شەنبە كۈنى چۈشتىن بۇرۇن:
1.ئىراننىڭ پاستۇر رايۇنى بومبالانغان بولۇپ، ئىراننىڭ يادرو قۇرالىنى تەرەققى قىلدۇرۇش مەسىلىسىدە مۇھىم رول ئوينىغان ئالىي مىللىي بىخەتەرلىك كېڭىشى ۋە ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر ئارمىيەسىنىڭ ئىستىخبارات ئىدارىسى قاتارلىق نۇرغۇن مۇھىم دۆلەت ئاپپاراتلىرى مۇشۇ يەرگە جايلاشقان. جۇمھۇر رەئىس مەھكىمىسى ۋە ئالىي رەھبەر ئەلى خامانەينىڭ تۇرالغۇسىمۇ مۇشۇ رايۇنغا جايلاشقان. بىراق، خامەنەئى ئۇرۇشتىن بۇرۇنلا ئىسمى ئاشكارىلانمىغان باشقا بىر جايغا يۆتكەلگەن.
2.ئامرىكىدا تۇرۇشلۇق ئىران شاھزادىسى رىزا پەھلەۋى سىنلىق باياناتىدا: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتىنىڭ جەسۇر ئىران خەلقىگە ۋەدە قىلغان ياردىمى ئاخىرى يېتىپ كەلدى» دېدى. بۇ قېتىملىق ئارىلىشىشنى «دوستانە» دەپ سۈپەتلىگەن پەھلەۋى، ھۇجۇم نىشانىنىڭ ئىران مىللىتى ئەمەس، بەلكى ئىسلام جۇمھۇرىيىتى رېجىمى ۋە خەۋپسىزلىك ئاپپاراتلىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
پەھلەۋى: «ئۆيدە قېلىپ، ئۆزۈڭلارنى قوغداڭلار، ئەمما ۋاقتى كەلگەندە كوچىلارغا قايتىپ چىقىشقا تەييار تۇرۇڭلار» دېدى. 1979-يىلدىكى ئىسلام ئىنقىلابى بىلەن تەختتىن چۈشۈرۈلگەن ئىران شاھىنىڭ ئوغلى بولغان شاھزادە، قىرىق يىلدىن بۇيان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا سۈرگۈندە ياشاۋاتىدۇ. ئۇ دۆلەتنى قايتا قۇرۇش ئۈچۈن ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىرانغا قايتىش ئارزۇسىنى ئېيىتتى.
3.ئىران ئامرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىغا قايتۇرما ھۇجۇم قوزغىدى
ئىران ئىسرائىلىيەگە باشقۇرۇلدىغان بومبا قويۇپ بەردى. ئۇنىڭدىن باشقا ئەبۇزەبى، بەھرەيىن، رىياد…قاتارلىق رايونلاردا ئىراننىڭ ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇملىرى كۆرۈلدى. سەئۇدى ئەرەبىستان، قاتار، بەھرەيىن… قاتارلىق ئامرىكا ھەربىي گازارمىسى بولغان دۆلەتلەر جىددىي ھالەتكە ئۆتتى.
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادتتا پارتلاش ئاۋازلىرى ئاڭلاندى. قاتار مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قاتار ئۆز زېمىنىنى نىشانلىغان ھەر خىل ھۇجۇملارنى «توسۇپ قالغان». شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بەھرەيىندىكى بىر ئامېرىكا بازىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان. مەسئۇللارنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا 5-فلوتى قوماندانلىق شتابىدىكى بىر نىشان «باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى»غا دۇچ كەلگەن. ئەبۇزەبىدە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قىسىملىرى ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى توسۇۋېلىش جەريانىدا بىر كىشى قازا قىلغان. ئىراقتا بولسا ئەربىلدىكى ئامېرىكا كونسۇلخانىسى ئەتراپىدا بىر قانچە پارتلاش ئاۋازى ئاڭلانغان.
4.ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىنىڭ ئەھۋالى:
ئىسرائىلىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قاراتقان ھەربىي ھەرىكىتى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان ئۆچ ئېلىش ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن ئوتتۇرا شەرقنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا چوڭ قالايمىقانچىلىق يۈز بەردى. ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرى ئوتتۇرا شەرىقتىكى ھاۋا قاتنىشىنى توختاتتى.
5.ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىراننىڭ غەربىدىكى «يۈزلەرچە ھەربىي نىشان»غا زەربە بەرگەنلىكىنى رەسمى ئېلان قىلدى.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى شەنبە كۈنى ئامېرىكا باشچىلىقىدا باشلانغان بىرلەشمە ھەرىكەتتىن كېيىن، «باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش سۇپىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۈزلەرچە ئىران ھەربىي نىشانى»غا زەربە بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
6.رويتېرس ئاگېنتلىقىغا سۆز قىلغان ئىران ھاكىمىيىتىگە يېقىن بىر مەنبەنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شەنبە كۈنى ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بىر يۈرۈش ھاۋا ھۇجۇملىرىدا ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمىنىڭ قوماندانلىرى ۋە بەزى سىياسىي ئەربابلار ئۆلتۈرۈلگەن. ئىرانلىق بىر ھەربىي ئەمەلدار، ھۇجۇملاردا ئالىي رەھبەر ئەلى خامىنېينىڭ نىشانلانغان ياكى نىشانلانمىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان.
ئىھسان تەييارلىغان
ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ
يېڭى يازمىلاردىن ئېلخەت ئارقىلىق خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن مۇشتەرى بولۇڭ
