ئۇيغۇر پوچتىسى، 26-فېۋرال

2-ئاينىڭ 22-كۈنى، يەكشەنبە، ئامېرىكىنىڭ ۋېرجىنىيە شتاتىغا جايلاشقان «مېھرىبان ئانا» مەكتىپى خەلقئارا ئانا تىل بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن داغدۇغىلىق پائالىيەت ئۆتكۈزدى. پائالىيەتكە جامائەت ۋەكىللىرى، مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلار قاتناشتى.

ئوماق ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى نۇمۇر كۆرسەتمەكتە؛ سۈرەت مەنبەسى: «مېھرىبان ئانا» مەكتىۋى

پائالىيەت جەريانىدا، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۇيغۇر تىلىدا تەييارلىغان شېئىر دېكلاماتسىيەلىرى، سەنئەت نومۇرلىرى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىگە بولغان ئىپتىخارلىق ھېسسىياتىنى نامايەن قىلدى.ئاتا-ئانىلار ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ چۈچۈك ۋە تاتلىق ئۇيغۇر تىلىدا دېكلاماتسىيە قىلغان ئەدەبىي ئەسەرلىرىدىن زوقلانسا، كۆپچىلىك يېڭى ئەۋلادنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا بولغان ئىنتىلىشى ۋە ئىشەنچىدىن ئۈمىدلەندى.

نۇمۇر كۆرسەتكەن ئۇيغۇر پەرزەنىتلىرى؛ سۈرەت مەنبەسى: ئانا تىل مەكتەپ

مەكتەپ تەرەپ ئېجتىمائى تاراتقۇلاردا بۇ ھەقتە توختىلىپ: «ئوقۇغۇچىلىرىمىز بۈگۈننى خۇشاللىق ۋە غۇرۇر بىلەن تولدۇردى. بىز ئانا تىلىمىزنى بىرلىكتە تەبرىكلەيمىز، بىرلىكتە قوغدايمىز ۋە مەڭگۈ بىرلىكتە ياشنىتىمىز» دېدى.

ئۇيغۇر پەرزەنىتلىرى سەھنىدە نۇمۇر ئورۇنلىماقتا؛ سۈرەت مەنبەسى: ئانا تىل مەكتىۋى

مەكتەپ مەسئۇلى سۈرىيە خانىم «ئۇيغۇر پوچتىسى» غا قىلغان سۆزىدە، كۆپ يىللىق تىرىشچانلىقنىڭ ئۈنۈمىدىن سۆيۈنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «نەچچە يىللىق ئەجىرلىرىمىزنىڭ مېۋىسى سۈپىتىدە، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئانا تىل سەۋىيەسىدە زور ئىلگىرىلەش بولدى. ئۇلارنىڭ تەلەپپۇزى، ئاھاڭى ۋە جۈملە تۈزۈشلىرىدىن خۇددى ۋەتەندىكى ئەينى دەۋردىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ راۋان تىلىنى ئاڭلىغاندەك بولىسىز.»

جەمئىيەتنىڭ ئانا تىل تۆھپىكارلىرى تەقدىرلەنمەكتە

بۇ پائالىيەت سۈرگۈندىكى ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنىڭ ئانا تىلغا بولغان مۇھەببىتى ۋە بۇ تىلنىڭ كەلگۈسىدە ياشنايدىغانلىقىنىڭ مۇھىم بىر ئىسپاتى بولۇپ قالدى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر پوچتىسى مۇخبىرى مەزكۇر پائالىيەتكە بىۋاستە قاتناشمىغان. مەزكۇر خەۋەر تېلفون زىيارىتى ۋە تاراتقۇلاردىكى مەزمۇنلارغا ئاساسەن ئ‍شلەندى.


ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ

يېڭى يازمىلاردىن ئېلخەت ئارقىلىق خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن مۇشتەرى بولۇڭ

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ

داۋاملىق ئوقۇش ۋە تېخىمۇ كۆپ ماتېرىياللارغا ئېرىشىش ئۈچۈن تىزىملىتىڭ.

داۋاملىق ئوقۇڭ