تەييارلىغۇچى: تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان
ئۇلترا-كونسېرۋاتىپ ساناې تاكايچى: خىتايغا قارشى، روك مۇزىكىسىنى ياخشى كۆرىدۇ
توكيو، 21-ئۆكتەبىر
ياپونىيە تارىخىدىكى تۇنجى ئايال باش مىنىستىرى بولۇپ سايلانغان ساناې تاكايچى ئەنئەنىۋى ئائىلە قىممەت قاراشلىرىغا ئېگە، ئۇلترا-كونسېرۋاتىپ سىياسەتچى بولۇپ، ئېغىر مېتال (Heavy Metal) مۇزىكىلىرىغا — يەنى روك مۇزىكىسىنىڭ بىر تۈرىگە — ئالاھىدە ئامراق.
ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك قوللىغۇچىسى
تاكايچى خانىم خىتايغا قارشى پوزىتسىيە تۇتۇپلا قالماي، يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك قوللىغۇچىسى بولۇپ، ئۇ ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتلەرگە كۆپ قېتىم قاتناشقان ھەمدە ۋەكىللىرى بىلەن كۆپ قېتىم كۆرۈشكەن.

ئۇ ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بۇ يىل 5-ئايدا ياپونىيە دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزگەن «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسى» ھەققىدىكى يىغىنغا قاتنىشىپ مۇنداق دېگەن:«بۇ بىر ئىنسان ھوقۇقى مەسىلىسى. مەن شەخسەن ياپونىيەنىڭمۇ ئامېرىكا قانۇنىغا ئوخشاش بىر قانۇننى تۈزۈپ چىققىنى ئەڭ ياخشى دەپ قارايمەن.»
پارلامېنت ھاياتى: ئۇ 1993-يىلى تۇنجى قېتىم پارلامېنتقا سايلانغان بولۇپ، ئومۇمىي 10 قېتىم پارلامېنت ئەزاسى بولغان. ئۇ 1996-يىلى لىبېرال دېموكراتىك پارتىيەگە (LDP) كىرگەن.
مۇھىم ۋەزىپىلەر: ئۇ باش مىنىستىر ئابې ۋە كىشىدا ھۆكۈمەتلىرىدە ئىچكى ئىشلار ۋە ئالاقە مىنىستىرى، ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك دۆلەت مىنىستىرى قاتارلىق بىر قانچە مۇھىم كابىنېت ۋەزىپىلىرىنى ئۆتىگەن.
LDP رەھبەرلىك ماقامى: ئۇ 2021-ۋە 2024-يىللاردىكى سايلامدا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، 2025-يىلى LDP نىڭ تۇنجى ئايال رەئىسى بولۇپ سايلانغان، ئارقىدىن پارلامېنتنىڭ سايلىشى بىلەن باش مىنىستىر بولغان.
تاكايچى لىبېرال دېموكراتىك پارتىيە (LDP) نىڭ رەھبىرى بولۇپ سايلانغاندىن بىر نەچچە ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن، سەيشەنبە كۈنى ياپونىيە پارلامېنتى ئۇنى رەسمىي باش مىنىستىرلىككە سايلىدى. بۇ پارتىيە ئاخىرقى 70 يىلنىڭ كۆپ قىسمىدا ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن كونسېرۋاتىپ پارتىيە ھېسابلىنىدۇ. نۆۋەتتە LDP نىڭ تېخىمۇ ئوڭ قاناتقا يۆتكىلىۋاتقانلىقى مەلۇم: بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا لىبېرال دېموكراتىك پارتىيە ئۇزۇن يىللىق ئىتتىپاقدىشىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئۇ پەقەت ئوڭ قانات پوپۇلىستىك پارتىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈش ئارقىلىقلا تاكايچىنى سايلاپ چىقتى.
«كاندا» خەلقئارا تەتقىقات ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى جېففرېي خول (Jeffrey Hall) نىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، 64 ياشلىق تاكايچى «ياپونىيەنىڭ كونسېرۋاتىپ LDP پارتىيىسىدىكى ئەڭ كونسېرۋاتىپ كىشىلەرنىڭ بىرى». ئۇ تېخىمۇ قاتتىق كۆچمەنلىك چەكلىمىلىرىنى تەشەببۇس قىلىپ، خىتايغا قارشى ئوچۇق-ئاشكارا سىياسەتلەرنى قوللىغان. كىشىلەر ئۇنى مارگارېت ساچىرغا (Margaret Thatcher) سېلىشتۇرىدىغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىمۇ ئۇنىڭغا ھەۋەس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش ئۈچۈن كۆپ ھاللاردا كۆك رەڭلىك كاستيۇم-بۇرۇلكا كىيىپ يۈرىدۇ.
ئۇ ئالىي مەكتەپتىكى مۇزىكا ئەترىتىدە دۇمباق چالغان بولۇپ، «Deep Purple» ۋە «Iron Maiden» نى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان مۇزىكا ئەترىتى قاتارىدا كۆرسىتىدۇ. ئۇ بىر قېتىم مەملىكەتلىك تېلېۋىزىيەدە بىر روك ناخشىسىنى ئېيتقان بولۇپ، ئۇ يەنە موتوسىكلىت ۋە ماشىنىغا بولغان كۈچلۈك قىزىقىشىنى ساقلاپ كەلمەكتە. خول مۇنداق دېگەن: «بۇلار ئۇنىڭ تەشۋىق قىلىۋاتقان خاراكتېرىنىڭ بىر قىسمى. يەنى ئۇ پەقەتلا ‘كۈچلۈك تۆمۈر خانىم’ ئەمەس، بەلكى ئارام ئالالايدىغان، ھاياتتىن ھۇزۇرلىنالايدىغان بىر شەخس».
Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى
Subscribe to get the latest posts sent to your email.
