ياسىن مەمەت

27-سېنتەبىر

ئىستانبۇلدا 10 يىلدىن بېرى قانۇنلۇق ئولتۇرۇش رۇخسىتى بىلەن ياشاپ كەلگەن، ئۆزىنىڭ ھالال تىجارىتى ئارقىلىق ئائىلىسىنى بېقىپ كەلگەن ۋە ئالتە پەرزەنتنىڭ دادىسى بولغان ياسىن مەمەت 22-سېنتەبىر 2025-يىلى، دۈشەنبە كۈنى ئىستانبۇلدا يولدا كېتىۋاتقاندا ساقچىلار تەرىپىدىن كىملىك تەكشۈرۈش جەريانىدا تۇتۇلغان.

ياسىن مەمەتنىڭ كىملىكىنىڭ ۋاقتى توشقان بولۇپ، كىملىكىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن ئىستانبۇل گۆچ ئىدارىسىغا رەسمىي ئىلتىماس قىلغان ۋە قولىدا كىملىكىنىڭ ئۇزارتقانلىقىغا دائىر ئىسپاتلىرى بار ئىكەن. شۇنداق بولسىمۇ ساقچىلار ”كىملىكىڭ يوق“ دېگەن سەۋەب بىلەن ئۇنى تۇتۇپ كەتكەن.

ھازىر ياسىن مەمەت «مىڭ قىلىچ» قايتۇرۇش مەركىزىدە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ناتوغرا تۇتۇش سەۋەبىدىن ئالتە بالا دادىسىز، ئائىلىسى چارىسىز قالغان.

مەزكۇر ئۇچۇر ياسىن مەمەتنىڭ ئائىلىسىنىڭ تەلىۋى بويىچە يېزىلغان بولۇپ، ياسىن مەمەتنىڭ ئائىلىسى «بىز ياسىن مەمەتنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز ۋە بارلىق قېرىنداشلارنى بۇ ھەقسىزلىككە قارشى ئاۋاز چىقىرىشىنى ئۈمىت قىلىمىز» دېگەن.

مەزكۇر ئۇچۇرنى ئېھسان شۈكران جەزىملەشتۈرگەن .

تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارنىڭ تۇيۇقسز يوقاپ كېتىش، تۇتقۇن قىلىنىش ھادسىلىرى ئىزچىل داۋاملىشۋاتقان بولۇپ، بۇ تۈركىيە ئۇيغۇرلىرى ئارسىدا ئەندىشە پەيدا قىلماقتا

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز