UAA

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ (UAA) يېڭى نۆۋەتلىك رەھبەرلىك قاتلىمى 4-ئۆكتەبىر كۈنى ۋېرجىنىيە شىتاتىنىڭ فاير فاكس شەھىرىدە غەلىبىلىك سايلاپ چىقىلغان.

جەمئىيەت ئەزالىرى ئامېرىكا مائارىپى تەربىيىسىنى قوبۇل قىلغان يېڭى ياش ئەۋلادتىن چوڭ ئۈمىدلەرنى كۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى قارشى ئالدى:

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ سابىق رەئىسى ئەلفىدار (ئابلىكىم)، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى ئۆمەر قانات، ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى روشەن ئابباس قاتارلىق ئەربابلار يېڭى رەھبەرلىكنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى، ھەمكارلىشىپ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز