ئۇيغۇر پوچتىسى, 26-فېۋرال

ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتچى، كومپيۇتېر تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسى غەيرەت كەنجى ئەپەندى تەرىپىدىن تەتقىق قىلىپ ياسالغان، ئاۋازنى تېكىستكە ئايلاندۇرۇپ بېرىدىغان UyghurASR دېتالى ئېلان قىلىندى.

بۇ دېتالنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارلىرى تۆۋەندىكىچە:

  • ئاۋاز ھۈججەتلىرىنى تەرجىمە قىلىش: ئاۋاز ھۈججەتلىرىنى نەق ۋاقىتتا تېكىستكە ئايلاندۇرۇپ بېرەلەيدۇ.
  • سۆھبەتنى تېكىستكە ئايلاندۇرۇش: مىكروفون ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەرنى بىۋاسىتە تېكىستكە ئايلاندۇرالايدۇ.
  • يۇقىرى سۈرئەت ۋە قولايلىق: مەشغۇلاتى ئاددىي ۋە تېز.

ئەۋزەللىكى: بۇ دېتالنى ھەقسىز چۈشۈرۈپ ئىشلىتەلەيسىز. دېتال تورغا ئۇلىنىشنى تەلەپ قىلمايدۇ (تورسىز شارائىتتىمۇ ئىشلەيدۇ)، شۇڭا شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنىڭ سىرتقا چىقىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

چەكلىمىسى:

  • سىستېما تەلەپلىرى: پەقەت Windows سىستېمىسىدا ئىشلەيدۇ.
  • يېزىق شەكلى: ئاۋاز تونۇش نەتىجىسى لاتىن يېزىقىدا چىقىدۇ. سىز ئۇنى كۆچۈرۈپ «UyghurEdit» قاتارلىق قوراللار بىلەن ئەرەبچە يېزىققا ئاسانلا ئايلاندۇرالايسىز.

ئەسلى مەنبە: بىخەتەرلىك ئۈچۈن، دېتالنى پەقەت تۆۋەندىكى رەسمىي ئادرېستىن چۈشۈرۈڭ

https://github.com/gheyret/UyghurASR?fbclid=IwY2xjawQNYGlleHRuA2FlbQIxMQBicmlkETJCWVU3WnlIeDh5aUMzQVVhc3J0YwZhcHBfaWQQMjIyMDM5MTc4ODIwMDg5MgABHgzHzQF_KrHlb8WO_hv9O9UNDdeZ60z_suLvlY3Ny-QoI-SPIS5dGPyuYk8j_aem_4kqarxUxRi16PZwLmbxPYw

ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ

يېڭى يازمىلاردىن ئېلخەت ئارقىلىق خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن مۇشتەرى بولۇڭ

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ

داۋاملىق ئوقۇش ۋە تېخىمۇ كۆپ ماتېرىياللارغا ئېرىشىش ئۈچۈن تىزىملىتىڭ.

داۋاملىق ئوقۇڭ