ئۇيغۇر پوچتىسى، 23-فېۋرال
ئامىنە سەدەف
بوستان مائارىپىنىڭ قوللىشى ھەم تۈزۈپ نەشىرگە تەييارلىشى بىلەن نەشىر قىلىنغان “ ئۇيغۇر بالىلار قوشاقلىرى“ بۇ يىلقى ئانا تىل كۈنىگە ئاتاپ يېڭىدىن نەشىردىن چىقتى.

كىتاپتا بالىلارنىڭ چۈچۈك تىلىغا ماس ھالدا يېزىلغان 78 پارچە قوشاق بار بۇلۇپ،قوشاقلارنىڭ مەزمۇنى رەڭدار ، يادلاشقا ئاسان ۋە تىلى يىنىك بۇلۇپ، تىل ئۈگۈنۈش باسقۇچىدىكى ئۆسمۈرلەرگە ماس كىلىدۇ.بۇ قوشاقلار- گۈلنۇر ئابدۇرۇسۇل تەرىپىدىن يېزىلغان.

گوللاندىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئايبۇر بىلگە خانىم كىتاپ ھەققىدە مۇنداق باھالارنى ئۆزىنىڭ يۈزبىك بېتىدە ھەمبەھىرلىگەن .“ بۇ كىتاپتىكى قوشاقلارنىڭ تېما يىلتىزى بىۋاستە ئۇيغۇرلارغا باغلانغان بۇلۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى،تارىخى، مەدەنىيتى ، دىنى ئەقىدىسى ۋە ئۆرپ – ئادەتلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان . بۇ كىتاپ ئاددىي بىر دەرىسلىكلا ئەمەس بەلكى ئۇيغۇر ئاتا- ئانىلارنىڭ باللىرىغا بولغان چۇڭقۇر مۇھەببىتى ۋە ئانا تىلنى كېيىنكى ئەۋلاتلارغا يەتكۈزۈش ئېرادىسىنىڭ نامايەندىسىدۇر.
مەزكۇر كتاپ-بوستان مائارىپىنىڭ ئېقتسادى جەھەتتە قوللىشى بىلەن نەشر قىلىنغان.
ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ
يېڭى يازمىلاردىن ئېلخەت ئارقىلىق خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن مۇشتەرى بولۇڭ
