فېۋرال 14, 2026

ئۇيغۇر پوچتىسى، 12-فېۋرال

ئاق ساراينىڭ باياناتچىسى كارولىن لېۋىت (Karoline Leavitt) سەيشەنبە كۈنى (10-فېۋرال) مۇنداق دېدى: لى جىئىڭ مەسىلىسى پرېزىدېنت دونالد ترامپ (Donald Trump) ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، پرېزىدېنت ئۆتكەن يىلى 10-ئايدا جەنۇبىي كورېيەنىڭ پۇسان شەھىرىدە خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە، لى جىئىڭنى قويۇپ بېرىش ھەققىدە توختالغان.

دۈشەنبە كۈنى، خوڭكوڭ يۇقىرى سوتى 78 ياشلىق خوڭكوڭلۇق سابىق دېموكراتىيە تەرەپدارى ۋە مېدىيا ماگناتى لى جىئىڭغا 20 يىللىق قاماق جازاسى بەرگەنلىكىنى رەسمىي ئېلان قىلدى. ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا، لى جىئىڭ «دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى» بويىچە بېكىتىلگەن سوتچى تەرىپىدىن ئۈچ تۈرلۈك جىنايەت بويىچە گۇناھكار دەپ بېكىتىلگەن ئىدى. بۇنىڭ ئىچىدە «چەت ئەل ياكى چېگرا سىرتىدىكى كۈچلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈش» ۋە «قۇتراتقۇلۇق خاراكتېرلىك نەشر بۇيۇملىرىنى تارقىتىشقا تىل بىرىكتۈرۈش» قاتارلىق ئەيىبلەشلەر بار. « ئالما كۈندىلىك گېزىتى» (Apple Daily) نىڭ قۇرغۇچىسى بولغان لى جىئىڭ 2020-يىلى 12-ئايدا «ئالدامچىلىق» ئەيىبلىمىسى بىلەن تۇتۇلغاندىن بۇيان، بەش يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت قاماقتا تۇرماقتا.

دۈشەنبە كۈنى، لى جىئىڭ خوڭكوڭ سوتى تەرىپىدىن «چەت ئەل كۈچلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈش» قاتارلىق «دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى»غا ئالاقىدار جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ، 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

ئاق سارايدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، لېۋىتتىن: «بۇ يىل 4-ئايدا خىتاينى زىيارەت قىلىشنى پىلانلاۋاتقان پرېزىدېنت ترامپ يەنە لى جىئىڭ ئۈچۈن سۆز قىلامدۇ؟» دەپ سورالغاندا، ئۇ بۇنىڭغا جاۋابەن : «مەن پرېزىدېنتنىڭ بۇ مەسىلە توغرىسىدا ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھالدا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. مەن پرېزىدېنت ترامپ بىلەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كورېيەدىكى ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىش شەرىپىگە نائىل بولغان ئىدىم، پرېزىدېنت ئۇ يەردە بۇ مەسىلىنى ئۆزى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ مەسىلە پرېزىدېنت ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، ئۇ 4-ئايدىكى خىتاي زىيارىتىنى تېخىمۇ كۈتمەكتە.»

ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا لى جىئىڭ گۇناھكار دەپ بېكىتىلگەندىن كېيىن، پرېزىدېنت ترامپ ئۆزىنىڭ 10-ئايدا شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە لى جىئىڭنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈپ مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئۇنىڭ يېشى چوڭ، سالامەتلىكىمۇ ياخشى ئەمەس. مەن ھەقىقەتەن بۇ تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدۇم، نەتىجىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرەيلى.»

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ماركو رۇبىئو (Marco Rubio) دۈشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: «خوڭكوڭ يۇقىرى سوتىنىڭ لى جىئىڭغا 20 يىللىق قاماق جازاسى بېرىش قارارى بۇ دېلونىڭ ئادالەتسىز ۋە پاجىئەلىك خۇلاسىسىدۇر. بۇ ئەھۋال بېيجىڭنىڭ خوڭكوڭدىكى ئاساسىي ئەركىنلىكنى قوللايدىغانلارنىڭ ئاۋازىنى بوغۇش ئۈچۈن ئەڭ رەھىمسىز ۋاسىتىلەرنى قوللىنىشتىن يانمايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا 1984-يىلدىكى <ئەنگلىيە-خىتاي بىرلەشمە باياناتى>دا بەرگەن خەلقئارالىق ۋەدىلىرىگە پەرۋا قىلمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم پاش قىلدى.»

رۇبىئو يەنە مۇنداق دېدى: «ئىككى يىلغا سوزۇلغان سوت جەريانى ۋە بەش يىلدىن ئارتۇق تۈرمە ھاياتىدىن كېيىن، لى ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئېغىر ئازاب چەكتى. ئامېرىكا تەرەپ ئالاقىدار دائىرىلەردىن لى ئەپەندىنى ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ.»

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەنگلىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى تەرەپمۇ خوڭكوڭ دائىرىلىرىنى ئىنسانپەرۋەرلىك سەۋەبى بىلەن لى جىئىڭنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.


ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ

يېڭى يازمىلاردىن ئېلخەت ئارقىلىق خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن مۇشتەرى بولۇڭ

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ

داۋاملىق ئوقۇش ۋە تېخىمۇ كۆپ ماتېرىياللارغا ئېرىشىش ئۈچۈن تىزىملىتىڭ.

داۋاملىق ئوقۇڭ