
تەييارلىغۇچى: تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان 30-سېنتەبىر
خىتاينىڭ دۆلەت تەشۋىقات ئاپپاراتى بولغان شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن 9-ئاينىڭ 29-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن كېيىن خىتايدا دىننى خىتايلاشتۇرۇشنى سىستېمىلىق ئالغا سۈرۈش توغرىسىدا 22-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلغان.
يىغىندا، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان:
«دۆلىتىمىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك دۆلەت، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەش مۇقەررەر تەلەپ. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى توغرا بولغان دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئاڭلىق ھالدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا ئاتلىنىشقا يېتەكلەش كېرەك.
شى جىن پىڭ سۆزىدە يەنە بارلىق دىنلارنى ختايغا يۇغۇرلۇپ كېتىشنى ئاشكارا تەشەببۇس قىلغان:
« دۆلىتىمىزدىكى ھەرقايسى دىنلار باشتىن – ئاخىر جۇڭخۇا زېمىنىدا يىلتىز تارتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بىلەن ئوزۇقلانغاندىلا، ئاندىن ساغلام ۋارىسلىق قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ. جۇڭخۇانىڭ 5000 يىللىق مەدەنىيلىكىدە يىلتىز تارتىپ، دۆلىتىمىزدىكى دىنلارنىڭ جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەش كېرەك.»
شى يەنە دىنى زاتلارنى بارلىق ئشلاردا جۇڭگوچە يەنى ختايچە بولۇشقا بۇيرۇق قىلغان:
«دىن ساھەسىدىكىلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەرىكەتكە كېلىشكە، ئۆز – ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش − دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا ئىنتايىن مۇھىم. دىن ساھەسىدىكىلەرنى دىنىي ئەقىدە، دىنىي قائىدە، باشقۇرۇش تۈزۈمى، قائىدە – يوسۇن، ئۆرپ – ئادەت، ھەرىكەت ئۆلچىمى قاتارلىق جەھەتلەردە جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكنى نامايان قىلىشقا، دەۋر تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىشقا مەدەت بېرىپ ۋە يېتەكلەپ، ئۆز – ئۆزىنى تەربىيەلەش، ئۆز – ئۆزىنى باشقۇرۇش، ئۆز – ئۆزىنى چەكلەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.»
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق خەلقلەرنىڭ ئېتنىك، دىنى، مەدەنى كىملىكلىرىنى تەلتۆكۈس يوق قىلىش ئۈچۈن تۈرلۈك سىياسەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، ۇيغۇرلارنى كوللېكتىپ ئاسسىمىلياتسىيە ۋە قىرغىنچىلىق قىلىش مەقسىتىدىكى ھەرىكەتلىرى خەلقئارا مۇستەقىل تەكشۈرۈش تەتقىقات ئورۇنلىرى، ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى، تاراتقۇلار تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ ئېلان قىلىنغان. ئامېرىكا قاتارلىق 10 دىن ئارتۇق دۆلەت خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ تونۇغان، ب د ت ئىنسان ھەقلىرى ئالى كومىسسارى ئىشخانىسى 2022-يىلى خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرىدۇ»دەپ ئېلان قىلغان.