
nurala-gokturk
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ئۈچۈن ئامىنە سەدەف تەييارلىغان.مەسئۇل مۇھەرىرى: ئالىپ ئۇيغۇر
(ئۇيغۇر پوچتىسىدا رۇخسەت بىلەن ئېلان قىلىندى)
بۇ يىل 27-سېنتەبىر ئىستانبۇل تۈرك ئوچاقلىرىدا ئەھمىيەتلىك ئەدەبىي ۋە مەدەنىيەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائالىيەت ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇر كۆچمەنلىك ھېكايىسىنى ئەسلەش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇشتىكى مۇھىم بىر پۇرسەت بولدى. ئىستانبۇلدىكى پائالىيەتچىلەر ۋە تۈرك ئاكادېمىكلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكەن بۇ سورۇنغا، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىدىن بىر ھەيئەتمۇ كېلىپ، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەبرىكلىرىنى يەتكۈزدى.
پائالىيەتنىڭ مەزمۇنى ۋە مۇھىم نۇقتىلىرى
* مۇكاپات ۋە تەبرىك: قازاقىستان ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىدىن كەلگەن ھەيئەت، ھاياتىنى ئۇيغۇر دەۋاسىغا ئاتىغان، شائىر ۋە يازغۇچى نۇرئەلا كۆكتۈرك خانىمنىڭ «تەڭرى تاغلىرىدىن ئەرجىنىسنىڭ باغرىغا، كۆچۈش ھېكايىسى» ناملىق كىتابىغا بېرىلگەن مۇكاپاتنى ۋە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ قىزغىن تەبرىكلىرىنى ئېلىپ كەلدى.
* ئېچىلىش سۆزى: تۈرك ئوچاقلىرى ئىستانبۇل شۆبىسىنىڭ باشلىقى دوكتور جەزمى بايرام (Dr. Cezmi Bayram) پائالىيەتكە ئېچىلىش سۆزى قىلدى.
* نۇرئەلا كۆكتۈركنىڭ سۆزى: نۇرئەلا كۆكتۈرك خانىم ئۆزىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ھاياتىنى، شۇنداقلا 1960- يىللارنىڭ باشلىرىدا ئىستانبۇلغا كۆچۈپ كەلگەن بىر گۇرۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن ھەسرىتىگە تولغان كۆچمەنلىك ھېكايىسى ۋە سەرگۈزەشتىلىرىنى تەپسىلىي سۆزلەپ بەردى.
* قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى: قازاقىستان ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئاياللار خىزمىتىگە مەسئۇل سەنەم خانىم ۋە مەركەزدىكى باشقا ھەيئەت ئەزالىرى ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلىپ، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
* سەنئەت نومۇرى: ئۇيغۇرلارنىڭ دوستى، تۈرك دۇنياسىنىڭ تونۇلغان خەلق سەنئەتكارى بۇنيامىن ئاقسۇڭغۇر (Bünyamin Aksungur) ئەپەندى دۇتار ۋە راۋاپ بىلەن ئۇيغۇر ناخشىلىرىنى ئورۇنلاپ، پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلارنى ئۇزاق تەڭرى تاغلىرىغا باشلاپ كەتكەندەك ھېس قىلدۇردى.
* مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش: پائالىيەت ئاخىرىدا، قازاقىستان ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىدىن كەلگەن مېھمانلار نۇرئەلا كۆكتۈرك خانىمغا دوپپا ۋە تون كىيدۈرۈپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىلغان ئۇزۇن يىللىق خىزمەتلىرىگە چوڭقۇر مىننەتدارلىق بىلدۈردى.
نۇرئەلا كۆكتۈركنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى ۋە ئەدەبىي ئەمگىكى
نۇرئەلا كۆكتۈرك 1957- يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەكەن ناھىيەسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ 1961- يىلى ئائىلىسى بىلەن بىللە ئافغانىستانغا كۆچۈپ، 1965- يىلى تۈركىيەگە كەلگەن ۋە شۇنىڭدىن بېرى تۈركىيەدە ياشاپ كېلىۋاتىدۇ.
* ئۇزۇن يىللىق پائالىيەت: ئۇ كىچىك يېشىدىن باشلاپلا قەيسەرىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان مۇھاجىرلار جەمئىيىتىدە ئاكتىپ خىزمەت قىلىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ خىزمەتنى بۈگۈنكى كۈنگىچە داۋاملاشتۇرماقتا.
* ئەسەرلىرى (تۈرك تىلىدا): يازغۇچى نۇرئەلا كۆكتۈرك ياش ۋاقتىدىن باشلاپ شېئىر ئوقۇش ۋە يېزىشقا باشلىغان. ئۇنىڭ تۈرك تىلىدا يېزىلغان ۋە تۈركىيە ھەم قوشنا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدە نەشىر قىلىنىپ تارقالغان ئەسەرلىرى تۆۋەندىكىچە:
* كۆك بايراق سەۋداسى (شېئىر 1-توپلام)
* كۆك بايراق سەۋداسى(2- توپلام)
* شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەنئەنىۋى ئاشخانا مەدەنىيىتى: ئۇيغۇر تائاملىرى
* شەرقىي تۈركىستان قىزىمەن (شېئىر توپلام)
* كۆك بايراقنىڭ كۆز يېشى (شېئىر توپلام)
* تەڭرى تاغلىرىدىن ئەرجىنىسنىڭ ئېتەكلىرىگە كۆچۈش (رومان)
بۇ ئەسەرلەر تۈركىيە ۋە تۈركىي تىللىق خەلقلەرگە مۇساپىر ئۇيغۇرلارنىڭ ھېسسىياتى، ئىچكى دۇنياسى، كۆچمەنلىك سەرگۈزەشتىلىرى ۋە مەدەنىيىتىنى چوڭقۇر تونۇشتۇرۇپ كەلمەكتە.
* تەرجىمە ئەمگەكلىرى: نۇرئەلا كۆكتۈرك يەنە مۇھىم ئەدەبىي تەرجىمان بولۇپ، يازغۇچى سۆيۈنگۈل خانىمنىڭ «كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن» ۋە يازغۇچى ئەخمەت ئىگەمبەردىنىڭ «ھىجران دەردى» قاتارلىق كىتابلىرىنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلغان. بۇ تەرجىمە كىتابلارمۇ تۈركىيەدە نەشىر قىلىنىپ، كەڭ كۆلەمدە تارقالغان.
بىز بۇ مول ھوسۇللۇق يازغۇچى، شائىر ۋە ئەدەبىي تەرجىمان نۇرئەلا كۆكتۈرك خانىمنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، كېيىنكى ئەدەبىي ئىجادىيەت ھاياتىغا تېخىمۇ زور بەرىكەت تىلەيمىز.