ئۇيغۇر پوچتىسى، 20-فېۋرال

تايىر ئىمىن

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىدىن ئامىرجان قىلىچنىڭ ئىجادىيىتى ۋە ئورۇنلىشىدىكى «سەن كەلمىدىڭ» ناملىق يېڭى ناخشا ئاڭلىغۇچىلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى.

مەزكۇر ناخشا خىتاي تۈرمىسىدە ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇر ئانا تىل ئوقۇتقۇچىسى مېھرىئاي ئەركىنگە بېغىشلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ ياپونىيەدىن قەشقەرگە قايتىشى، خىتاي تۈرمىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلىشى قاتارلىق ۋەقەلىكلەر تەسۋىرلەنگەن. ناخشا تېكىستى، مۇزىكىسى ۋە ۋەقەلىكلىرى ئۇيغۇر قىزى مېھرىئاي ئەركىننىڭ قىسمىتى ئارقىلىق مىڭلىغان ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى دۇچ كېلىۋاتقان قىرغىنچىلىق، باستۇرۇش ۋە زۇلۇم سىياسەتلىرىنى پاش قىلىدۇ.

«ئەفسانە ستۇدىيەسى» تەرىپىدىن YouTube قانىلىدا تارقىتىلغان مەزكۇر ۋىدىئولۇق مۇزىكا — مۇزىكا ۋە ۋەقەلىك گىرەلەشتۈرۈلگەن فىلىم بولۇپ، كۆرۈرمەنگە ئەمەلىي ۋەقەلىكلەرنى تەسىرلىك ھېكايىلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر ئىز قالدۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.

مۇزىكانت ۋە مەزكۇر ناخشىنى ئورۇنلىغۇچى ئامىرجان قىلىچ «ئۇيغۇر پوچتىسى» غا مۇنداق دېدى:

«بىز ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندىنىڭ مېھرىئاي ئەركىنگە بېغىشلىغان شېئىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ خىتاي لاگېرىدىكى مىڭلىغان مېھرىئاي ئەركىنگە ئوخشاش ھەدە-سىڭىللىرىمىزنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇق. مۇزىكا دەل مۇشۇ نۇقتا ئۈچۈن، مىڭلىغان مېھرىئاي ئەركىنلەرنىڭ ھېكايىسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئىشلەندى. بىز مۇزىكىمىز ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ بۇ قىسمەتنى ئاڭلىشىنى، مېھرىئاي ئەركىن ۋە ئوخشاش قىسمەتكە دۇچ كەلگەن ھەمشىلىرىمىزنى ئۇنتۇماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

ئامىرجاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، كوللېكتىپ مەزكۇر فىلىم ۋە مۇزىكا ئۈچۈن ھەقىقەتەن كۆپ ۋاقىت ۋە كۈچ سەرپ قىلغان. ناخشا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئاممىسى تەرىپىدىن قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن.

مېھرىئاي ئەركىن ياپونىيەدە ئۆسۈملۈك بىئوتېخنىكا كەسپى بويىچە ماگىستىرلىقنى پۈتتۈرگەن بولۇپ، كونا شەھەر ناھىيەلىك دۆلەت بېخەتەرلىك تارمىقىدىكى ساقچىلار ئۇنىڭ ئاپىسنى گۆرگە ئىلىۋالغاندىن كىين، 2019-يىلى18-ئېيۇندا قەشقەرگە كەتكەن. 2020-يىلى 12-ئاي مەزگىلىدە تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار 2021-يىلى 1-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئاشكارىلانغان. كېيىن ئۇنىڭ قەشقەر يانبۇلاق قاماقخانىسىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ئېنىقلانغان ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى چوڭقۇر قايغۇغا سالغان ئىدى.

مېھرىئاي ئەركىن ياپونىيەدە ئوقۇش جەريانىدا ئىشتىن سىرت ئۇيغۇر تىلى ئوقۇ-ئوقۇتۇشى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ سۆيگۈسى ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. «ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى» مەرھۇم مېھرىئاي ئەركىننى ئەسلەش ۋە خىتاي جازا لاگېرلىرىغا قامالغان مىڭلىغان ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تۆھپىسىنى خاتىرىلەش، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلەردە ئانا تىل سۆيگۈسىنى كۈچلەندۈرۈش مەقسىتىدە 2022-يىلىنىڭ بېشىدا «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى» نى تەسىس قىلغان. مەزكۇر مۇكاپات ھەر يىلى مېھرىئاينىڭ تۇغۇلغان كۈنى — 23-فېۋرال كۈنى تارقىتىلىدۇ. 2026-يىلى بۇ مۇكاپات 5-يىلىغا قەدەم قويدى.

ناخشا تېكىستى مېھرىئاي ئەركىننىڭ تۇغقىنى، ئۇيغۇر تىلشۇناس ئابدۇۋەلى ئايۇپ تەرىپىدىن يېزىلغان بولۇپ، ئۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا مۇنداق يازغان:

«ھەقتىن، ئادالەتتىن مەھرۇملار، مەڭگۈلۈككە كەتكەنلەر، قاماقتىكى مەھبۇس تۇغقانلار ئۇنتۇلۇلمىغاي. ئۇلار داستىخانىمىزدا يوق، ئەمما قىساس قاناتقان قەلبىمىزدە، دۇئايىمىزدا.»

ناخشا تېكستى:

سەن كەلمىدىڭ

كەتتىم دېدىڭ يەتتى سۆزۈڭ،

خوش دېگەنچە ئۆچتى ئۈنۈڭ.

كۈن تۇتۇلدى تۇتۇق جاھان،

ئېچىلمىدى سەن كەلمىدىڭ.

قاتتى ۋاقىت توڭلاپ زامان،

توختاپ يۈرەك ئاقمىدى قان.

قۇلۇپلاندى ئىشىكلەر شۇئان،

ئاچالمىدىم سەن كەلمىدىڭ.

كۆككە باقتىم ئاسمان قارا،

بۇلۇت يىغلار باغرى يارا.

ئالدىمنى توستى تاغ-قىيا،

يارالمىدىم سەن كەلمىدىڭ.

كەتتىڭ نۇزۇك كەتكەن ياققا،

رىزۋانگۈلدەك ئىرەمباغقا.

سەن كەتكەن كۈن سۇلغان چوغلۇق،

تىرىلمىدى، سەن كەلمىدىڭ.

ئامىرجان ۋە خانىمى خەيرىنىسا يېڭىلمەس ئۇزۇندىن بېرى ئىجادىي مۇزىكا ساھەسىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر پىروفېسسور ۋە شائىر ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ تۈرمىدە يازغان «يانارىم يوق» ناملىق شېئىرىغا ئىشلىگەن مۇزىكىسى كەڭ جامائەتچىلىك تەرىپىدىن ئالقىشقا ئېرىشكەن ئىدى. ئۇلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلغان يەنە بىر مۇراجىئەتتە، جامائەتچىلىكنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مۇزىكا ئىجادىتى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولۇش پىلانىنى قوللىشىنى ئۈمىد قىلدى.


ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ

يېڭى يازمىلاردىن ئېلخەت ئارقىلىق خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن مۇشتەرى بولۇڭ

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ

داۋاملىق ئوقۇش ۋە تېخىمۇ كۆپ ماتېرىياللارغا ئېرىشىش ئۈچۈن تىزىملىتىڭ.

داۋاملىق ئوقۇڭ