇنۇشنىڭ غەرىپ ئاكادىمىك ئورگانلىرىغا قاراپ كىڭىيىۋاتقانلىقىغا ئائىت ئەيىبلەشلەر كۈنسىرى كۆپەيمەكتە.

پروففېسسور لاۋرا مۇرفى ئۇچرىغان بىسىم بۇ ئەيىبلەشلەرنىڭ ئەڭ يىڭى ئۆرنىكىدۇر.

خەلقارادىكى نوپۇزلۇق تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكىمىتىنىڭ تەھدىتلىرى ۋە تىجارى توسالغۇلىرى سەۋەپلىك ئەنگىلىيەدىكى شافىلىد ھالىم(Sheffield Hallam University) ئۇنىۋىرسىتىتى ئىككى يىلدىن بېرى كىشىلىك ھوقۇق ۋە زامانىۋى قۇللۇق تەتقىقاتلىرى پروففېسسورى لورا مۇرفى (Laura Murphy)غا ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلىرى سەۋەپلىك بېسىمغا ئۇچرىغان. 

ب ب س ۋە مۇھاپىزەتچى خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ 2022-يىلىدىن 2024-يىلىغىچە بولغان ئىككى يىل مابەينىدىكى مەزكۇر ئۇنىۋېرىسىتېتنىڭ ئىچكى خەت-چەكلىرىگە ئاساسلانغان خەۋەرلىرىدە، ئۇنىۋېرىسسىتېتنىڭ تىجارى مەنپەئەت بىلەن ئاكادىمىك ئەركىنلىك ئارىسىدا تاللاشقا مەجبۇرلانغانلىقى بايان قىلىنغان.

2022-يىلى، ئۇنىۋىېرسىتېتنىڭ خىتايدىكى تور بىكەتلىرى ۋە ئۇنىۋىېرىسسىتېتنىڭ خىتايدىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن بولغان رەسمى ئېلخەت ئالاقىلىرى بۇ ئۇنىۋېرىسىتېتنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگەك تەتقىقاتلىرى سەۋەپلىك خىتاي ھۆكىمىتى تەرىپىدىن چەكلەنگەن.

2024-يىلى ئاپرېلدا، خىتاي دۆلەتلىك بىخەتەرلىك ئىدارىسىدىن ئۈچ مۇناسىۋەتلىك خادىم شافلىد ھالىم ئۇنىۋېرىسسىتېتىنىڭ خىتايدىكى ئىشخانىسىغا كېلىپ، ئىشخانا خادىملىرىدىن كىلەچەكتىكى تەتقىقات تېمىلىرى ھەققىدە ئىككى سائەت سوئال سورىغان ۋە ئۇنىۋېرىسىتىت تور بەتلىرىنىڭ خىتايدا چەكلىنىشىنىڭ سەۋەبىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلار ئىكەنلىكىنى ئوچۇق-ئاشكارە ئېيىتقان. 

2024-يىلى، خىتاي ھۆكىمىتى پراففېسسور لاۋرا مۇرفىنىڭ مەجبۇرى ئەمگەك بىلەن مۇناسىۋەتلىق تەتقىقاتىنى «تۆھمەت» دەپ قاراپ، ئەرز سۇنغان بولۇپ، ئۇنىۋېرىسىتېت داۋادىن كېيىن مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات نەتىجىلىرىنى نەشىر قىلماسلىقنى قارار قىلغان.

 ئۇنىڭدىن باشقا 2025-يىلىنىڭ بىشىدا بۇ ئۇنىۋىرسىتېت «تەتقىقات سۇغۇرتىسىنىڭ سۇغۇرتا خىزمىتىدىن ۋاز كەچكەنلىكى ۋە  ئەنگىلىيەدىكى خىزمەتچىلىرىگە بولغان مەسئۇلىيىتى»نى باھانە كۆرسىتىپ، ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلارنىڭ توختىتىلغانلىقىنى ئىلان قىلغان.

پروففېسسور مۇرفى كۆپۈنچىسى ئۇيغۇر بولغان تەتقىقات گورۇپپىسىنىڭ مەجبۇرى ئەمگەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا قانۇنىي جەھەتتىن ئىلتىماس سۇنغان بولۇپ، نەتىجىدە شافلىد ھالىم ئۇنىۋرېرسىتېتى پروفېسىسور مۇرفىدىن رەسمى كەچۈرۈم سورىغان ۋە تەتقىقاتلىرىنى داۋاملاشتۇرىشىغا رۇخسەت قىلغان.

لاۋرا مۇرفى خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بەزى تېخنىكا ۋە سىتراتېگىيىلىك ئۇل-مۇئەسسەلەر توغرىسىدا   تەتقىقاتلىرىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ دۇنياغا ئاشكارلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان نۇرغۇن تەتقىقاتچىلارنىڭ ئۇنىۋېرىسىتېت مەمۇرىيىتىنىڭ تەتقىقاتلىرىنى چەكلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى ۋە مۇنداق دېدى:

«مىنىڭ ئۈمۈدىم ئۇنىۋېرىسىتېتىمىزدا يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەنىڭ مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ ئۇيغۇر جەمىيىتىگە قارىتىلغان بېسىمنى ئارخىپلاشتۇرۇش ۋە بۇنىڭغا قارشى چىقىش ئەركىنلىكىمىزگە بۇندىن كىيىن دەخىل-تەرۈز يەتكۈزۈشكە جاسارەت قىلالماسلىقى ئۈچۈن بىر ئۆرنەك بولىشىدۇر.»

ياۋرۇپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى، جەمئىيەتشۇناس دوكتور دىلنۇر رەيھان زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ يۇقىرى مائارىپ ۋە تەتقىقات پروگراممىلىرىنىڭ پۇلىنى قىسىپ، ئۇنىۋېرسىتېتلار ۋە تەتقىقات مەركەزلىرىنى شەخسىيلەشتۈرۈپ، پۇلى كۆپ، ھاكىممۇتلەق دۆلەتلەرنىڭ قوينىغا ئىتتىرىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇ مەسىلىنىڭ ئەڭ نىگىزلىك سەۋەپلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى، بۇ ئەھۋالنىڭ ئەنگىلىيە باشلامچىلىقىدىكى ئانگلو-ساكسون دۆلەتلىرىدە نەچچە ئون يىللاردىن بېرى ئىغىرلىشىۋاتقان ئېچىنىشلىق بىر ئەھۋال ئىكەنلىكىنى ئېيىتتى ۋە پراففېسىسور لورا مۇرفى ۋەقەسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «پراففېسسور لاۋرا مۇرفى ئۇچرىغان بۇ ئىش ئۆزلىرىنى بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئەركىنلىكنى قوغدايدىغان بىردىنبىر جۇغراپىىيە دەپ قاراۋاتقان غەربىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ئۈچۈن بىر نۇمۇس.»

تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ۋە مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندىم لاۋرا مۇرفى خانىمنىڭ ئىزچىل خىتاينىڭ زامانىۋىي قۇللۇق سىياسىتىنى پاش قىلىۋاتقان مۇھىم تەتقىقاتچىلاردىن بىرى ئىكەنلىكىنى، بۇ ئۇنىۋېرىسىتېتنىڭ خىتايغا تەسلىم بولۇشىنىڭ قۇللۇقنى قۇبۇل قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى:

«ئاكادىمىك ئەركىنلىكى بولمىسا ئىلىم-پەن بولمايدۇ. ئاكادىمىك ئەركىنلىكنى قوغدىماي تۇرۇپ نوپۇزغا تاقابىل تۇرغىنى بولمايدۇ. نوپۇزغا تاقابىل تۇرماي تۇرۇپ، سىياسىي ھاكىممۇتلەقلىققە تاقابىل تۇرغىنى بولمايدۇ. مەن بۇ خىل ئەھۋالنىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

ئۇنىۋېرىسىتېت خىتاي ئۇقۇغۇچىلار بازىرىغا ئېرىشىش ئۈچۈن خىتاي ئىستىخبارات ئورگانلىرى بىلەن بىۋاستە كېلىشىشكە تىرىشقانلىقى سەۋەپلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە ئاكادىمىك دۇنيا تەرىپىدىن ئىغىر تەنقىتلەنمەكتە. 

خىتاينىڭ غەرىپنىڭ ئاكادىمىك ئورگانلىرىدىكى تەسىرىنىڭ ئېشىشىنىڭ خىتاينىڭ سېنزۇر سىياسىتى يۈرگىزىۋاتقان ساھەلەرنىڭ تەتقىقاتچىلىرىغا قارىتا ھەرخىل بېسىم ۋە تەھدىت ئېلىپ كېلىش ئىېھتىمالىنى كۈنسېرى كۈچەيتىۋاتقانلىقى توغرىسىدا مۇنازىرىلەر كۆپەيمەكتە. 

كىشىلىك ھوقۇقنى كۈزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى يالقۇن ئۇلۇغيول خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردا چەتئەلدىكى پائالىيەتچىلەر، خىتاينى تەنقىد قىلىدىغان ئاكادېمىكلار، ۋە ئۇيغۇرلارنى «ھەرخىل رەزىل ئۇسۇللار بىلەن باستۇرۇشقا ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىنسانىيەتكە قارشى قىلمىشلىرىنى ئاشكارا قىلىدىغان تەتقىقاتلارنى توسۇش ئۈچۈن ئەركىن دۆلەتلەردىكى قانۇنى يوللارنى سۈيئىستىمال قىلىشقا» تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيىتتى ۋە مۇنداق دېدى:«يېقىندىن بېرى يۈز بېرىۋاتقان بۇ قىلمىشلار، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دۆلەتلەر ئۈچۈن كۈچلۈك بىر بىشارەت بولىشى كېرەك. ھۆكۈمەتلەر ئاكادېىمىكلارنىڭ ۋە پائالىيەتچىلەرنىڭ ھۆرلۈكى ۋە مۇستەقىللىقىنى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش تاكتىكىلىرىدىن قوغدىشى لازىم.»

لاۋرا خانىم غەرىپتىكى ئورگانلار چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىدىن كەلگەن تەھدىتلەرنى دەرھال تۇرۇشلۇق دۆلەتتىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملارغا يەتكۈزىشى ۋە مەسىلىنى ھەل قىلىشنى ھۆكۈمەتلەرگە تاپشۇرۇپ بېرىشى كېرەكلىكىنى ئېيىتتى. ئۇ بۇ خىل بېسىملاردىن قورقمايدىغانلىقىنى ئېيىتىپ مۇنداق دېدى:

«سۈكۈت قىلمىغانلىقى ئۈچۈن بىزدىن تېخىمۇ كۆپ بەدەللەرنى تۆلىگەن ئۇيغۇر خىزمەتداشلىرىمغا قاراپ، تەتقىقاتلىرىم ئارقىلىق ئۇلارنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىلھام ئالىمەن. خىتاينىڭ قىلغانلىرىنى يوشۇرىشىغا رۇخسەت قىلالمايمىز. ئەستايىدىللىق بىلەن ياخشى ئارخىپلاشتۇرۇلغان تەتقىقاتلار ھازىر ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن مۇھىم.»

خىتاي ھۆكىمىتىنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان تەھدىت ۋە چەكلەش سىياسەتلىرى ئۇيغۇرشۇناسلار ۋە چەتئەلدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۈچۈن يىڭى بىر مەسىلە ئەمەس. ئۇيغۇر يىغىۋىلىش لاگىرلىرى توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان، چىخ پالاسكى ئۇنىۋىرسىتىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى دانىيىلىك ئانتىروپولوگ غۇنى سىتانبەرگ ئۇيغۇر تەتقىقاتلىرى سەۋەبىدىن خىتايغا كىرىشى چەكلەنگەن كىشىلەرنىڭ بىرى. غۇنى سىتانبەرىگنىڭ 2025-يىلى قازىقىستانغا كىرىشىمۇ چەكلەنگەن بولۇپ، غۇنى سىتانبەرىگ زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ خىتاينىڭ ھەر خىل تەھدىت، جاسۇسلۇق ۋە بىسىم سىياسەتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرشۇناسلارنىڭ تەتىىقاتلىرىغا توسالغۇ بولۇش ئۈچۈن ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيىتتى. 

غۇنى ئەپەندىم خىتاي ھۆكىمىتى ھەر خىل ئىلخەت ۋە ئىجدىمائىي تاراتقۇ ۋاستىلىرىدا ساختا كىملىكتىكى كىشىلەر ئارقىلىق ئۆزىدىن مەلۇمات ۋە ئۇچۇر ئىگىلەشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دىدى: «خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ تەھدىتى ۋە بېسىمىغا ئۇچراۋاتقانلار چەتئەلدىكى ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق تۈركىي خەلىقلەردۇر. ماڭا ئوخشاش تەتقىقاتچىلار بىلەن بىللە ئىشلىگەن ۋە زىيارەت بەرگەن كىشىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرى خىتاينىڭ ئەڭ قاتتىق زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتىدۇ. بۇ بىسىم ۋە توسالغۇلار تەتقىقاتلىرىمىزنى ئېلىپ مېڭىشىمىزنى كۈنسېرى تەسلەشتۈرىۋاتىدۇ.»

غۇنى سىتانبەرگ ئەپەندىم يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ رايونلۇق تەرەقىيات فوندى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەتقىقاتىغا بېرىلىۋاتقان فوندىنى توسۇش ئۈچۈنمۇ پائال ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيىتتى. خىتاي دائىرىلىرى ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ رايۇنلۇق تەرەققىيات فوندىغا غۇنى ئەپەندىمنىڭ تەتقىقات تېمىسىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى، غۇنى سىتانبەرىگنىڭ تەتقىقاتىغا فۇند بەرمەسلىكى كېرەكلىكىنى ئىيىتقان بولۇپ، دوكتور غۇنى ياۋرۇپا ئىتىپاقى ۋە پلاسكى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاينىڭ تەھدىتىگە باش ئەگمەي، ئۆزىنىڭ ئاكادىمىك ئەركىنلىكىنى قوغدىغانلىقىنى ئېيىتتى.

خىتاي باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئەرزى سەۋەپلىك ئۈچ يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان سوتنىڭ جاۋاپكارى دوكتور دىلنۇر رەيھان خىتاينىڭ فىرانسىيەدىكى ئاكادىمىك ئورگانلىرى ئارقىلىق غەربىي ياۋروپانىڭ ئاكادېمىيە ئەركىنلىكىنى بارغانسېرى مونوپول ۋە سۈيئىستىمال قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە ئۆزىگە كىلىۋاتقان تەھدىت ۋە بىسىم ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى :«ماڭا قىلىنىۋاتقان تەھدىت ۋە بىسىملار مېنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەسلى ماھىيىتى ۋە جىنايەتلىرىنى ماقالىلىرىم، لېكسىيەلىرىم ۋە دەرسلىرىم ئارقىلىق ئېچىپ بېرىشىمنى توسۇشنى مەقسەت قىلغان. شۇڭا ھازىر بار ھەرقانداق بىر ئىمكانىيەت ۋە قانۇندىن پايدىلىنىپ، خىتاينىڭ پۇل ئارقىلىق غەربىي ياۋروپا ئۇنىۋېرىستېتلىرىدىكى ئاكادىمىيە ئەركىنلىكنى يوقىتىش تىرىشچانلىقلىرىغا قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك.»

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە ئۇيغۇرشۇناسلار ئۇچراۋاتقان بېسىم ۋە تەھدىتلەرنىڭ تۈرى ۋە تەسىرى كۈچىيىۋاتقان بۈگۈنكىدەك ئەھۋالدا، غەرىپ ھۆكۈمەتلىرى ۋە قانۇن ئورگانلىرىنىڭ قايسى خىل تەدبىرلەر بىلەن ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى ۋە ئاكادىمىك ئەركىنلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلالايدىغانلىقى توغرىسىدا تېخى ئىنىق بىر بايانات بېرىلمىدى.


Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe to get the latest posts sent to your email.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe now to keep reading and get access to the full archive.

Continue reading