
ئۇيغۇرنىڭ ئەنئەنىۋىي تائامىغا ئۇيغۇر بولمىغان بىر شەخسنى ۋارىس قىلىش نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان | ۋاقتى: 2025-يىلى 6-ئۆكتەبىر |
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەتنى سىياسىي قېلىپقا سېلىش سىياسىتى بويىچە،ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىغا قاراشلىق بىر ئورگان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەنئەنىۋىي تائامىلەغمەن ئېتىش ھۈنەر-سەنئىتىگە جوۋ جۈن ئىسىملىك بىر شەخسنى رەسمىي ۋارىس قىلىپ ئىلان قىلدى. 10-ئاينىڭ 1-كۈنى يېڭى خىتاي قۇرۇلغانلىقىنىڭ 76 يىللىقىنى تەبرىكلەش ۋە «جۇڭخۇا مىللىي ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش» شوئارى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ تەشۋىقات پائالىيىتى،لەغمەننى ئۇيغۇر كىملىكىدىن ئايرىش ۋە يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنى خىتاينىڭ مىللەتلەرنى بىرلەشتۈرۈش قۇرۇلمىسىغا كىرگۈزۈش ئۇرۇنۇشى دەپ قارالماقتا.
خىتاينىڭ تەشۋىقات تاراتقۇسى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 2025-يىللىق توقسۇن لەڭمىنى مەززىلىك تائاملار مەدەنىيەت-ساياھەت پائالىيىتىدە، توقسۇنلۇق جوۋ جۈن ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك لەغمەن ئېتىش ھۈنەر-سەنئىتى ۋارىسى قىلىپ ئىلان قىلىنغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، جوۋ جۈن نەق مەيداندالەغمەن ئېتىش ماھارىتىنى نامايان قىلغان ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە بىر غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى تۈرى بولغان ئاق قوناق نېنى يېقىش ھۈنەر-سەنئىتىمۇ كۆرسىتىلگەن. جوۋ جۈننىڭ ئېنىق مىللەت تەۋەلىكى بىلدۈرۈلمىگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىسمى ۋە ئەھۋالى ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئەمەسلىكىنى كۆرستىدۇ.خەنزۇ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.تەڭرىتاغ تورى ئۇيغۇرچە قانىلى ئالاقىدار خەۋىرىدە، «لەغمەن» سۆزىنى ئۆزگەرتىپ «لەڭمەن»دەپ ئاتىغان. ئۇيغۇر تىلىدا، بۇ سۆز«لەغمەن»دەپ ئومۇملاشقان.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى قوللاش ئۈچۈن، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرمۇ ئاكتىپ ھەرىكەتكە ئۆتكەن. توقسۇن ناھىيەلىك مەدەنىيەت-ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ما جيې مۇنداق دېگەن:
«بىز پەقەت بىر تەخسەلەغمەننى تەۋسىيە قىلىپلا قالماي، بەلكى توقسۇننىڭ يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى ۋە يەرلىك ئۆرپ-ئادەتلىرىنى تونۇشتۇرۇۋاتىمىز… بىز بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەر ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ بۇ بىر تەخسەلەغمەننىڭ كەينىدىكى ھېكايىلەرنى چۈشىنىشىنى، ھەمدە توقسۇننىڭ ئۆزگىچە جەلپكارلىقىنى ھېس قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»
لەغمەن ئۇيغۇر ئاشخانىسىدا پولو، مانتا، سۇيۇقئاش ۋە نارىن چۆپ قاتارلىق تائاملار بىلەن بىر قاتاردا تۇرىدىغان، ھەر بىر ئائىلىدە ئەزەلدىن داۋام قىلىپ كەلگەن ئەڭ مۇھىم مىللىي تائام. ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەك مۇتەخەسسلىرى لەغمەننىڭ ھەر بىر يۇرتتا ئۆزىگە خاس، مەدەنىيەتكە تولغان رېتسىپلىرى بارلىقىنى پەخىرلىنىپ تىلغا ئالىدۇ.
لوندوندا تۇرۇشلۇق شائىر ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدە ئىزدەنگۈچى ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئۇيغۇر پوچتىسىغا مۇنداق دېدى:
«مەن ھەيران قالمايمەن. خىتاي ھۆكۈمىتى يالغان ئېيتىش ۋە ئۆزىگە تەۋە بولمىغان نەرسىلەرنى سەپسەتە توقۇپ، يالغان تارىخ يېزىپ ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشقا ماھىر. بۈگۈنكى كۈندە خىتاي مۇستەملىكىسىدىكى ئۇيغۇرىستاندا خىتاي ئۆزىنىڭ قىلىۋالمىغان ھىچ بىر نەرسە قالمىدى. بۇ قىلمىشلار ئەلۋەتتە، خىتايدەك بىر ئىشغالىيەتچى، زومىگەر ھاكىمىيەتنىڭ ھەقىقى ئەپتى- بەشىرسىنى ئاشكارلاپ بېرىدۇ.»
ئۇيغۇر بولمىغان بىر شەخسنى لەغمەن ۋارىسى قىلىپ بېكىتىش، لەغمەننى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت مىراسى بىلەن مۇناسىۋەتسىز دەپ قارايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىتاينىڭ «جۇڭخۇا مىللىي ئورتاق گەۋدىسى» نامى ئاستىدا ئۇيغۇرنىڭ يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنى ئاساسىدىن ھەزىم قىلىش ۋە ئۇنىڭ مىللىي كىملىك قىممىتىنى يوقىتىش سىياسىتىنىڭ بىر قىسمىدۇر.