زۇلھايات ئۆتكۈر

لىن زېشۈنىڭ «چوڭ بازار سودا سارىيى»غا تىكلەنگەن خاتىرە ھەيكىلى، سۈرەت مەنبەسى: خىتاي ساياھەتچى شەخسىي بلوگى، 2025-يىلى، 10-سېنتەبىر يوللانغان.
خىتاي ساياھەتچىلىرىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە تور سەھىپىلىرىگە يوللىغان مەزمۇنلىرى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك مەنبەلەردىن ئېرىشكەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، ئۈرۈمچى خەلقئارالىق چوڭ بازىرى ئەتراپىغا خىتاي تارىخىي شەخسى لىن زېشۈنىڭ ھەيكىلى تىكلەنگەنلىكى مەلۇم بولدى.
2006-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۈرۈمچىدىكى قىزىل تاغقا جايلاشقان باغچىغا لىن زېشۈنىڭ ئېگىزلىكى $3.6$ مېتىر، ئېغىرلىقى $12$ توننا كېلىدىغان غايەت زور قاشتېشى ھەيكىلى قوپۇرۇلغان ئىدى. بۇ ھەقتە خىتاي مەمۇرىي دائىرىلىرى، «ئۈرۈمچىدە لىن زېشۈ ھەيكىلىنى تىكلەشنىڭ ئەھمىيىتى لىن زېشۈنىڭ ۋەتەنپەرلىك روھىدىن ئۆگىنىش، ئۇنىڭ شىنجاڭ خەلقىگە قوشقان تۆھپىسىنى خاتىرىلەش، شۇنداقلا ياش ئەۋلاتلارغا مىللىي روھقا ۋارىسلىق قىلىش تەربىيەسى بېرىش ئۈچۈن» دەپ ئىزاھلىغانىدى. ئۈرۈمچى چوڭ بازاردىن ئورۇن ئالغان، يېڭىدىن تىكلەنگەن ھەيكەل دەل قىزىلتاغ باغچىسىدىكى ھەيكەلنىڭ كىچىكلىتىلگەن نۇسخىسى ئىدى.
چوڭ بازار ئەتراپىدىكى ھەيكەلنىڭ قاچان تىكلەنگەنلىكىگە ئائىت ئېنىق مەلۇماتىمىز بولمىسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئەڭ زىچ ئولتۇراقلاشقان ۋە قويۇق مىللىي خاسلىققا ئىگە رايوندا خىتاي مىللىتىدىن بولغان تارىخىي شەخسىنىڭ ھەيكىلىنى تىكلەش قىلمىشىنىڭ ئىچ يۈزى بىزگە ئاياندۇر. تارىختىن بۇيان ئۈرۈمچى خەلقىگە پاسىبان بولۇپ كەلگەن ۋە ئۇلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان دۆڭ كۆۋرۈك رايونىغا خىتاي قەھرىمانىنىڭ ھەيكىلىنى تىكلەش – خىتاينىڭ سىياسىي كۈچىنى كۆز-كۆز قىلىپ، ئۇيغۇر خەلقىگە قورقۇنچ سېلىش ۋە خىتاي (خەن) مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت سىمۋولى تامغىسىنى بېسىش، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىي روھىنى تەلتۆكۈس بەربات قىلىشتىن ئىبارەت رەزىل غەرىزىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ ھەرىكەت شى جىنپېڭ ھۆكۈمىتى دەۋرىدە كۈچەپ تەشۋىق قىلىنىۋاتقان «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى» بەرپا قىلىش شوئارى ئاستىدا پىلانلىق ئېلىپ بېرىلغان، ئۇيغۇر خەلقىگە قارىتىلغان يەنە بىر مەيدان سۇيىقەست دەپ ئېيتالايمىز.
ئۆز نۆۋىتىدە بۇ ھەرىكەت خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغانلىقىدەك تاجاۋۇزچىلىق ۋە زوراۋانلىق ماھىيىتىنى پەردازلاش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقارغان شەرمەندە ئويۇنلىرىنىڭ بىرىدۇر. ھەممىگە ئايان بولغىنىدەك، خىتاي ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇستەملىكىچىلىك ۋە تاجاۋۇزچىلىق تارىخىنى يوشۇرۇپ كەلگەن. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى بىر ياقتىن ئۇيغۇرلار زېمىنىنىڭ ھامان بىر كۈنى ئالىقىنىدىن چىقىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىسە، يەنە بىر ياقتىن تۈرلۈك ساختا «پاكىتلارنى» ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، «خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى» قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشىپ كەلدى.
تارىخقا نەزەر سالغىنىمىزدا، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان زېمىنىدا تارىخىي شەخس ياكى ئەپسانىۋىي خىتاي مەبۇدلىرىنىڭ ھەيكەل-سۈرەتلىرىنى بازارغا سېلىش ئارقىلىق ئوبراز يارىتىش نەيرىڭى ئەزەلدىن داۋاملىشىپ كەلگەن بىر ھادىسە ئىكەنلىكىنى ئەسكە ئالىمىز. يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان تارىخىدىن ئېلىپ ئېيتساق، ئاتالمىش ساختا تارىخىي قەھرىمان-بەنچاۋنىڭ قەشقەرگە تىكلەنگەن ھەيكىلى؛ ئۈرۈمچى بۇلاقتاغ رايونىغا تىكلەنگەن رەھىمسىز جاللات زو زۇڭتاڭنىڭ ھەيكىلى؛ بوغدا كۆلىگە تىكلەنگەن شى ۋاڭمۇ (بۇزرۇكۋار ئانا) ھەيكىلى؛ تۇرپان يالقۇنتاغدىكى سۈن ۋۇكوڭ قاتارلىق «غەربكە ساياھەت» ئەپسانىسى پېرسۇناژلىرى، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھۆكۈمرانى ماۋ زېدوڭنىڭ ھەيكەللىرى بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ. بۇ قېتىم ئۈرۈمچى شەھىرىگە يېڭىدىن ئورنىتىلغان لىن زېشۈ ھەيكىلىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس، ئەلۋەتتە.
خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار زېمىنىدا ئارقىمۇ ئارقىدىن خىتاي شەخسلىرىنىڭ ھەيكەللىرىنى تىكلەش قىلمىشى، ئەمەلىيەتتە، خىتاي تەشۋىقاتىدىكى «دىنىي قۇرۇلۇشلارنى جۇڭخۇا ئورتاق كىملىكىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە خىتاي مەدەنىيىتى بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇشنىڭ مۇھىم ماتېرىيال ئاساسى قىلىش» ئىدىيەسىنى قىبلىنامە قىلغان دەپ قاراشقا بولىدۇ. خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر زېمىنىنى خىتايلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېخىمۇ تېزلىتىش مەقسىتىدە، ئۇيغۇرلارغا قارىتا خىتاي كىملىكىنى «تېڭىش» بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر كىملىكىنى **«يوقىتىش»**نى تەڭ قەدەمدە ئېلىپ بېرىشقا يۈزلەندى. بۇ ھەرىكەت نۇقتىلىق ھالدا ئىسلام كىملىكىنى ئەكس ئەتتۈرگەن مەسچىت، مازار قاتارلىق تارىخىي قۇرۇلۇشلارنى كۆزدىن يوقىتىشنى نىشان قىلدى.
نەتىجىدە، نەچچە ۋاقىتتىن بېرى خىتاي ھاكىمىيىتىنى راھەتسىز قىلىۋاتقان توپلۇشۇپ ئىبادەت قىلىش ۋە مازار تاۋابىتى قاتارلىق پائالىيەتلەر، 2016-يىلىدىن باشلاپ «دىنىي قۇرۇلۇشلارنى تەرتىپكە سېلىش» باھانىسى بىلەن پۈتۈنلەي چەكلەندى. ھەتتا بارلىق دىنىي تۈس ئالغان ئۆرپ-ئادەتلەرمۇ چەكلەندى، ھەتتا 1930-يىللاردا شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى تولۇق ئىجرا قىلىپ بولالمىغان «ئىسلام ئۆچمەنلىكى»نىڭ داۋامى سۈپىتىدە ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى (رايىن سام، 2022) (Rian Thum). مەزكۇر سىياسىي دولقۇن 2018-يىلى ئەۋجىگە چىقىپ، $5000$ دىن ئارتۇق مەسچىت، $100$ دىن ئارتۇق مازارلارنىڭ چېقىلىشى، تاقىلىشى ياكى كۆرگەزمىخانا، رېستورانلارغا ئايلاندۇرۇلۇشىدەك قىسمەتلەرگە سەۋەبچى بولدى (UHRP 2019). بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، ئىسلام دىنى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بىلەن بولغان تۈرلۈك باغلىنىشى تۈپەيلىدىن مىليونلارچە ئۇيغۇر ۋە تۈركىي مىللەتلەر بىگۇناھ تۈرمىلەرگە قامالدى ۋە مىللەت سۈپىتىدە كوللېكتىپ پاجىئەلەرگە دۇچار بولدى.

جۈملىدىن، «دىنىي ئاشقۇنلۇق» باھانىسى بىلەن ۋەيران قىلىۋېتىلگەن قۇرۇلۇشلار قاتارىدا، ئىسلام دۇنياسى ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ مەدەنىيەت تارىخىغا بۈيۈك ھەسسە قوشقان مەھمۇد كاشىغەرى، تېبابەت ئالىمى غازباي ۋە شائىر، تېبابەت ئالىمى ھۈسەيىنخان تەجەللى قاتارلىق ئۈچ مەشھۇر شەخسنىڭ ھەيكەللىرىمۇ يوقىتىلغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى (RFA 2020).
ھالبۇكى، ھازىرقى ۋەزىيەتتىن كۆزەتسەك، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەنىۋى ئوزۇقىغا ئايلانغان مەدەنىيەت مىراسلىرىنى يوقىتىش ئۈچۈن زور ئىقتىسادىي كۈچ ۋە زېھىن سەرپ قىلماقتا. بۇلارنىڭ قاتارىدا، ئۇيغۇر دىيارىدىكى چېقىۋېتىلگەن ھەيكەللەرنىڭ ئورنىغا، خىتاينىڭ تارىختىكى مۇستەملىكىچىلىك قارا نىيىتىگە سىمۋول قىلىنغان خىتاي مىللەتچىلىرىنىڭ ھەيكىلىنى ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان زېمىنلارنىڭ كىندىكىگە تىكلەپ قويدى.

ئۇيغۇر بالىلىرى خىتاي ھۆكۈمرانى ماۋ زېدوڭنىڭ ھەيكىلى ئالدىدا
ئۇنداقتا خىتاينىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئېتىراپ قىلغان مىللىي قەھرىمانلار ھەيكەللىرىنى يوق قىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتاي مەدەنىيىتى ۋە ئىدېئولوگىيەسى ئۆلچەملىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان شەخسلەرنىڭ ھەيكەللىرىنى تىكلەش نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟
بىزگە ئايانكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تارىخىنى ئۇنتۇلدۇرۇش ۋە مىللىي ئۆزلۈك ئېڭىنى يوقىتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى گادايلاشتۇرۇش تاكتىكىسى ئەسىرلەر بويى مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن. بۇنى ئىنسانشۇناسلىق نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلساق، ئانتروپولوگ مارى دوگلاس (Mary Douglas)نىڭ «پاكلىنىش ۋە خەۋپ-خەتەر» (Purity and Danger) (1966) ناملىق كىتابىدا، دىنىي ۋە ئېتنىك تەسىردىن خالىي بولمىغان جىسىم ۋە ئىش-ھەرىكەتلەر ئادەتتە **«بۇلغىنىش»**تىن يىراق بولىدۇ دېگەن نۇقتىئىينەزەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ نەزەرىيەنى ئۇيغۇر زېمىنىدا لىن زېشۈ ھەيكىلىنى تىكلەش قىلمىشىغا تەدبىقلىساق، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا تەۋە مۇقەددەس جاي ۋە بۇيۇملارنى پۈتۈنلەي كۆزدىن يوقاتقاندىلا، ئاندىن «پاك» ھالەتكە كېلىدۇ، شۇندىلا خىتاي دۆلىتى ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆزىنىڭ «ساپ» مىللىي سىمۋوللىرىنى (national symbols) بەھۇزۇر دەسسىتىشكە تولۇق ئىمكانىيەت يارىتالايدۇ. لىن زېشۈ ھەيكىلى بۇ مەنىدىن ئالغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى بىر قوللۇق لايىھەلىگەن «سىياسىي پاكلىنىش» (political purity) ئۈچۈن خىزمەت قىلغۇچى بىر ۋاسىتە ياكى قورالغا ئايلاندۇرۇلغان دەپ قاراشقا بولىدۇ.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ باشقىسى ئەمەس، لىن زېشۈنى تاللىشىدىكى سەۋەبىنى مۇنداق تەھلىل قىلىش مۇمكىن:
لىن زېشۈ تارىختا خىتاي ئىمپېراتورىغا بولغان سىياسىي سادىقلىقنىڭ ۋەكىلى دەپ قارىلىپ كەلگەن زورلاپ يارىتىلغان يەنە بىر ساختا قەھرىمان. لىن زېشۈنىڭ تارىختىكى ئىش-ئىزلىرى پۈتۈنلەي خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ كۈچى بىلەن كۆپتۈرۈلۈپ، خۇددى ئەپسانىدەك تارقىلىپ ئۇنى بىر «خاسىيەتلىك» شەخسكە ئايلاندۇرۇپ قويغان، خالاس. خىتاي يازارلىرى ۋە تەشۋىقاتچىلىرى ئۇنىڭ خىتاي تارىخىدىكى «ئەپيۈن چەكلەش» ھەرىكىتىدە كۆرسەتكەن تۆھپىسىدىن باشقا يەنە، لىن زېشۈنى بىرقانچە جەھەتتىن شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارغا باغلايدۇ. بىرىنچىسى، كارىزنىڭ خىتاي ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكىگە باغلىنىدىغان سۇ ئىنشائاتى ئىكەنلىكى ھەققىدىكى تەشۋىقاتى. لىن زېشۈنىڭ تۇرپاندا يەرلىك خەلققە كارىز قېزىپ يەر ئاستى سۈيىدىن قانداق پايدىلىنىشنى ئۆگەتكەنلىكى ھەققىدە بىر قاتار سەپسەتەلەر بازارغا سېلىنىپ كەلمەكتە. ئىككىنچىسى، ئۇنىڭ مانجۇ-چىڭ خانلىقى دەۋرىدە ئۇيغۇر دىيارىغا سۈرگۈن قىلىنغانلىقى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىلى رايونىدا ئۈچ يىل تۇرغانلىقى، بۇ جەرياندا سۇ قۇرۇلۇشى ئىنشائاتىغا قاتنىشىپ باشلامچىلىق قىلغانلىقى سەپسەتىسى. لىن زېشۈنىڭ ھاياتى تەسۋىرلەنگەن خىتايچە كىتابلار ياكى ئۆزى يازغان تەرجىمىھال كىتابىدىمۇ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا سۇ قۇرۇلۇشى ئىنشائاتىغا قاتنىشىپ باققانلىقى ياكى كارىز قېزىش قۇرۇلۇشىغا باشلامچىلىق قىلغانلىقىغا دائىر ھېچقانداق بىر پاكىت ئۇچرىمايدۇ. خۇلاسىلىگەندە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئالغان نۇقتىلىرى پۈتۈنلەي تارىخنى بۇرمىلاش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كۆزىنى بوياش نەيرەڭۋازلىقىنى دۇنياغا ئاشكارىلاپ بېرىدۇ.
يەنىمۇ ئىنچىكىلەپ تەكشۈرۈشلەردىن مەلۇم بولدىكى، لىن زېشۈ ھەيكىلى يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تېخىمۇ كۆپ رايونلىرىغا تىكلەنگەن. ئىلى ۋىلايىتىدىكى «لىن زېشۈ خاتىرە سارىيى» ۋە ئاۋات ناھىيەسىدە بەرپا قىلىنغان «دولان قەبىلىسى» نامىدىكى باغچىلاردىمۇ لىن زېشۈ ھەيكىلى ئورنىتىلغان.

ئىلىدىكى «لىن زېشۈ خاتىرە سارىيى»

«دولان قەبىلىسى» باغچىسىدىكى لىن زېشۈ ھەيكىلى
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەيكىلىنى تىكلەشتىكى مەقسەت-مۇددىئالىرى ھەققىدە يەنىمۇ چوڭقۇر مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىشقا توغرا كېلىدۇ:
مۇستەملىكىچىلىكنى پەردازلاپ كۆرسىتىش
خىتاي ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت سىمۋوللىرى ئارقىلىق، ئۇيغۇرلار زېمىنىنىڭ ھەقىقىي تارىخىي خاتىرىلىرىنى يۇيۇپ تاشلاش، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىكى ئىختىرالىرىنى ئىنكار قىلىپ، ئۇنى ئۆز تۆھپىسى قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماقتا. لىن زېشۈنىڭ مەيلى قىزىلتاغ باغچىسىدىكى ياكى دۆڭكۈۋرۈكتىكى ھەيكىلى بولسۇن، بىزگە خۇددى «تارىخنى غەلىبە قىلغۇچىلار يازىدۇ» دېگەن سۆزنى خاتىرىلىتىپ تۇرىدۇ. بۇ ھەقتە ئانتروپولوگ ترويىللوتنىڭ (Michel-Rolph Trouillot)، (1995)، «مەلۇم ھاكىمىيەتنىڭ كۈچ دىينامىكىسى، ئۆتمۈشنى ئۇنتۇلدۇرۇش ۋە پاكىتلارنى جىمىقتۇرىۋېتىش قۇدرىتىگە ئىگە» كۆزقارىشى بىزگە بۇنى ئىلمىي جەھەتتىن چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ.
خىتاي مەركەزلىك ھەرىكەت ئۆلچىمىنى بەلگىلەپ بېرىش
خىتاي تەشۋىقاتىغا ماس ھالدا، خىتايچە ھەرىكەت مىزانى ۋە ئۆلچىمىنى بەلگىلەپ بېرىش، بۇ ئارقىلىق يەرلىك خەلقنىڭ كىمنى خاتىرىلەش، كىمنى ئۇنتۇش كېرەكلىكى توغرىسىدا ئۆلچەم بەلگىلەپ بېرىش. لىن زېشۈ خىتاي تارىخىدا ھاكىمىيەتكە بولغان سادىقلىقى بىلەن مەدھىيەلىنىدۇ، دەرۋەقە بۇ خىل ئىش-ھەرىكەت دەل خىتاينىڭ كوڭزى تەلىماتىغا ياتىدىغان ئىدىيە ئاساسىغا قۇرۇلغان. دېمەك، خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي ئىدېئولوگىيەسى ئەخلاق-ھەرىكەت مىزانىنى ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ھەرىكەت ئۆلچىمى قىلماقچى بولغان. چۈنكى، جەمئىيەتشۇناس بۇرژۇنىڭ (Bourdieu, 1991) «سىمۋوللۇق ھاكىمىيەت» نەزەرىيەسىگە ئاساسلانغىنىمىزدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ھاكىمىيەت كۈچىنى ھەربىي كۈچ بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەخلاق-تەرتىپ ئۆلچىمىگە ئايلاندۇرۇپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتا قانۇنلۇق جازالاش يۈرگۈزەلەيدۇ. ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت پەرقىنى «ئەخلاق-ھەرىكەت ئىسلاھاتى» ۋە «بىر گەۋدىلىشىش» ئارقىلىق يوق قىلماقچى بولىدۇ. نەتىجىدە، ئىسلام دىنى ۋە تۈرك يىلتىزىنى ئۇنتۇلدۇرۇش، بۇ دېگەنلىك، ئاخىرقى نۇقتىدا ئۇيغۇرلارنى تارىخىي يىلتىزىدىن ۋە كۆكلەپ چىققان مەنبەسىدىن ئۈزۈۋېتىش دېگەنلىكتۇر.
خىتاي كىملىكى تەربىيەسىنى سىڭدۈرۈش
ئۇيغۇر مىللىي روھى ۋە مىللىي ئېڭىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان قەھرىمانلارنىڭ ئورنىغا، خىتاي قەھرىمانلىرىنى دەسسىتىش قىلمىشى، ئۇيغۇر ياش ئەۋلاتلىرىنىڭ تەۋەلىك تۇيغۇسىنى سۇسلاشتۇرۇپ، دىنىي ۋە مەدەنىيەت كىملىكىگە ئېغىر دەرىجىدە تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ. ھالبۇكى، خىتاي بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇش غەرىزىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولىدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەجبۇر قىلىش سىياسەتىنىڭ مەھسۇلى سۈپىتىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق مۇقەددەس بىلگەن جايلىرى ۋەيران قىلىنماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ تۇپراقنى قۇچاقلىغان قەبرىلىرى ۋە مازارلىرىمۇ چېقىۋېتىلمەكتە. ئۇلار ئەقىدە قىلغان، ھۆرمەت قىلغان كىشىلەرنىڭ ھەيكەللىرىمۇ كۆزدىن يوقىتىلماقتا. بۇ ھال ئۇيغۇرلارنى بارا-بارا ئۆزلىرىنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى ياشاپ كەلگەن مۇقەددەس تۇپراقلىرى بىلەن باغلانغان ئەبەدىيلىك مۇناسىۋىتىنى يوقىتىشتىن ئىبارەت تراگېدىيەگە باشلىماقتا. ئانا ۋەتىنىمىزدىكى خەلقىمىز زۇلۇمغا ۋە باستۇرۇشلارغا قارشى چىقالمايدۇ، ئەمما چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار مىللىتىمىز ھاقارەتكە ئۇچرىغاندا سۈكۈتنى ئەمەس، قارشىلىقنى تاللايدۇ. ئۇيغۇر زېمىنىغا لىن زېشۈنىڭ ھەيكىلىنى كۆپلەپ تىكلەش خەۋىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ غەزىپىنى قوزغىماقتا ۋە ئالاقىدار ئورۇنلارغا ئاشكارىلاپ، خىتايغا ئۈنۈملۈك زەربە بېرىش يولى ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە.
خىتاينىڭ ساختا تارىخ يارىتىش نەيرەڭلىرى ئالدىدا ئۇيغۇرلار ھېچقاچان تەۋرەنگىنى يوق، ئەكسىچە يەنىلا ئۆز مىللىتىدىن چىققان تارىخىي قەھرىمانلىرىنىڭ ئوبرازىنى تېخىمۇ نۇرلاندۇرۇپ، كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئۈلگە قىلىپ كەلمەكتە. بىر كۈنلەردە ئۇيغۇر زېمىنىدا خىتاي مىللەتچىلىرىنىڭ ھەيكەللىرىنىڭ ئورنىغا، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ مەنىۋى سىمۋوللىرىنىڭ ھەيكەللىرىنى تىكلەشكە نېسىب قىلغاي.
مەنبەلەر:
https://uhrp.org/report/demolishing-faith-the-destruction-and-desecration-of-uyghur-mosques-and-shrines/
https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/uyghur-heykeltirash-11242020115244.html
Thum, Rian. (2022). Byler, D., Franceschini, I., & Loubere, N. (Eds.). The spatial cleansing of Xinjiang: Mazar desecration in
context. (pp127-144). Xinjiang Year Zero (1st ed.). ANU Press.
Trouillot, M.-R. (1995). Silencing the past : power and the production of history. Beacon Press.
Bourdieu, P. (1991). Language and symbolic power (J. B. Thompson, Ed.). Harvard University Press.
Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى
Subscribe to get the latest posts sent to your email.
