: پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ ئۇيغۇرچە ۋاقتى

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

ئەسكەرتىش: ئوبزورلار ئاپتورلارنىڭ شەخسىي كۆز-قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر پوچتىسىنىڭ ئورگان مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىشتىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئۇيغۇر پوچتىسىنىڭ ئوبزور سەھىپىسى ئۆزگىچە (ياكى ئوخشىمىغان) كۆز-قاراشلارغا سەھنە ھازىرلايدۇ.

ئۇيغۇردا ھەممە ئىشنىڭ، سۆزنىڭ ۋاقت-سائىتى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. شۇڭا، ئىشنى ۋە گەپنى ئورۇنلۇق ۋاقىتتا قىلىشقا ئېتىبار بېرىمىز. خوش، شائىر ئەخمەتجان ئوسمان سۆزلەۋاتقان، دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنىۋاتقان «ئەلقىسسە» مۇشۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋاقتىدا سۆزلەنمىسە بولمايدىغان مەزمۇنمۇ؟ ئوغۇزخاننى پەيغەمبەر، «ئوغۇزنامە» داستانىنى ۋەھىي، ئىلاھىي يارلىق دېيىشنىڭ، شۇنى تەرغىب قىلىشنىڭ نېمە زۆرۈرىيىتى؟

**«ئەلقىسسە»**نى ئەگەر زاماننى كەينىگە ياندۇرۇپ مىڭ يىل بۇرۇنقى قاراخانلار دەۋرىگە قايتۇرغىلى بولسا، شۇ پاراۋان قەشقەردە، روناق تاپقان تۇرپان، خوتەنلەردە ئوچاققا ئوتۇننى تاشلاپ قويۇپ، قىشنىڭ سوغۇق، قاراڭغۇ، ئۇزۇن كېچىلىرى بىكارچىلىقتا ئاڭلىسا بەكرەك تېتىپ كېتىشى مۇمكىن. ئەمما، كۆڭۈلنىڭ ئارامى يوق، دىللار غەش، يۈرەكلەر داغلانغان 21-ئەسىرنىڭ تەرەققىياتى پارتىلاۋاتقان، ئۇيغۇرنىڭ مەۋجۇتلۇقى خىرىسقا ئۇچرىغان بۇ كۈنلەردە قىسسە ئەمەس، مارشلارنى ئاڭلاشقا، ئېيتىشقا، سەپلەرگە تىزىلىشقا مۇھتاجمىز. قىلىشقا تېگىشلىك، قىلمىساق گۇناھكار، لەنەتكەردە، نەپرەتلىك بولىدىغان بۇرچىمىز قىرغىنچىلىقتىن قۇتۇلۇش، قاباھەتتىكى ھالىمىزغا دەرمان بولۇش. سەكراتتىكى ھالىمىزنى ئۆزگەرتەلمەيۋاتقان ئىكەنمىز، پىكىر، سۆز ۋە ھەرىكەتمۇ ھالىمىزغا يارىشا بولسا ئەۋزەل.

«ئەلقىسسە»نى سۆزلەش پىكىر ئەركىنلىكى. ھەر قانداق پىكىر ئەركىنلىكىگە شەرتسىز ھۆرمەت قىلىمىز. ئەمما، ھەر قانداق تەشكىلاتقا تەۋە بولغاندىكىن سۆز-ھەرىكەتتە ئۇنىڭ نىزامنامىسىگە ئەمەل قىلىمىز؛ بىر مىللەتكە تەۋە بولساق ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئايايمىز، ئېتىقادىنى ھۆرمەت قىلىمىز، سۇنۇق روھىنى چۇل-چۇل قىلمايمىز. مىللەتنىڭ مۇتلەق كۆپى ئېتىقات قىلىۋاتقان دىنغا مۇخالىپ پىكىرلەرنى بىر تەشكىلاتنىڭ ئاتامانى سۈپىتىدە، بىر تەشكىلات مۇنبىرىدە تارقىتىش خاتالىقتىن، مەسئۇلىيەتسىزلىك، گۆدەكلىكتىن باشقا ھېچنەرسە ئەمەس.

ئەلۋەتتە، مۇھاجىرەتتە ئەخمەتجان ئوسماندەك ئويلايدىغانلار ئاز بولماسلىقى مۇمكىن. ئىسلامنى تەنقىد قىلىۋاتقان، دىندىن گۇمانلىنىۋاتقان، خۇدادىن شەكلەنگەن كىشىلەرمۇ خېلى نۇرغۇندۇ، ئەمما ئۇنى تەرغىب قىلىپ يۈرمەيدۇ. تەرغىب قىلغان تەقدىردىمۇ ئۇيغۇرلارنى ئارامسىزلاندۇرغۇدەك تەسىر قوزغىيالمايدۇ. ئەمما مەن ئەخمەتجان ئوسماننىڭ ئۆز ۋەزنىنى دەڭسېيەلەيدىغانلىقىغا، نېمە دەۋاتقانلىقىنى، دەۋاتقانلىرىنىڭ ئاقىۋەتلىرىنى ئېنىق بىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. شۇڭا، ئەخمەتجان ئوسماندىن كۈتۈلىدىغان تەلەپ، خەلقىمىزگە يېڭى بىر پەيغەمبەر ۋە ئىلاھىي دەستۇر يارىتىش ئەمەس، ئۆزى نەزمە يېزىپ شۆھرەت قازانغان ئەرەب تىلىدا بەش يۈز مىليوندىن ئارتۇق ئەرەبچە سۆزلەيدىغان ئىنسانلارغا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ پاكىتلىرىنى چۈشەندۈرۈش، ئايان قىلىش ئىدى.

ئەخمەتجان ئوسماننىڭ ئۆزىگىمۇ شۇنى دېگەن بولاتتىم: سىز دېگەن بۇ گەپلەر يېڭىلىقمۇ ئەمەس، بۈگۈنكى كۈندە زۆرۈرمۇ، ئورۇنلۇقمۇ ئەمەس. ئۇيغۇرلاردا مىڭ يىلدىن بۇيان دەپ يېزىپ كېلىنگەن گەپلەر ئۇلار. ئۇلارنى ئەرەبلەردىمۇ مىڭ يىللاردىن بۇيان تەرغىب، تەبلىغ قىلىنىپ ھارمىدى. ھەتتا ئۇ ھەقتە مەخسۇس ئېقىملار، جىلد-جىلد كىتابلار بار، بىلىسىز. يېڭىدىن دىن يارىتىش تەشەررۇسىڭىزنى، ئۇيغۇر ئېتىقادىنى يېڭىلاش تەشەببۇسىڭىزنى بۈگۈن بىزگە دەپ نېمە قىلىسىز؟ ئالدىمىزدا ئېقىۋاتقان قان بار، قولىمىزغا يا بىنت ئېلىپ تاڭايلى، يا داكا بىلەن ئورايلى، ياكى بولمىسا دوختۇر ئىزدەپ ماڭايلى! بىز نېمە قىلىۋاتىمىز؟

ئۇنداقتا نېمە قىلساق بولاتتى؟ مەنچە، مەۋجۇتلۇقى تەھدىتتە قالغان مىللەت ئەزالىرى شەخس سۈپىتىدە تىلىنى، يۈسۈنىنى، كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش ھەققىدە كونكېرېت قىلالايدىغان نۇرغۇن ئىشلار بار. مەسىلەن، بىر ئاغىنەمنىڭ ئوغلى: «ساقال قويۇۋال، دادا!» دەپتۇ. نېمىشقا دېسە: «مەن تۇغۇلۇپ كۆرەلمىگەن، كۆرەلمەيدىغان تۇرپاندىكى بوۋامنىڭ رەسىمىگە ئوخشايدىكەنسەن» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. بىزنىڭ شۇ بوۋىسىز نەۋرىلەر، شۇ نەۋرىسىز بوۋايلار ئۈچۈن قىلىپ بېرەلەيدىغان ئىشىمىز نېمە؟ قىلىدىغان ئىشىمىز جىق. بۇ جۇدالىقنىڭ پاتراق ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن، بىزنى ۋەيران قىلىۋاتقانلارنى كۈمپەيكۈمپەي قىلىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەننى قىلساق بولىدۇ ئەلۋەتتە. پەقەت بولمىسا، ئاقارغان ئېڭەكتىكى ساقالنى چىرايلىق قويۇپ بېرىپ بوۋىسىز بالىمىزنى ئۇيغۇر قىلساق، ئۇيغۇرلۇققا ئامراق چوڭ قىلساق، ئۇيغۇرچە سۈزۈك سىياقىمىز بىلەن خوش قىلساقمۇ بولىدۇ.

«ئەلقىسسە»دە سۆزلەنگەنلەر ئۇيغۇرچە ۋە ئەرەبچە ئەسىرلەردىن بۇيان قۇلاقلاردا ياڭراپ تۇرۇپتۇ. نېمە ئۆزگەردى؟ ھېچنېمە! بۇلارنى بايان قىلغان ئەرەبلەردىن مەئارى، مەنسۇر ھەللاج، بىزدىن شاھ مەشرەپ، گۇمنامدىن قانچىلىك ئادەم ئەگىشىپ، قانچىلىك ئۆزگىرىش ھاسىل بولدى؟ ھېچقانداق تەۋرىنىش پەيدا بولمىدى. ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرى نەزىملەردە، غەزەللەردە، مۇقاملاردا قالدى، ھايات ئۆز يولىدا داۋام قىلدى. كىشىلەر موللاملارنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇشنى، مەسچىتلەردە تاراۋىھ ئوقۇشنى، مازار-ماشايىقلاردا ساما سېلىشنى داۋام ئەتكۈزۈۋەردى. شۇ «ئەنەلھەق!» يەنى «مەن خۇدادۇرمەن» دەپ جاكارلىغان مەنسۇر ھەللاج ھايات بولغان بولسا، ئۇيغۇر ئەمەس ئىنسانلا بولغان بولسا، «ئەنەلھەق» ئەمەس «ئۇيغۇر ھەق» دەيتتى. ئۇيغۇرنىڭ ھەقلىق داۋاسى ئۈچۈن، بۈگۈنكى ئۇيغۇرنىڭ تىلىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن يازغان، غۇرۇرىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان، جېنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن جان تىككەن بولاتتى.

«ئەلقىسسە»دە سۆزلەنگەنگە ئوخشاش تارىختا ئېتىقادلاردىن قىلىنغان گۇمانلار، پەرەزلەر، ھۆكۈملەر، پەيدا بولغان يېڭى ئېقىملار پەقەت نەزمە، دىۋان ۋە كۈللىياتلاردا ساقلىنىپ قالدى. شۇ قىسسەچى، پەرەزچى ۋە ھۆكۈمالار بۈگۈن ھايات بولغان بولسا، ئەگەر ئۇلار ئۇيغۇر بولمىسىمۇ ئىنسانلا بولغان بولسا، بىز كۆرۈۋاتقان قارا كۈنلەرگە، دۇچ كەلگەن ھالاكەتكە سۈكۈت قىلمايتتى. ئۇلار ئەخمەتجان ئوسمانغا ۋە ئەگەشكۈچىلەرگە شۇنى دەيتتى: «ئەي ئىخلاسمەنلىرىم، سىلەرنى قوللىغان بولاتتىم، ئەمما ھازىر ئۇنىڭ ۋاقتى ئەمەس، ئورۇنسىز. چۈنكى كۆز ئالدىمدا بىر مىللەت سەكراتتا ياتىدۇ، سەكراتتا!»

ئۆلۈملۈك بولۇۋاتقان، قاتىللارنىڭ قولىدا قىرىلىۋاتقان مىللەتتە پىكىر ئەركىنلىكى «ھازا ئېچىش»، «پەرياد چېكىش»، «قىساسقا تەييارلىق قىلىش»، «ھازىدارلارغا تەسەللى بېرىش» بولسا ئورۇنلۇق. ئۆيىمىزدە نېمە كىيىسەك، كىيمىسەك بولىدۇ، تالاغا چىققاندا، ئۆلۈم بولغان كۈنى، مىللىتىمىز سەكراتقا چۈشكەن مۇسىبەتلىك كۈنلەردە باشقا دوپپا كىيىپ، ئاق باغلايمىز. دەيدىغان سۆزلەرمۇ مۇسىبەتكە لايىق، مۇراسىمغا ئۇيغۇن، كىشىلەرنىڭ ماتەملىك ھېسلىرىغا تەڭكەش ھالەتتە دېيىلىدۇ. ھازىر ئۇيغۇرلار ھەممەيلەن ئۆلۈملۈك، دەردلىك، ھازىردار. بۇنداق كۈنلەردە ئارتۇقچە سۆز، بىۋاقىت نۇتۇق، مۇقامغا چۈشمەس غەزەل، چاڭچىغا ئوخشايدىغان ئاھاڭلاردىن دىل ئازارلانغاندىن خۇدايىمۇ بىزار.

تەھرىرلىگۈچى مەسئۇل مۇھەررىر: تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز