ئۇيغۇر پوچتىسىنىڭ ئاخباراتچىلىق قائىدىلىرى

ئۇيغۇر پوچتىسىنىڭ ئاخباراتچىلىق قائىدىلىرى

ئۇيغۇر پوچتىسىنىڭ ئاخباراتچىلىق قائىدىلىرى

«ئۇيغۇر پوچتىسى»نىڭ غايىسى ئاخباراتچىلىقنىڭ ئالىي ئۆلچەملىرىگە قاتتىق رىئايە قىلىشتا ئىپادىلىنىدۇ. «ئۇيغۇر پوچتىسى»نىڭ بارلىق ئاخبارات خادىملىرى تۆۋەندىكى قائىدىلەر، كەسپىي ۋە ئەخلاقىي ئۆلچەملەرنى بىلىشى ۋە رىئايە قىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

خەۋەر ئىشلەش قائىدىلىرى

مەزمۇن دائىرىسى: ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنى ۋە دىئاسپوراسى ھەققىدىكى مۇھىم خەۋەرلەر، ئىشلار، ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقى ۋە خەلقئارا ئىنكاسلار، مەدەنىيەت، سىياسەت ۋە ئىقتىساد ھەققىدىكى يېڭى ئۇچۇرلار ۋە قەرەللىك ئانالىزلار ئېلان قىلىنىدۇ.

خەۋەر ۋە ئوبزور  بۆلۈملىرىنىڭ ئايرىم مەشغۇلات قىلىش قائىدىسى:

«ئۇيغۇر پوچتىسى»دا ئوبزور بۆلۈمى بىلەن خەۋەرلەر بۆلۈمى ئايرىم مەشغۇلات قىلىدۇ:

  • ئوبزور بۆلۈمى تەھرىرات بۆلۈمىگە مەنسۇپ بولۇپ، باش ماقالە، ئوبزور، خەت-چەك، ئەسلىمە، چاقىرىق ۋە تەۋسىيە مەزمۇنلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ، ھەمدە مەمۇرىيەتنىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلىدۇ.
  • خەۋەرلەر بۆلۈمى پۈتۈنلەي مۇستەقىل بولۇپ، خەۋەرلەر باش مۇھەررىرى خەۋەرلەرنى تاللاش، قارار قىلىش، تەھرىرلەش، بىكار قىلىش ياكى ئۆچۈرۈش، شۇنداقلا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنكى تۈزىتىش خىزمەتلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ.

خەۋەر يازغۇچىلار:

مۇخبىرلار كەسپىي بىلىم، تەربىيەلەش ۋە تەجرىبەگە ئىگە بولغان، ئۇيغۇر تىلى ۋە قائىدىسىنى ياخشى بىلىدىغان، ئاخباراتچىلىق پىرىنسىپلىرىغا ئەگىشىدىغان، راستچىل بولغان، كىشىلەرنى ھەقىقەتتىن خەۋەردار قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەردۇر.

مۇخبىرلار «ئۇيغۇر پوچتىسى» مۇدىرىيىتى ئارقىلىق تەكلىپ قىلىنىدۇ. ئۇلار مۇئاشلىق مۇخبىرلار ۋە پىدائىي مۇخبىرلاردىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك گۇرۇپپا ئاساسىدا ئىشلەيدۇ. «ئۇيغۇر پوچتىسى» فوندىغا ئېرىشەلمىگەن مۇددەتتە پىدائىيلارغا تايىنىدۇ.

«ئۇيغۇر پوچتىسى» خادىملىرىنىڭ ئىككى تۈرلۈك روھى كەسكىن ۋە ئېنىق بولىدۇ:

  1. جەسۇرلۇق: «ئۇيغۇر پوچتىسى» مۇخبىرلىرى جەسۇر ۋە قەيسەر كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار ساختا ئۇچۇر، يالغان خەۋەرلەر، پىكىر زوراۋانلىقى ۋە قاتماللىق بىلەن تولغان دۇنيادا، كىشىلەرگە ھەقىقەتنى تەكشۈرۈپ، پاكىتلارنى توپلاپ، راستنى ئېنىقلاپ سۇنىدۇ. ھەقىقەتنى يوشۇرىدىغان مۇستەبىتلىك، دىكتاتۇرلۇق، تەھدىت، سۇيىقەست ۋە مېكىرلەرگە قورقماستىن يۈزلىنىدۇ.
  2. پاكىت تەكشۈرۈش: «ئۇيغۇر پوچتىسى» خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆججەت ۋە تەشۋىقاتلىرىنى پاش قىلىش، رەددىيە قايتۇرۇش، ھۆججەتلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئۇنى ئاممىغا سۇنىدۇ ۋە قارشى ئىسپات ۋە دەلىللەرنى تەمىنلەشكە تىرىشىدۇ.

خەۋەر ئىشلەش خىزمەت تەرتىپى:

خەۋەرلەر «ئۇيغۇر پوچتىسى»نىڭ خەۋەر ئىشلەش خىزمەت تەرتىپى بويىچە يېزىلىدۇ.

خەۋەر قېلىپى: خەۋەرلەر «ئۇيغۇر پوچتىسى»نىڭ ئۆلچەملىك خەۋەر قېلىپىغا ئاساسىي جەھەتتىن ئەگىشىدۇ.

چىنلىق ۋە توغرىلىق: «ئۇيغۇر پوچتىسى»نىڭ خەۋەر-پروگراممىلىرى ۋەقە-ھادىسىلەرنى ئەينەن بايان قىلىش، چوقۇم توغرا، ئوبيېكتىپ ۋە پاكىتلارغا ئۇيغۇن ھەم بىتەرەپ بولۇشى كېرەك.

توغرىلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەھرىرلىك ۋە مەنبە تەكشۈرۈش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ:

  • مەنبە: «ئۇيغۇر پوچتىسى» ھەر قانداق دەلىللەنمىگەن، مەنبەسى ئېنىق ۋە ئىشەنچلىك بولمىغان ئۇچۇرلارنى ئىشلەتمەسلىكى، چوڭ ۋەقەلەر ئۈچۈن ئىككىدىن ئارتۇق ئىشەنچلىك مەنبە ئىشلىتىشى لازىم.
  • «ئۇيغۇر پوچتىسى» ئىشلەتكەن، قىستۇرغان ھەر قانداق تاشقى مەنبە، جۈملىدىن باشقا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، تەتقىقات ئورۇنلىرى، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، تەشكىلات، شەخسلەرنىڭ سۆز-بايانلىرىنى ئەسلى مەنبەسىگە كرېدىت بېرىشى (ئېتىراپ قىلىپ تىلغا ئېلىشى)، مەنبەسىنى ئۇلانما ئارقىلىق قوشۇپ بېرىشى لازىم. باشقىلارنىڭ ماقالە-ئەسەرلىرىنى رۇخسەتسىز ھالدا ئەينەن كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. رۇخسەت ئالغاندا، تولۇق ئەسكەرتىش بېرىش لازىم. جىددىي خەۋەرلەردە، مەنبە ئۆزىنىڭ ئەسكەرتىلىشىنى خالىمىسا، بۇنى ماقالىدە تىلغا ئېلىش لازىم ۋە مەنبەنىڭ بېخەتەرلىكىنى ئالاقىدار قانۇن ئاساسدا قوغدىشى لازىم. مەنبەنى ئاشكارىلاشقا بولمىغاندا، مەنبەنى **«ئۇيغۇر پوچتىسى ئارخىپى»**دا ھۆججەت شەكلىدە ساقلاش تەلەپ قىلىنىدۇ.
  • تەڭپۇڭلۇق: ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى دىئاسپورا مەسىلىلىرىگە چوقۇم ھەر ئىككى تەرەپتىن پىكىرلەرنى قىستۇرۇش لازىم.
  • نەشر ھوقۇقى: «ئۇيغۇر پوچتىسى» رۇخسەتسىز ماقالە-ئەسەرلەرنى، سۈرەتلەرنى رۇخسەتسىز كۆچۈرمەيدۇ. ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقىغا رىئايە قىلىدۇ.
  • «ئۇيغۇر پوچتىسى» ئاساسلىقى تۆۋەندىكى مەنبەلەردىكى سۈرەتلەرنى ئىشلىتىدۇ:
    1. «ئۇيغۇر پوچتىسى» سۈرەتلەر توپلىمى
    2. ئىشلىتىلىشى بىۋاسىتە رۇخسەت قىلىنغان سۈرەتلەر
    3. ئۇيغۇرلار تارقاتقان سۈرەتلەر (رۇخسەت سوراش، ئەسكەرتىش ياكى ئۆزىگە ئەۋەتىپ بېرىش)
    4. ئىجتىمائىي ئاممىۋى (ھەقسىز) ساھەدىكى ئەسەرلەر (Public Domain)
    5. مەخسۇس نەشر ھوقۇقى بولمىغان سۈرەتلەر توپلىمى

تىل ئىشلىتىش قائىدىلىرى

ئۇيغۇر ئانا تىلىنىڭ لېكسىكا، گرامماتىكا ۋە ستىلىستىكا قائىدىلىرىگە رىئايە قىلىنىدۇ. يېڭى سۆزلەر مەسلىھەت ئارقىلىق بېكىتىلىدۇ. يېڭى سۆزلەر بۈگۈنكى، كلاسسىك ۋە قەدىمكى ئۇيغۇرچە سۆز تومۇرى ئاساسىدا ياسىلىدۇ ياكى قېرىنداش تىللارنىڭ ساپ سۆزلۈكىدىن قوبۇل قىلىنىدۇ.


ئوبزور، مۇھاكىمىلەر ۋە ئاممىدىن كەلگەن خەت-چەكلەر

«ئۇيغۇر پوچتىسى» خەۋەر-ئوبزورلىرى (قىسقا خەۋەرلەردىن باشقا)دا مۇخبىر ۋە قەلەم ئىگىسىنىڭ ئىسمى قوشۇلىدۇ. خەۋەر ئاستىدا قىسقىچە تونۇشتۇرۇلىدۇ. تەكلىپلىك ئوبزور-ماقالىلەرنىڭ ئاخىرىدا، ئۇلار ئوتتۇرىغا قويغان كۆز-قاراشلارنىڭ «ئۇيغۇر پوچتىسى»غا ۋەكىللىك قىلمايدىغانلىقىنى ئېنىق ئىزاھلاش كېرەك. ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تەھرىرلەش، ئېلان قىلىش-قىلماسلىق ھوقۇقى «ئۇيغۇر پوچتىسى»دا بولىدۇ.

ئوبزور سەھىپىسى «ئۇيغۇر پوچتىسى» تەرىپىدىن كەڭ جامائەتچىلىككە ئورتاق ئېچىلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا ئورتاق تېمىلاردا سۈپەتلىك مۇھاكىمە، تەنقىد، ماقالىلارغا ئوچۇقتۇر. «ئۇيغۇر پوچتىسى» ئۇچۇر ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكى، سۆز ئەركىنلىكى، باراۋەرلىك قاتارلىق دېموكراتىك پىرىنسىپلارغا رىئايە قىلىپ، ئۇيغۇر دىئاسپوراسى ئىچىدىكى كۆپ خىل، ئوخشىمىغان ئاۋازلارنى باراۋەر ئەكس ئەتتۈرۈش ۋە سەھنە بېرىشكە تىرىشچانلىق قىلىدۇ.

ئوبزورلار ئېنىق مۇددىئا، قىممەت قاراش، ئۇيغۇرلارغا مۇھىم بولغان مەسىلىلەردە يېڭى، توغرا، ئۆزگىچە پىكىرلەرنى تەمىنلىگەن بولۇشى، پاكىت ۋە ئاساسلىرى، مەنبەلىرى ئىشەنچلىك بولۇشى، كۆلىمى بىر بەتتىن بەش بەتكىچە بولۇشى، ئىملا ۋە تىل قائىدىلىرىگە رىئايە قىلغان بولۇشى، ئىشلەتكەن ئۇچۇرلارنىڭ پاكىتى تەمىنلەنگەن بولۇشى لازىم.

ئوبزورلار شەخسىي ھوقۇق، دىن، ئىرق، جىنىس مەسىلىلىرىگە چېتىلماسلىقى، دەخلى قىلماسلىقى لازىم.

تەشكىلات ئاۋازى: بايانات ۋە پىكىرلەرنى ئېلان قىلىش پرىنسىپى

«ئۇيغۇر پوچتىسى» مەخسۇس «تەشكىلات ئاۋازى» سەھىپىسى ئارقىلىق، ئوخشىمىغان تەشكىلاتلارنىڭ بايانات ۋە پىكىرلىرىنى ئېلان قىلىپ، كۆپ خىل ئاۋازنى ئەكس ئەتتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

بۇ سەھىپىدە ئېلان قىلىنغان مەزمۇنلار تۆۋەندىكى ئاساسلار بويىچە بېجىرىلىدۇ:

  • مەزمۇن ئىگىدارلىقى: ئېلان قىلىنغان بايانات ۋە پىكىرلەر شۇ تەشكىلاتنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، ئۇيغۇر پوچتىسىنىڭ مەيدانىنى بىلدۈرمەيدۇ.
  • ئاساسىي مەقسەت: بۇ ئارقىلىق، تەشكىلاتلارنىڭ مەيدانى ۋە ئاۋازىنى ئاممىغا بىلدۈرۈش ھەمدە تارىخىي خاتىرە قالدۇرۇش مەقسەت قىلىنىدۇ.
  • ئەسكەرتىش ۋە ئېنىقلىق: ئېلان قىلىنغان ھەر بىر پىكىر ياكى باياناتنىڭ ئەسلى مەنبەسى، ئۇلىنىشى، تەشكىلات نامى ۋە ئېلان قىلىنغان ۋاقتى ئېنىق كۆرسىتىلىدۇ.
  • قوشۇلىدىغان ئەسكەرتىش :ئەسكەرتىش: «ئۇيغۇر پوچتىسى» مەخسۇس «تەشكىلات ئاۋازى» سەھىپىسى ئارقىلىق، ئوخشىمىغان تەشكىلاتلارنىڭ بايانات ۋە پىكىرلىرىنى ئېلان قىلىپ، كۆپ خىل ئاۋازنى ئەكس ئەتتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ. بۇ ئارقىلىق، تەشكىلاتلارنىڭ مەيدانى ۋە ئاۋازىنى ئاممىغا بىلدۈرۈش ھەمدە تارىخىي خاتىرە قالدۇرۇش مەقسەت قىلىنىدۇ.ئېلان قىلىنغان بايانات ۋە پىكىرلەر شۇ تەشكىلاتنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، ئۇيغۇر پوچتىسىنىڭ مەيدانىنى بىلدۈرمەيدۇ.

مۇستەقىللىق بىلەن مۇناسىۋىتى:

بۇ سەھىپىدىكى مەزمۇنلار ئۇيغۇر پوچتىسىنىڭ تەھرىرىيەت مۇستەقىللىقىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ ۋە ئۇيغۇر پوچتىسىنىڭ مەيدانى ياكى خەۋەرلىرى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسىز ھېسابلىنىدۇ.

خاتالىقنى تۈزىتىش:

«ئۇيغۇر پوچتىسى»دىكى ھەر قانداق شەخس خەۋەر -ئەسەرلەردە خاتالىق سادىر قىلغان بولسا، ئۇنى ئېتىراپ قىلىشى، تۈزىتىشى ۋە تۈزەتمە ئېلانى بېرىشى، ئوخشاش خاتالىقنىڭ قايتا سادىر بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى لازىم.

«ئۇيغۇر پوچتىسى»نىڭ باش ماقالىسى

«ئۇيغۇر پوچتىسى» مۇھىم ۋەقەلەر توغرىسىدا، خەلقئارالىق ئۆلچەم بويىچە، ئورگان مەيدانىنى ئىپادىلەش ۋە ئوقۇرمەنلەرنى يېتەكلەشنى مەقسەت قىلغان باش ماقالە ئېلان قىلىدۇ، باش ماقالە مەخسۇس تەھرىرات ھەيئىتى (Editorial Board) تەرىپىدىن يېزىلىدۇ. باش ماقالە تەھرىرات ھەيئىتىدە ئۈچتىن بەشكىچە كىشى بولىدۇ.


مەنپەئەت توقۇنۇشى ۋە ئاشكارا بولۇش قائىدىسى

«ئۇيغۇر پوچتىسى» ئۆزىنىڭ مالىيە، ئادەم كۈچى مەنبەسى ھەققىدە ئاشكارا بولۇش پىرىنسىپىغا ئەگىشىدۇ ۋە قەرەللىك ھالدا ئاممىغا ئۇچۇر تەمىنلەيدۇ.

«ئۇيغۇر پوچتىسى» سىياسىي ياكى دىنىي تەشكىلات ئەمەس، مۇستەقىل ئاخبارات ئورگىنى. «ئۇيغۇر پوچتىسى» بىر سىياسىي پارتىيە-تەشكىلات، سىياسەتچىلەرنىڭ مەيدانىنى يەنە بىرىگە قارشى تەشۋىق قىلمايدۇ.

  • «ئۇيغۇر پوچتىسى»نىڭ مەخسۇس خەۋەرچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خىزمەتچى ۋە پىدائىيلىرى سىياسىي تەشكىلاتلاردا ۋەزىپە ئېلىشىغا بولمايدۇ. تەتقىقات، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي ئورگانلار بۇنىڭغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.
  • «ئۇيغۇر پوچتىسى»نىڭ قۇرغۇچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەمۇرىي خادىملار يۈكسەك ھالدا بىتەرەپلىك تەلەپ قىلىدىغان خەۋەرچىلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا بولمايدۇ. ئەمما باشقا ھەر قانداق ئۈچىنچى تەرەپكە ئوخشاش شەرتلەرگە ئۇيغۇن ھالدا، تەرجىمە ياكى ئوبزور يېزىش ۋە يوللاشقا بولىدۇ.
  • «ئۇيغۇر پوچتىسى» خادىملىرى ئۆزىنى سىياسىي ئورگان ۋەكىلى سۈپىتىدە كۆرسەتمەسلىكى كېرەك. «ئۇيغۇر پوچتىسى»غا ۋەكىللىك قىلغۇچىلار كەسپىي، ئىشەنچلىك ھەرىكەت قىلىشى لازىم.
  • «ئۇيغۇر پوچتىسى» مۇھەررىر، خادىملىرى ھەر قانداق دۆلەت ۋە ھۆكۈمەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىسادىي، سىياسىي ئالاقىسىنى «ئۇيغۇر پوچتىسى»غا ئاشكارىلىشى لازىم. دۆلەتلەرنىڭ «ئۇيغۇر پوچتىسى»نىڭ ئاخباراتچىلىق پىرىنسىپلىرىغا تەسىر كۆرسىتىش بوشلۇقى قالدۇرماسلىق لازىم.
  • مۇخبىرلار ئۆزىنىڭ مەنپەئىتى، ئىقتىسادىي چېتىشلىقى زىددىيەتلىك تېمىلاردا ئەسەر يېزىشتىن ساقلىنىشى لازىم.
  • ئەگەر مۇخبىر، ئوبزورچىلارنىڭ ئالاقىدار تېما ۋە يازمىدا بىتەرەپلىك قىلىش ئېھتىمالى بولسا، چېتىشلىق بولسا، ئۇنى ئاشكارىلاش لازىم.
  • «ئۇيغۇر پوچتىسى»نىڭ خەۋەر-پروگراممىلىرىغا تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىماللىقى بولغان ھەر قانداق خەۋەر ئوبيېكتى بولغان شەخس، ئورگان ۋە تەشكىلاتتىن سوغا-سالام قوبۇل قىلماسلىقى كېرەك.
  • «ئۇيغۇر پوچتىسى» مۇخبىر ۋە تەھرىرات بۆلۈم ئەزالىرى ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرگە ئارىلىشىشتىن ساقلىنىشى لازىم. ھەر قانداق شەخس، تەشكىلات ۋە ھۆكۈمەتكە قارىتىلغان ھۇجۇم، ئۆچمەنلىك، جېدەل-ماجىرا، بىر تەرەپلىمە تەشۋىقات ۋە ياكى ھاقارەتلەردىن خالىي بولۇشى كېرەك.

تەييارلانغان ۋاقتى: 2025-يىلى، 2-ئۆكتەبىر تەييارلىغۇچى: تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان تۈزۈتۈپ بېكىتكۈچى: «ئۇيغۇر پوچتىسى» مەسلىھەتچىلەر كومىتېتى

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز