قۇرۇلتاي



ياۋروپا پارلامېنتى: 3-ئۆكتەبر

مۇخبىر: ئۇيغۇرىئان/ئۇيغۇر پوچتىسى

ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن كونفېرانس داۋامىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان «ساختا ئاپتونومىيە» سىياسىتى ۋە ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى قىرغىنچىلىق، مەدەنىيەتنى يوقىتىش ھەرىكەتلىرى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىنىپ، خەلقئارالىق قانۇنىي تەدبىرلەرنى ئېلىش جىددىي تەكىتلەندى.

1-ئۆكتەبىر كۈنى ياۋروپا پارلامېنتىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (WUC) بىلەن ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرى، جۈملىدىن ئىلھام كۈچۈك قاتارلىق سىياسىيونلارنىڭ تەشكىللىشى بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان «ساختا ئاپتونومىيە سىياسىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇقلىرى» تېمىسىدا مۇھىم بىر كونفېرانس ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ يىغىنغا يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن، سابىق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ۋە بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرىمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار مۇھاكىمە جەريانىدا ئاكتىپ پىكىر بايان قىلدى.

يىغىن ئاخىرىدا، قاتناشقۇچىلار خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. (سۈرەت مەنبەسى: بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى)

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن سۆز قىلغان بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەكبەرجان ئۇيغۇر، بۇ قېتىملىق سۆھبەتنىڭ مەقسىتىنى چۈشەندۈرۈپ، مۇنۇلارنى بىلدۈردى:

«بۇ قېتىملىق سۆھبەتتە خىتاينىڭ ئاتالمىش 70 يىللىق ساختا ئاپتونومىيەسى، ۋەتەنىمىزنى بېسىۋالغاندىن كېيىن يۈرگۈزگەن قىرغىنچىلىق ۋە مەدەنىيەتنى يوقىتىش سىياسىتى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كەلگەن بالايى-ئاپەتلىرى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىندى.»


لاگېر شاھىتىنىڭ گۇۋاھلىقى ۋە يېڭى پاكىتلار

كونفېرانسقا جىنايى لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىم قاتناشتى. ئۇ ئۆزىنىڭ لاگېردا كۆرگەنلىرىنى تەپسىلىي گۇۋاھلىق بېرىش ئارقىلىق، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ لاگېرلاردا ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بارغان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى يەنە بىر قېتىم خەلقئارا جامائەتكە ئەسلەتتى.

يېقىندا شەرقىي تۈركىستانغا بارغان تۈركىيەلىك ساياھەتچى ياش تاھا بولسا، ئۆزى تەييارلاپ كەلگەن سۈرەتلىك پروگراممىنى سۇنۇپ، ئاڭلىغۇچىلارغا خىتاينىڭ يەرلىك كىشىلەرگە قاراتقان قاتتىق نازارەت قىلىش، دىنىي چەكلىمىلەر قويۇش ۋە دىنسىزلاشتۇرۇش سىياسىتى ھەققىدە ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىرى ئاساسىدا تەپسىلىي چۈشەنچە بەردى.

مۇھاكىمىدە يەنە، بىر قىسىم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ئۆز ئائىلە ئەزالىرىغا كەلگەن زۇلۇملارنى ئاڭلىتىش ئارقىلىق، خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ۋە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى شەخسىي ھېكايىلەر ئارقىلىق يەتكۈزدى.


پۇشتۇ خەلقى بىلەن ھەمكارلىق ۋە قانۇنىي تەدبىر تەلەپ قىلىش

كونفېرانسقا قاتناشقانلار ئارىسىدا، پاكىستاندا زۇلۇم ئاستىدا ياشاۋاتقان پۇشتۇ خەلقىنىڭ ياۋروپادىكى پائالىيەتچى ۋەكىللىرىمۇ بار بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاخىرىدا، ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ۋە ئۇلار ئۈچۈن نېمە قىلالايدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئاللىرىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى زۇمرەتئاي ئەركىن خانىم جاۋاب بەردى.

زۇمرەتئاي ئەركىن خانىم، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دۆلەتلەرنىڭ قانۇنىي جەھەتتە ھەرىكەت قوللىنىشىنىڭ لازىملىقىنى جىددىي تەكىتلىدى. ئۇ ئاڭلىغۇچىلارنىڭ بۇ جەھەتتە يەرلىك قانۇن چىقارغۇچى پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنى قانۇن لايىھەلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا ھەرىكەتلەندۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈردى.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز