فېۋرال 18, 2026

 ئاكادېمىك تەتقىقاتلار شۇنى كۆرسەتتىكى، تەھقىقىي خەۋەرلەر، غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ تەشەببۇسلىرى ۋە ئىلمىي تەكشۈرۈش دوكلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى دەسلەپتە مەسىلىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىشقا، كېيىنچە بولسا ئۇيغۇرلار قامالغان لاگېر سىستېمىسىنى قىسمەن تارقىتىۋېتىشكە مەجبۇر قىلغان. 

ئاپتور: فېرگۇس شىيېل (Fergus Shiel) 

تەرجىمە قىلغۇچى: ئۇيغۇر پوچتىسى 

 يېڭى بىر ئاكادېمىك تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا، خەلقئارا تەھقىقىي ژۇرنالىستلار بىرلەشمىسىنىڭ (ICIJ) خەۋەرلىرى بېيجىڭنى شىنجاڭ مەسىلىسىدىكى ئاشكارە مەۋقەسىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر قىلغان. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ پوزىتسىيەسى دەسلەپتىكى غايەت زور كۆلەملىك قاماش لاگېرلىرى سىستېمىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىشتىن، كېيىنچە ئۇنى «قانۇنلۇق» دەپ ئاقلاشقا، ۋە ئاخىرىدا بولسا مەزكۇر سىستېمىنى قىسمەن تارقىتىۋېتىشكە قاراپ يۈزلەنگەن. 

خىتاي تەتقىقاتىنى ئاساس قىلغان «زامانىۋى خىتاي» (Modern China) ناملىق كەسپىي ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، سىياسىي پەنلەر تەتقىقاتچىسى يان شۋېك (Jan Švec) خىتاينىڭ 2014-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا شىنجاڭدىكى (شەرقىي تۈركىستاندىكى) «قايتا تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش» ھەرىكىتىگە قارىتا كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان خەلقئارالىق تەكشۈرۈشلەرگە قانداق ئىنكاس قايتۇرغانلىقىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ، تەھلىل قىلغان. پراگادىكى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى شۋېك خىتاينىڭ رەسمىي ھۆججەتلىرى، دۆلەت مەتبۇئاتلىرىدىكى بايانلار، ئاشكارىلانغان مەخپىي ھۆججەتلەر ۋە خەلقئارالىق خەۋەرلەرگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، خەلقئارالىق پاش قىلىشلارنىڭ بېيجىڭنى ھەم تەشۋىقات بايانلىرىنى، ھەم سىياسەتلىرىنى تەڭشەشكە مەجبۇرلاشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

شىنجاڭدا (شەرقىي تۈركىستاندا) يۈز بەرگەن مىللىي توقۇنۇشلار ۋە رايوننىڭ ئىچى-سىرتىدا مەيدانغا كەلگەن، بېيجىڭ دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنى سەۋەبكار دەپ ئەيىبلىگەن تېررورلۇق خاراكتېردىكى بىر يۈرۈش زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدىن كېيىن، شى جىنپىڭ 2014-يىلى ئۇيغۇر كىملىكىنى بىخەتەرلىككە تەھدىت دەپ بېكىتكەن «زوراۋان ئەسەبىيلىككە قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكىتىنى قوزغىدى. يەرلىك دائىرىلەر ئاتالمىش «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» مەركەزلىرىنى تەجرىبە قىلىشقا باشلىدى ۋە رايونلۇق مەتبۇئاتلاردا بۇ تۈرلەرنى ئاشكارە مەدھىيەلىدى. بۇ باسقۇچتا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇشبۇ رايوندىكى ئەھۋاللار ھەققىدىكى تونۇشى ناھايىتى چەكلىك بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرىمۇ يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى يوشۇرۇشقا ئانچە كۈچەپ كەتمىگەن ئىدى.

بۇ ئەھۋال 2017-يىلى كەڭ كۆلەملىك قاماش ھەرىكىتى پۈتۈن رايونغا كېڭەيگەندە تۈپتىن ئۆزگەردى. تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ سانى شىددەت بىلەن كۆپىيىشكە ئەگىشىپ، بېيجىڭ ئۇچۇرلارنى قاتتىق قامال قىلىشقا باشلىدى. دۆلەت مەتبۇئاتلىرىدىكى لاگېرلارغا دائىر ئۇچۇرلار غايىب بولدى؛ شىنجاڭغا ئالاقىدار خەۋەرلەرنىڭ ئاھاڭى يۇمشىتىلىپ، مەزمۇنلار «تەرەققىيات» ۋە «مۇقىملىق»نى گەۋدىلەندۈرۈشكە قاراپ بۇرالدى. ئەمما خىتاي سىرتىدىكى ژۇرنالىستلار، تەتقىقاتچىلار ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى كەڭ كۆلەملىك قاماشقا ئائىت دەلىل-ئىسپاتلارنى بىرلەشتۈرۈپ، مەسىلىنىڭ پۈتۈن كارتىنىسىنى دۇنياغا ئاشكارىلاشقا باشلىدى. 

شۋېكنىڭ ئېيتىشىچە، 2019-يىلىنىڭ ئاخىرى بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولغان. ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان زىيانكەشلىكلەر سەۋەبىدىن خىتايغا بەزى جازا تەدبىرلىرىنى يولغا قويدى؛ شۇنداقلا خەلقئارا تەھقىقىي ژۇرنالىستلار بىرلەشمىسى (ICIJ) لاگېرلارنىڭ مەشغۇلات مېخانىزمىنى پاش قىلغان بىر تۈركۈم مەخپىي ئىچكى ھۆججەتلەر — «خىتاي كابېللىرى» (China Cables) نى ئېلان قىلغان ئىدى. بۇ ھۆججەتلەر قاتتىق نازارەت قىلىش، ئىش-ھەرىكىتىنى كونترول قىلىش ۋە مۇددەتسىز قاماشقا ئائىت ئىنچىكە كۆرسەتمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، لاگېر شاھىتلىرى ۋە تەتقىقاتچىلار ئۇزۇندىن بۇيان ئاڭلىتىپ كېلىۋاتقان دەۋالارنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز سۆزى بىلەن ئىسپاتلىدى، يەنى: لاگېرلار مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك، يۇقىرىدىن بىر تۇتاش باشقۇرۇلىدىغان ئورۇن بولۇپ، ئۇ سېستىمىلاشقان كەڭ كۆلەملىك نازارەت قىلىش ۋە نوپۇس كونترول قىلىش پىلانىنىڭ بىر قىسمى.

كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئىزچىل ئىنكار قىلىپ كېلىۋاتقان ۋە «شىنجاڭدا (شەرقىي تۈركىستاندا) دىنىي ئەركىنلىككە ھۆرمەت قىلىنىدۇ» دەپ جار سېلىپ كېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى، «خىتاي كابېللىرى» ئېلان قىلغان پاش قىلىش دوكلاتىغا قايتۇرغان ئىنكاسىدا بۇنى «تۆھمەت ۋە ساختا خەۋەر» دەپ ئەيىبلىدى.

«خىتاي كابېللىرى» ۋە شۇ يىلى نويابىردا «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭ ھۆججەتلىرى» (The Xinjiang Papers) ناملىق ئىككىنچى قېتىملىق مەخپىي ھۆججەتلەر— بۇ ھۆججەتلەر خىتايدىكى ئىچكى نۇتۇقلار، دوكلاتلار ۋە مەركىزىي دائىرىلەرنىڭ كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇشنى ماقۇللىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ھۆججەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدى — دەرھال كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى. شۋېكنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، 2019-يىلى سېنتەبىردىن دېكابىرغىچە بولغان ئارىلىقتا، گۇگۇلدا «شىنجاڭ» سۆزىنى ئىزدەش نىسبىتى %236 ئاشقان.

ئۇ يەنە: «ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەر ۋە يۈرگۈزۈلگەن جازا-چەكلىمىلەر 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىدا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ شىنجاڭ مەسىلىسىگە بولغان دىققىتىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈردى»، دەپ يازغان. 

شۋېكنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ مەخپىي ھۆججەتلەرنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىگە قايتۇرغان ئىنكاسى، غەربنىڭ جازا چەكلىمىلىرىگە قايتۇرغان ئىنكاسىغا ئوخشاشلا كەسكىن بولغان. دۆلەت مەتبۇئاتلىرى تەنقىدىي خەۋەرلەرگە قارشى شىددەتلىك تەشۋىقات ھۇجۇمى باشلىغان بولسا، دىپلوماتلار خەلقئارادىكى ئوبرازىغا يەتكەن زىياننى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن پۇتى كۆيگەن توخۇدەك تىپىرلاپ كەتكەن.

شۋېك مۇنداق دەپ يازىدۇ: « خىتاي دۆلەت مەتبۇئاتلىرى پاش قىلىنغان مەسىلىلەرگە قايتۇرغان بىر قېتىملىق ئىنكاسىدا <غەرب تاراتقۇلىرى ھېچقانداق ئەمەلىي تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ ھەم بۇ مەسىلىدە ھېچقانداق ئىش قىلالمايدۇ› دەپ تەكىتلەيدۇ. شۇنداقلا، لاگېرنىڭ سابىق <تەربىيەلەنگۈچىسى> نامىدا رەسمىي ئېلان قىلىنغان بىر پارچە خەتتە، ئامېرىكىلىقلارنى ‹ئاغزىنى يۇمۇشقا› چاقىردى. بىراق، «خىتاي كابېللىرى» ئېلان قىلىنىپ بىر نەچچە كۈن ئۆتەر-ئۆتمەي، خىتاي دائىرىلىرى لاگېردىكى بارلىق «تەربىيەلەنگۈچىلەر»نىڭ «ئوقۇش پۈتتۈرگەنلىكىنى» جاكارلىدى. بۇ خىتاينىڭ سىياسىتىدە تۇيۇقسىز بىر بۇرۇلۇش ياسالغانلىقىنىڭ ئېنىق سىگنالى ئىدى.» 

شۋېكنىڭ ئانالىزىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يالغۇز بىر قېتىملىق ھەرىكەت ئەمەس ئىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى، تاراتقۇلارنىڭ پاش قىلىشلىرى ۋە غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ دوكلاتلىرى سەۋەبلىك خەلقئارالىق بېسىم كۈچەيگەندە، بېيجىڭ بىر-بىرىدىن پەرقلىق بىر قانچە باسقۇچنى بېسىپ ئۆتكەن، يەنى: لاگېر سىستېمىسىنى ئالدى بىلەن پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىش، ئاندىن قىسمەن ئېتىراپ قىلىش، كېيىن «قانۇنلاشتۇرۇش»، ئارقىدىن كۆلىمىنى كىچىكلىتىش ۋە ئاخىرىدا ئاشكارا سىياسەتتىن نىقابلانغان يوشۇرۇن شەكىلگە ئۆتكۈزۈش. شۋېكنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي خەلقئارا بېسىمغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، لاگېر ئەسلىھەلىرىنى چېقىۋەتكەن ياكى ئۇلارنى تۈرمە ۋە زاۋۇتتەك باشقا مەقسەتلەرگە ئۆزگەرتىپ نىقابلىغان؛ شۇنداقلا 2020-يىلىدىن كېيىنكى رەسمىي باياناتلىرىدا لاگېرلارغا ئائىت ئۇچۇرلارنى پۈتۈنلەي غايىب قىلىش ئارقىلىق، بۇ سىستېمىنى خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەرنىڭ نەزىرىدىن يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغان.

ئەڭ مۇھىمى، شۋېك بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ خىتايغا قارىتىلغان چوڭ كۆلەملىك جازا-چەكلىمىلەرنىڭ يۈرگۈزۈلۈشىدىن بۇرۇنلا باشلانغانلىقىنى تەكىتلىگەن. بۇ، مەسىلىنى پاش قىلىش ۋە «ئىسمىنى ئاتاپ نومۇسقا قويۇش» تاكتىكىسىنىڭ ئىقتىسادىي جازالارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۋېك: «خىتاي تەھقىقىي دوكلاتلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن سەزگۈر ۋە جىددىي ئىنكاس قايتۇردى»، دەپ يازغان، يەنى: خىتاي ئاشكارە سورۇنلاردا ھېچقانداق خاتالىق ئۆتكۈزمىگەنلىكىدە چىڭ تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما پەردە ئارقىسىدا ئۆز تاكتىكىسىنى تەڭشەشكە مەجبۇر بولغان.

شۋېك يەنە مۇنداق دەپ تولۇقلىغان: «خىتايغا قارىتىلغان تۇنجى تۈركۈمدىكى جازا-چەكلىمىلىرى 2019-يىلى ئۆكتەبىردە ئاندىن رەسمىي ماقۇللانغان بولسىمۇ، ئەمما جازا يۈرگۈزۈش تەھدىتى كەم دېگەندە 2018-يىلىدىن باشلاپلا ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. بۇنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قارار چىقىرىشىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ». ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى كەڭ كۆلەملىك قاماش سىياسىتىنى تەڭشەش قارارى، خەلقئارا بېسىم بىلەن رايوندىكى «خەۋپسىزلىك تەھدىتى تۆۋەنلىدى» دەيدىغان قاراشلارنىڭ ئورتاق تەسىرىدە شەكىللەنگەن بولۇش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى. 

شۋېكنىڭ قارىشىچە، بۇ تەتقىقات نەتىجىسى «خىتاي شىنجاڭغا ئوخشاش سەزگۈر مەسىلىلەردە خەلقئارانىڭ تەنقىدلىرىگە پىسەنت قىلمايدۇ» دېگەن ئومۇملاشقان قاراشنى رەت قىلىدۇ. ئەكسىچە، بۇ بېيجىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئۆزىنىڭ دۇنياۋى ئوبرازىغا، دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىگە، ئىقتىسادىي غايىلىرىگە ۋە «بىر بەلۋاغ بىر يول» تەشەببۇسىغا ئوخشاش ئاساسلىق تۈرلىرىگە تەھدىت ئېلىپ كەلگەندە تولىمۇ ئەنسىرەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بايانلىرىغا قارىغاندا، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان تۈرمىگە قاماش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، ئومۇميۈزۈلۈك نازارەت قىلىش ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى يەنىلا ئىزچىل داۋام قىلماقتا.  كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى (Human Rights Watch) ۋە مۇستەقىل ژۇرنالىستلار بەزى سىياسىي «قايتا تەربىيەلەش» لاگېرلىرىنىڭ تاقالغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان بولسىمۇ، ئەمما مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ 2022-يىلى ئوتتۇرىلىرىدىكى مۆلچەرىچە، يېرىم مىليونغا يېقىن ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەر يەنىلا تۈرمىلەردە قاماقلىق ئىكەن. 

ئۆتكەن يىلى ئاۋغۇستتا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى شىنجاڭدا كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ نۇرغۇن قانۇن-بەلگىلىمە ۋە سىياسەتلەرنىڭ يەنىلا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى دوكلات قىلدى. شۋېكنىڭ تەتقىقاتى شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، ئەگەر سىستېمىلىق خەلقئارالىق سۈرۈشتۈرۈشلەر بولمىغان بولسا ھەمدە «خەلقئارا تەھقىقىي ژۇرنالىستلار بىرلەشمىسى» (ICIJ) باشچىلىقىدىكى پاش قىلىش تىرىشچانلىقلىرى كۆرسىتىلمىگەن بولسا، لاگېر سىستېمىسى ئۆزىنىڭ ئەسلى شەكلى بىلەن 2020-يىلىدىن كېيىنمۇ ئۇزاققىچە داۋاملاشقان بولاتتى.

 شۋېك ئۆز ماقالىسىدە ICIJ نىڭ «خىتاي كابېللىرى» ناملىق ھۆججىتىدىكى «خىتاينىڭ نىشانلىرى» قىسمىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نۇقتىلارنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ: خىتاي خەلقئارا بېسىمنىڭ ئۆزىگە كۆرسەتكەن سەلبىي تەسىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش ۋە بىر يۈرۈش ساختا «غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرى»نى (GONGOs) ئىشقا سالماقتا.


ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ

يېڭى يازمىلاردىن ئېلخەت ئارقىلىق خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن مۇشتەرى بولۇڭ

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ

داۋاملىق ئوقۇش ۋە تېخىمۇ كۆپ ماتېرىياللارغا ئېرىشىش ئۈچۈن تىزىملىتىڭ.

داۋاملىق ئوقۇڭ