ئۇيغۇر پوچتىسى، 19-فېۋرال 

ئالپ

11-فېۋرالدىن 14-فېۋرالغىچە ئىتالىيەنىڭ ۋېنېتسىيە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەدەنىيەت فېستىۋالىدا ئۇيغۇر سەنئىتى ئالاھىدە ئورۇن ئالدى. فېستىۋالنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمى سۈپىتىدە، 13-فېۋرال كەچتە 9-ئەسىردە قۇرۇلغان سانتا مارگېرىتا ئاۋدىتورىيەسىدە (Auditorium Santa Margherita) لوندوندىكى «مىراس يىپەك يولى كوللېكتىپى» (Miras Silk Road Collective) ئۆزىنىڭ نادىر كونسېرتىنى تەقدىم قىلدى. ئۇيغۇر كلاسسىك مۇزىكا سەنئىتى — مۇقام ۋە ئەنئەنىۋى خەلق ناخشىلىرىدىن تەشكىللەنگەن بۇ كونسېرت ۋېنېتسىيەلىك تاماشىبىنلارنى مەپتۇن قىلدى.

مىراس يىپەك يولى كوللېكتىپى تونۇشتۇرۇلماقتا؛ سۈرەت مەنبەسى:Incroci di civiltà

مەزكۇر كونسېرت ئۇيغۇر مۇقامىنىڭ يۇنېسكو (UNESCO) تەرىپىدىن «ئىنسانىيەتنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئالتە ئاي بۇرۇنقى مەخسۇس تەكلىپ بىلەن پىلانلانغان. ئۆمەك يېتەكچىسى رەھىمە مەھمۇت خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ: «ئىتالىيەدە مۇقامغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىدىكەن. ئاساسلىقى مۇقام ئورۇنلاش تەلەپ قىلىندى، چۈنكى بۇ سەنئەت دۇنياۋى قوغداش تىزىملىكىدە بولغاچقا، ئۇلارنىڭ قىزىقىشى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن» دېدى.

2004-يىلى لوندوندا قۇرۇلۇپ، 2016-يىلى نامىنى ھازىرقىغا ئۆزگەرتكەن «مىراس يىپەك يولى كوللېكتىپى» ياۋروپادا ئۇيغۇر سەنئىتىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە، خەتەر ئاستىدا قالغان ئۇيغۇر مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشنى مەقسەت قىلىدۇ. بىلوگ فولك (blogfoolk) تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كونسېرت رەھىمە مەھمۇت (ناخشا)، لى چيوڭ (غىجەك)، كامىل ئابباس (تەمبۈر)، ئەھمەت ئوزان بايسال (باغلاما) ۋە دىلزات تۇردى (داپ) قاتارلىق بەش كىشىلىك ئۆمەك تەرىپىدىن ئورۇنلانغان.

بۇ كوللېكتىپنىڭ مەركىزىدە غۇلجىدا، ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكا مىراسلىرىنى قەدىرلەيدىغان ئائىلىدە تۇغۇلغان رەھىمە مەھمۇتنىڭ نەپىس ۋە تەسىرلىك ئاۋازى تۇرىدۇ. ئۇ ئەنگلىيەدىكى سۈرگۈنلۈك ھاياتىدا كومپوزىتور ۋە ناخشىچى سۈپىتىدە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ شېئىرلىرىنى ئاھاڭلاشتۇرۇپ، كۈيلەپ كەلمەكتە. غىجەك ماھىرى لى چيوڭ (Li Cheong) ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان يېرى ماكاۋدىن خوڭكوڭغا، ئاندىن يورك ئۇنىۋېرسىتېتىدا مۇزىكا ئىجادىيىتى بويىچە دوكتورلۇقتا ئوقۇش ئۈچۈن لوندونغا كۆچۈپ كەلگەن. ئەھمەت ئوزان بايسال (Ahmet Ozan Baysal) ۋە كامىل ئابباستۇر ئىككەيلەن تارىلىق ساز سازەندىلىرىدۇر. 

رەھىمە مەھمۇت مۇقام ئورۇنلىماقتا؛ سۈرەت مەنبەسى:Incroci di civiltà

كامىل ئابباس كىچىكىدىن تارتىپ تەمبۇر ۋە باشقا تۈرلۈك ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر چالغۇلىرىنى چېلىپ كەلگەن. ئۇ گوللاندىيەگە ئولتۇراقلىشىشتىن ئىلگىرى، ئۇزۇن يىللارغىچە ئۇيغۇر ئوپېرا ئۆمىكىدە كەسپىي مۇزىكانت بولۇپ ئىشلىگەن.  ئۇ گۈلەندەم ئابباس بىلەن بىرلىكتە «مەشرەپ» ئۇيغۇر ئانسامبىلىنى قۇرغان،  شۇنداقلا ھازىر ياۋروپا ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ ئەزاسىدۇر. تۈركىيەلىك كومپوزىتور، ناخشىچى ۋە باغلاما ماھىرى ئەخمەت ئوزان بايسال بولسا «شەلپە» (şelpe) تېخنىكىسىدىكى ماھارىتى بىلەن تونۇلغان بولۇپ، يېقىندا ئۆز تالانتلىرىنى نامايان قىلغان «تەل ۋە تەن» (Tel ve Ten – تار ۋە تەن) ناملىق تۇنجى نادىر پىلاستىنكىسىنى ئېلان قىلدى.

رەھىمە خانىمنىڭ ئۇيغۇر پوچتىسىغا دېيىشچە، تەخمىنەن 300 كىشىلىك تارىخىي زالدا ئۆتكۈزۈلگەن كونسېرت توققۇز مىنۇتلۇق «مۇشاۋىرەك مۇقامى» بىلەن باشلانغان. 

رەھىمە خانىم شۇ پەيتتىكى ھاياجانلىق مىنۇتلارنى مۇنداق تەسۋىرلىدى:

«تۇنجى سەھنىدە <مۇشاۋىرەك مۇقامىنى> ئېيتقىنىمدا، پۈتۈن زال جىمجىتلىق ئىچىدە ئاڭلىدى. ھەر بىر ناخشا جەريانىدا، ئەسەرلەرنىڭ تېكىستى ۋە ئارقا كۆرۈنۈشىنى بىر-بىرلەپ تونۇشتۇرۇپ ئۆتتۈم. مۇقامنىڭ ئۇيغۇر سەنئىتىدىكى ئورنىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەدەنىيەت چەكلىمىلىرىنى ۋە سەنئەتنىڭ بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىكى رولىنى چۈشەندۈردۈم. كونسېرت ئاخىرلاشقاندا تەشكىللىگۈچىلەرمۇ قايتا-قايتا رەھمەت ئېيتىپ، ئىنتايىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.»

رەھىمە خانىمنىڭ دېيىشىچە، بۇ ئۇنىڭ ئىتالىيەدىكى ئىككىنچى قېتىملىق كونسېرتى، ئۇ بۇ پائالىيەتنى يىپەك يولىنىڭ بىر ئۇچىدىكى ئۇيغۇر دىيارى بىلەن يەنە بىر ئۇچىدىكى ۋېنېتسىيەنى تۇتاشتۇرغان مەدەنىيەت كۆۋرۈكى دەپ باھالىدى. 

ئىگىلىنىشچە، بۇ نۆۋەتلىك پائالىيەتنى ۋېنېتسىيە كافوسكارى ئۇنىۋېرسىتېتى (Ca’ Foscari University of Venice)، «مەدەنىيەتلەر كېسىشمىسى» (Incroci di civiltà) خەلقئارا فېستىۋالى بىرلىكتە تەشكىللىگەن. كونسېرتنىڭ سەنئەت يېتەكچىلىكىنى داڭلىق ئۇيغۇر مۇقام تەتقىقاتچىسى، پروفېسسور جوۋاننى دې زورزى (Giovanni De Zorzi) ئۆستىگە ئالغان. 

يەتتە مەيدان كونسېرتتىن تەشكىللەنگەن بۇ فېستىۋالنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى — يىپەك يولى بويىدىكى ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەرنىڭ كېسىشىش نۇقتىلىرىنى نامايەن قىلىش، بولۇپمۇ يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياكى سىياسىي جەھەتتىن چەكلەنگەن سەنئەت مىراسلىرىنى خەلقئارالىق سەھنىلەردە قوغداش ۋە تونۇشتۇرۇشتۇر. رەھىمە خانىمنىڭ «ئۇيغۇر پوچتىسى» غا تەمىنلىگەن ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا، ۋېنېتسىيەدەك دۇنياۋى مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۇيغۇر مۇقاملىرى ئۈچۈن يۇقىرى سەۋىيەلىك سەھنە ھازىرلاش — مىللىي مەدەنىيەت مىراسلىرىمىزنىڭ دۇنياۋى ئېتىراپقا ئېرىشىشىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىكەن.


ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ

يېڭى يازمىلاردىن ئېلخەت ئارقىلىق خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن مۇشتەرى بولۇڭ

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ

داۋاملىق ئوقۇش ۋە تېخىمۇ كۆپ ماتېرىياللارغا ئېرىشىش ئۈچۈن تىزىملىتىڭ.

داۋاملىق ئوقۇڭ