نويابىر 22, 2025
ئىلھام توختى تۈرمىدە 56 ياشقا كىردى، سالامەتلىكى ھەققىدە ئۇچۇر يوق

ئۇيغۇر پوچتىسى، 25-ئۆكتەبىر

مەشھۇر ئۇيغۇر ئىقتىسادشۇناسى ۋە ئادالەت تەشەببۇسچىسى پروفېسسور ئىلھام توختى 2025-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى 56 ياشقا كىردى. ئۇنىڭ بۇ تۇغۇلغان كۈنى داۋاملىق خىتاي تۈرمىسىدە ئۆتمەكتە. 2014-يىلى مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان توختى ئەپەندىنىڭ ئەھۋالى ۋە ئۇنىڭ ئەركىنلىكى ھەققىدىكى چاقىرىقلار خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈنتەرتىپىدىن يەنىلا چۈشمىدى.

2014-يىلى 15-يانۋاردىن باشلاپ تۈرمىدە يېتىۋاتقان ئىلھام توختىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ۋە كۆرۈشۈش ئەھۋالى ھەققىدە ھازىرغىچە خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن رەسمىي، ئىشەنچلىك مەلۇمات بېرىلمىگەن. ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ يوقلىشى چەكلەنگەن ياكى ئۈزۈلۈپ قالغان بولۇپ، خەلقئارا جامائەتچىلىك ئۇنىڭ ھاياتى ۋە ئەھۋالىدىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلماقتا.

«ساخاروف مۇكاپاتى» قاتارلىق خەلقئارالىق ئون نەچچە مۇكاپاتنىڭ ساھىبى ئىلھام توختىنىڭ 56 ياشقا كىرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن، دۇنيا مىقياسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ئۇنىڭ قىزى جەۋھەر ئىلھام قاتارلىقلار بىرلىكتە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن توختىنى دەرھال شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

جەۋھەر فايىس بۇك ھېسابىغا مۇنداق يازغان:

«جىنىم دادام! قەدىرلىك، ئەڭ قەدىرلىك دادا! سىزنىڭ يەنە بىر قېتىم ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان قارا كاستيۇم-بۇرۇلكىڭىزنى كىيىپ ئالدىمدا تۇرۇشىڭىزنى قانچىلىك ئارزۇ قىلىمەن! سىزنىڭ يەنە بىر قېتىم قىزغىنلىق بىلەن دەرس ئۆتۈپ، ئاۋازىڭىزنىڭ كارىدورنىڭ ئۇ چېتىگىچە ياڭراپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلاشنى ئارزۇ قىلىمەن! سىزنىڭ دوستلىرىڭىز بىلەن يەنە بىر شەھەردىن يەنە بىر شەھەرگە ۋېلىسىپىت مىنىپ ساياھىتىڭىز ئۈچۈن شۇنچىلىك ھاياجانلانغانلىقىڭىزنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىمەن! سىزنىڭ يېنىڭىزدا تۇرۇپ، يەنە بىر قېتىم تۇغۇلغان كۈنىڭىزنى تەبرىكلەشنى ئارزۇ قىلىمەن.

مەن بۇ كۈنلەرنىڭ تېزدىن قايتىپ كېلىشى ئۈچۈن ھەر كۈنى تەڭرىگە دۇئا قىلىمەن ۋە قاتتىق كۈرەش قىلىمەن.

جېنىم دادا، بۈگۈن سىز 56 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىڭىز. بىزنىڭ بۇ ئالاھىدە كۈننى بىللە ئۆتكۈزۈپ، سىزنى تەبرىكلىيەلىگىنىمىزگە 12 يىل بولغانلىقىنى ھېس قىلىش ئىنتايىن ئازاپلىق.

بۈگۈن، مەن تەڭرىگە يەنە بىر قېتىم دۇئا قىلىمەن— پەقەت سىزنىڭ ساغلاملىقىڭىزنىڭ ياخشى بولۇشى ۋە ئائىلىمىزگە ئامان-ئېسەن قايتىپ كېلىشىڭىز ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى تەڭرىنىڭ سىزگە مەزمۇتلۇق، مەردانىلىق، سەۋرچانلىق ۋە ئادالەتسىزلىككە قارشى داۋاملىق كۈرەش قىلىش جاسارىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاتا قىلىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىمەن. ئامىن.»

تەييارلىغۇچى: تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان


Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe to get the latest posts sent to your email.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe now to keep reading and get access to the full archive.

Continue reading