ئۇيغۇر پوچتىسى، 24-فېۋرال
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى مايك جونسون (جۇمھۇرىيەتچى، لۇئىزاننا شىتاتىدىن) خىتايدا يەتتە يىلدىن كۆپ ۋاقىتتىن بېرى تۈرمىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇر دوختۇر گۈلشەن ئابباسنىڭ قىزى زىبا مۇراتنى سەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان «دۆلەت ئەھۋالىدىن مەلۇمات» (SOTU) نۇتۇقىغا ئالاھىدە مېھمان سۈپىتىدە تەكلىپ قىلدى.
زىبا مۇراتنىڭ ئانىسى دوختۇر گۈلشەن ئابباس 2018-يىلىدىن بېرى خىتايدا تۇتقۇن قىلىنغان. زىبا مۇرات ۋە ئۇنىڭ ھاممىسى روشەن ئابباس خانىملار ئۇزۇندىن بۇيان ئاشكارا ھالدا، گۈلشەن ئابباسنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىنى — روشەن ئابباسنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كەڭ كۆلەملىك قاماققا ئېلىش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك قاتارلىق زۇلۇملىرىغا قارشى پائالىيەتلىرىگە قارىتىلغان بىر خىل ئۆچ ئېلىش، دەپ قاراپ كەلمەكتە.
مايك جونسون «The Hill» گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى: «2018-يىلى، دوختۇر گۈلشەن ئابباس- ئۇنىڭ ئائىلە ئەزالىرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان رەزىل مۇئامىلىسى ھەققىدە سۆز قىلىپ بىر قانچە كۈندىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خىتاي كومپارتىيەسى تەرىپىدىن مەجبۇرىي تۇتقۇن قىلىندى ۋە قولغا ئېلىندى.»
ئۇ يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىز خىتاينىڭ ئنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىنى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققەت مەركىزىگە ئېلىپ كېلىش ۋە ناھەق تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان پەيتتە، دوختۇر گۈلشەن ئابباسنىڭ قىزى زىبا مۇراتنى پىرېزىدېنت ترامپنىڭ دۆلەت ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىش نۇتقىغا مېھمان سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىش مەن ئۈچۈن شەرەپتۇر» دېدى.
زىبا مۇرات ۋە ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئەھۋالى ئىلگىرىمۇ ئاۋام پالاتاسى خىتاي ئىشلىرى ئالاھىدە كومىتېتى ۋە باشقا قانۇن تۈزگۈچىلەر تەرىپىدىن تەكىتلىنىپ كەلگەن ئىدى.
«دۆلەت ئەھۋالىدىن مەلۇمات» (State of the Union) نۇتقى — ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ ھەر يىلى دۆلەت مەجلىسىدە ئامېرىكىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە يىللىق خىزمەت پىلانى ھەققىدە بېرىدىغان ئالاھىدە دوكلاتىدۇر. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىنغا پىرېزىدېنت ۋە دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ئۆزلىرى كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم ساھەلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئالاھىدە مېھمانلارنى تەكلىپ قىلىدۇ.
ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ
يېڭى يازمىلاردىن ئېلخەت ئارقىلىق خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن مۇشتەرى بولۇڭ
