مەدىنە باۋۇدۇن
مەن يېقىندا بېلگىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر سەنئەت فېستىۋالى»غا تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، گۈزەل تۇيغۇلار ۋە چوڭقۇر تەسىرلەر بىلەن ئامېرىكىغا قايتىپ كەلدىم. ئىككى كۈن داۋام قىلغان بۇ فېستىۋالغا 500 دىن ئارتۇق كىشى قاتنىشىپ، پائالىيەتكە ئىنتايىن يۇقىرى باھا بېرىشتى.

مەزكۇر فېستىۋال فىرانسىيەدىكى «مىراس» تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان. تەشكىلات قۇرغۇچىسى ناسىمە خانىم قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ سابىق سەنئەتكارلىرىدىن بىرىدۇر. ئۇ ھەمراھى ئەزىمەت ئەپەندى بىلەن بىرگە فىرانسىيەگە كۆچۈپ يەرلەشكەندىن كېيىن، ئۆز كەسپىگە بولغان ئىشتىياقىدىن ۋاز كەچمەي، «مىراس» تەشكىلاتىنى قۇرۇپ چىققان. ئۇلار يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر سەنئىتىنى ياۋروپادا تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن ئىزچىل خىزمەت قىلىپ، بىر قانچە قېتىم تۈرلۈك تىپتىكى سەنئەت فېستىۋاللىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ كەلگەن.
فېستىۋالغا قازاقىستاندىن ئاتاقلىق سەنئەتكار ئارتۇر ئىلاھۇنوف باشچىلىقىدىكى زۇلپىقار زايىتوف، شاخمۇرات باھاموف ۋە فارۇزا جالالوۋا، شۇنىڭدەك ياۋروپادىن مۆمىنجان ھەمدە مۇختار جانباز قاتارلىق سەنئەتكارلار قاتناشتى. بېلگىيە ۋە ئەتراپتىكى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئۇيغۇر جامائىتى بۇ سەنئەت كېچىسىگە يۇقىرى باھا بېرىپ، سەنئەتكارلارنى قىزغىن ئالقىشلىرى بىلەن تەبرىكلىدى. سەنئەتكارلار تاماشىبىنلارغا ئۇنتۇلماس ۋە روھنى ئۇرغۇتىدىغان بىر سەنئەت كېچىلىگىنى سوۋغا قىلدى.
خەلق سۆيگەن سەنئەتكار ئارتۇر ئىلاھۇنوف ئۆزى ئىجاد قىلغان «كۆك بۆرە»، «قەلبىمدە سەن» قاتارلىق ناخشىلىرى بىلەن تاماشىبىنلارنىڭ گۈلدىراس ئالقىشلىرىغا ئېرىشتى. سەنئەتكار ئارتۇر ئىلاھۇنوف سەھنىدە سۆز قىلىپ: « بۈگۈنكىدەك ئۆملۈكىمىز، ئىتتىپاقلىقىمىز ۋە بىرلىكىمىز يۈكسەلسۇن؛ سەنئىتىمىزنىڭ تۈرتكىسىدە خەلقىمىز جەم بولۇپ، ئۇلۇغۋار ئىشلارنى قىلىشقا ئاللاھ نەسىپ قىلسۇن! قەيەردە بولايلى، ئاللاھ ھەرقاچان بىزگە يار بولسۇن!» دېگەن سۆزلىرى بىلەن فېستىۋال قاتناشقۇچىلىرىغا ئالاھىدە مەنىۋى خۇشاللىق بېغىشلىدى.
فېستىۋالدا ئۇيغۇر مۇقاملىرى ۋە خەلق ناخشىلىرى سەنئەتكارلىرىمىز تەرىپىدىن ۋايىغا يەتكۈزۈلۈپ ئورۇنلاندى. ھەقىقەتەن، گۈزەل بىر ناخشا ئىنسانغا پەقەتلا گۈزەل تۇيغۇ بېغىشلاپلا قالماي، بەلكى بىر مىللەتنى ئىتتىپاقلاشتۇرىدىغان كۈچكە ئىگىدۇر؛ گۈزەل بىر ناخشا قەلبلەرنى بىر-بىرىگە باغلايدىغان ۋە ئۈمىدكە يېتەكلەيدىغان قۇدرەتكە ئىگە؛ سەنئەت — مىللەت روھىنىڭ ساداسى، قەلبنىڭ تىلىدۇر.
ئۇيغۇر سەنئىتىمىز بوغۇلۇۋاتقان، ناخشىلىرىمىز چەكلىنىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتىنى قوغداش ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ مۇقەددەس بۇرچىدۇر.
ھەممىدىن مېنى خۇشال قىلغىنى، فېستىۋالدا ياش، ئاتاقلىق سەنئەتكار شاخمۇرات باھاموف مەن يازغان «ئاتامنى سېغىندىم» ۋە «بىز قېرىنداش» ناملىق ناخشىلارنى ئورۇنلاپ، كەڭ جامائەتنىڭ گۈلدىراس ئالقىشلىرىغا ئېرىشكىنى بولدى.
بىر شائىر ئۈچۈن ئۆز ئىجادىيىتىنىڭ خەلق تەرىپىدىن سۆيۈلۈپ، قىزغىن ئالقىشىغا مۇيەسسەر بولۇشىدىن ئارتۇق خۇشاللىق بولمىسا كېرەك. خەلقىمنىڭ ئالقىشلىرى مېنى تېخىمۇ گۈزەل ئىجادىيەتلەرنى يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن بىرگە، ئىجادىيەت يولۇمدا ماڭا زور كۈچ-قۇۋۋەت بولدى.

ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ
يېڭى يازمىلاردىن ئېلخەت ئارقىلىق خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن مۇشتەرى بولۇڭ
