ئۇيغۇر پوچتىسى، 9-فېۋرال
لوندۇندا، ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلەرگە ئۇيغۇر كىملىكى ۋە ئۇيغۇر مىللىي ئېڭى بويىچە تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىلىدۇ. تەشكىللىگۈچىلەردىن ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر پوچتىسىغا بىلدۈرىشچە، ئۇيغۇر كىملىكى ۋە ئۇيغۇر مىللىي ئېڭى يېتىشتۈرۈش مەقسىتىدە، لوندۇن شەھىرىدە ياۋروپادىكى ياش-ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن ئۈچ كۈنلۈك ئەدەبىيات-سەنئەت كۇرسى ۋە پائالىيەتلەر ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ.پائالىيەتكە ئەنگىلىيە ئۇيغۇر جامائىتى ساھىپخانلىق قىلىدۇ.
كۇرستا ئوقۇغۇچىلار زۇلھايات ئۆتكۈر، مىركامىل تۈركەل ۋە ئابدۇۋەلى ئايۇپ قاتارلىق كەسپى ۋە تەجرىبىلىك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى، مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتىگە ئائىت مەزمۇنلاردىن دەرس ئالىدۇ ۋە بىۋاسىتە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پۇرستىگە ئېرشىدۇ.
ئوقۇتقۇچىلاردىن زۇلھايات ئۆتكۈرئورتاقلاشقان ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، بۇ 4-قېتىملىق كۇرس بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار بىلىم ئېلىش ۋەئۇيغۇرلۇق رىشتىسىنى چىڭىتىش پۇرستىگە ئېرىشكەن. «ئىلگىرىكى قېتىملاردا كۇرسقا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ ئىنكاسلىرىغا قارىغاندا، كۇرس جەريانىدا ئوقۇغۇچىلار يالغۇز بىلىم ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپلا قالماستىن، ئۆزئارا تونۇشۇش، ئۇيغۇرلۇق رىشتىسىنى چىڭىتىش جەھەتلەردىنمۇ ئۈنۈملۈك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن.»
قاتناشقۇچىلارنىڭ ياتاق ۋە تاماق راسخودلىرىنى ئەنگىلىيە ئۇيغۇر جامائىتى ئۈستىگە ئالىدىغان بولۇپ، قاتناشقۇچىلارنىڭ سانى چەكلىك ئىكەن، ئەنگىلىيە سىرتىدىن پەقەتلا 20 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن.ھەرقايسى دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان 14 ياشتىن 17 ياشقىچە بولغان ياش-ئۆسمۈرلەردىن قىزىققۇچىلار بولسا، تۆۋەندىكى ئېلخەت ئادرېسىغا ئىسىم-فامىلىسى، يېشى، دۆلىتى ۋە ئاتا-ئانىسىنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى يوللاش ئارقىلىق تىزىملاتسا بولىدۇ.ukuyghurcommunity@protonmail.com ئارقىلىق تېزىملاتسا بولىدىكەن.تىزىملىتىش ۋاقتى 2026-يىل 2-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە بولۇپ، كۇرس مۇددىتى 2026-يىل، 5- ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 3- كۈنىگىچە ئىكەن.
ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ
يېڭى يازمىلاردىن ئېلخەت ئارقىلىق خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن مۇشتەرى بولۇڭ
