ئ‍ۇيغۇر پوچتىسى

3-مارت

ئۇيغۇر ھوقۇقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى (Uyghur Rights Monitor) يېقىندا «ئېتىقادنى ئىدارە قىلىش: ئۇيغۇر رايونىدا ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش» ناملىق يېڭى دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. مەزكۇر دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نورمال دىنىي پائالىيەتلەرنى «جىنايەت» دەپ بېكىتىش، يېڭىچە كونترول قىلىش تاكتىكىلىرىنى قوللىنىش ۋە ئىسلام دىنىنى خىتاي سىياسىي قېلىپىغا سېلىش (خىتايلاشتۇرۇش) ئۈچۈن يولغا قويغان سىستېمىلىق سىياسەتلىرى تەپسىلىي پاش قىلىنغان.

ئۇيغۇر ھوقۇقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى (Uyghur Rights Monitor – URM) 2023-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، مەخسۇس سىياسىي تەھلىل ۋە تەكشۈرۈش دوكلاتلىرى بىلەن تەمىنلەيدىغان مۇستەقىل نازارەتچىلىك ئورگىنىدۇر. مەزكۇر تەشكىلات قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە ئالاقىدار بىر يۈرۈش مۇھىم ۋە نوپۇزلۇق دوكلاتلارنى ئېلان قىلىپ كەلمەكتە.

«ئېتىقادنى باشقۇرۇش: ئۇيغۇر رايونىدا ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش»ناملىق دوكلاتنىڭ قسقىچە مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

2015-يىلى مايدا ئۆتكۈزۈلگەن مەركىزىي بىرلىك سەپ خىزمىتى يىغىنىدا، شى جىنپىڭ خىتايدىكى بارلىق دىنلارنىڭ «خىتايلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش»ىنى بۇيرۇپ، دىنىي كونتروللۇقنى بېيجىڭنىڭ ئىدىيەۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ مەركىزىگە قويغان. «خىتايلاشتۇرۇش» — دىنىي ئورگانلار، تەلىماتلار ۋە ئېتىقادنىڭ ئاممىۋى ئىپادىلىرىنى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ (خ ك پ) سىياسىي نىشانلىرىغا بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن قايتا شەكىللەندۈرىدىغان دۆلەت خاراكتېرلىك بىر سىياسەتتۇر. ئۇيغۇر رايونىدا (شەرقىي تۈركىستان) دائىرىلەر كۈندىلىك ئىسلامىي پائالىيەتلەرنى قەستەن «ئەسەبىيلىك» دەپ كۆرسىتىش ئارقىلىق، بۇ زۇلۇم رامكىسىنى رەسمىي يولغا قويماقتا.

ئۆتكەن ئون يىل جەريانىدا، خىتاي دۆلەت سىياسەتلىرى مەسچىتلەرنى چېقىش، دىنىي تەربىيەنى پۈتۈنلەي چەكلەش ۋە ئادەتتىكى دىنىي پائالىيەتلەرنى «جىنايەت» دەپ بېكىتىش ئارقىلىق، رايوندىكى ئىسلامىي ھاياتنىڭ ئۇلىنى سىستېمىلىق ۋەيران قىلدى. دائىرىلەر ناماز، روزا، دىنىي كىيىم-كېچەك، ئەقىقە، نىكاھ ۋە دەپنە مۇراسىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۈندىلىك ئادەتتىكى دىنىي پائالىيەتلەرنى «رادىكاللىشىش»نىڭ ئالامىتى سۈپىتىدە تەسۋىرلىمەكتە. بۇ تەدبىرلەر كەڭ كۆلەملىك خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، مەجبۇرىي سىياسىي مېڭە يۇيۇش، ئائىلىلەرنى پارچىلاش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قاتارلىق سىستېمىلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ بىر قىسمىدۇر. خەلقئارالىق كۆزەتكۈچىلەر ۋە بىر قانچە دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى بۇ جىنايەتلەرنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتتى.

بۇ سىياسەت دوكلاتى «خىتايلاشتۇرۇش» سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىسلام دىنى ئارقا كۆرۈنۈشىدە، كۈندىلىك تۇرمۇشقا كۆرسىتىۋاتقان تەسىرىنى تەكشۈرىدۇ. دوكلاتتا، خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىسلام دىنىنى قايتا تەرتىپكە سېلىش ۋە «قانۇنغا ئۇيغۇن» دەپ قوبۇل قىلىنىدىغان دىنىي پائالىيەتلەرنى قايتا بېكىتىش جەريانىدا قوللانغان قانۇنىي، مەمۇرىي ۋە ئىدىيەۋى قوراللىرىغا باھا بېرىلىدۇ. تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى شۇنى كۆرسىتىدۇكى، ئۇيغۇر رايونىدا ئىسلام دىنىنى «خىتايلاشتۇرۇش» — دىننى خەۋپسىزلىك تەھدىتى دەپ قارايدىغان ۋە ئۇنى ئۈزلۈكسىز ئىدىيەۋى كونتروللۇق ئاستىدا تۇتىدىغان بىر خىل ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىدۇر.

دوكلاتتىكى ئاساسلىق يەكۈنلەر:

  • خىتايلاشتۇرۇش — ئىسلام دىنىنى پارتىيە ھوقۇقىغا بويسۇندۇرۇش: بېيجىڭ ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە «ماسلاشتۇرۇش» دەپ ئاتىغان بۇ جەريان، ئەمەلىيەتتە مۇتلەق سىياسىي كونتروللۇقتۇر. دىنىي تەلىمات، دىنىي زاتلار، مەسچىت قۇرۇلمىلىرى ۋە مۇراسىملارنىڭ ھەممىسى ج ك پ مەپكۇرىسىگە بويسۇندۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ پائالىيەت دائىرىسى پارتىيەنىڭ سىياسىي ئېھتىياجىغا قاراپ بەلگىلىنىدۇ. دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ «قانۇنلۇق» بولۇشى، شۇ پائالىيەتلەرگە چېتىشلىق كىشىلەرنىڭ سىياسىي سادىقلىقىغا باغلىق قىلىپ قويۇلغان.
  • ئادەتتىكى دىنىي پائالىيەتلەر — «خەۋپسىزلىك تەھدىتى» : دائىرىلەر ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش، قۇرئان ئۆگىنىش، دىنىي كىيىم-كېچەك كىيىش ۋە نىكاھ قىلىش قاتارلىق كۈندىلىك دىنىي پائالىيەتلەرنى «ئەسەبىيلىك ئالامىتى» دەپ بېكىتىپ، ئۇيغۇرلارنى سىستېمىلىق نازارەت قىلىش، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
  • ۋاقىتلىق سىياسەتتىن مەڭگۈلۈك ئىدارە قىلىش تۈزۈلمىسىگە: «خىتايلاشتۇرۇش» سىياسىتى دەسلەپكى ئىدىيەۋى يېتەكچىلىكتىن مەمۇرىي پىلانلاش باسقۇچىغا، ھازىر بولسا رايون خاراكتېرلىك مەجبۇرىي قانۇنلارغا سىڭدۈرۈلدى. بۇنىڭ بىلەن دىنىي كونتروللۇق بيۇروكراتىك ۋە قانۇنىي قۇرۇلمىلاردا پۈتۈنلەي سىستېمىلاشتۇرۇلدى.
  • خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى خەلقئارالىق تەشۋىقاتلار ئارقىلىق پەردازلانماقتا: ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان زىيارەتلەر، مۇسۇلمان دۆلەتلەر ۋە ئىسلام تەشكىلاتلىرى بىلەن بولغان دىپلوماتىك ئالاقىلەر، شۇنداقلا سىستېمىلىق تەشۋىقات ئۇچۇرلىرى ئارقىلىق، بۇ زۇلۇملار «زامانىۋىلاشتۇرۇش» سۈپىتىدە بۇرمىلاپ كۆرسىتىلمەكتە. بۇ خىل تاكتىكىلار خەلقئارا بېسىمنى ئازايتىشنى ۋە ئۇيغۇر ئىسلامىي ھاياتىنىڭ ۋەيران قىلىنىشىنى «نورمال ئەھۋال» سۈپىتىدە قوبۇل قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.

مۇھەرىرى: گۈلقىز


ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ

يېڭى يازمىلاردىن ئېلخەت ئارقىلىق خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن مۇشتەرى بولۇڭ

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ

داۋاملىق ئوقۇش ۋە تېخىمۇ كۆپ ماتېرىياللارغا ئېرىشىش ئۈچۈن تىزىملىتىڭ.

داۋاملىق ئوقۇڭ