فېۋرال 14, 2026

دىلنۇر رەيھان

ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى بىناسىنىڭ رەسمىي ئېچىلىشىدىن بىر نەچچە كۈن بۇرۇن، فىرانسىيەدىكى مىركامىل ۋە ئابدۇراخماننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قانچە ئۇيغۇرغا خىتاي خىزمىتىدىكى ئۇيغۇر ساقچىلار تېلېفون قىلىپ، ئۇلارنى ئىشپىيونلۇق قىلىشقا يۇمشاق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق مەجبۇرلىماقچى بولغان. ئاساسلىق شەرتلىرىدىن بىرى بولسا، ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى ۋە ئۇنىڭ بېشىدىكى مېنىڭ ئۇچۇرلىرىمنى ئىگىلەش.

بۇلاردىن باشقا، ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى ئېچىلىش مۇراسىمىنى بىكار قىلدۇرۇش، سىياسەتچىلەرنى قاتناشتۇرماسلىق ئۈچۈن، پارىژدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ پارىژ شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە قاتتىق بېسىم قىلغانلىقىنى چۈشىنەلەيمىز. مۇراسىم ئەسلى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئەمما شەھەر باشلىقى مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ئاخىرقى كۈنلەردە، ۋاقتى توغرا كەلمەسلىك سەۋەبى بىلەن ئارقىغا سۈردۈرگەن. بىز ئۇدۇل كەلگەن كۈندە قىلىشنى توغرا كۆرمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن، فىرانسىيە پارلامېنتىدا، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئېتىراپ قىلىنغان كۈنىنى (يەنى 20-يانىۋار) بەلگىلەپ، شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكۈزۈپ، قايتىدىن تەكلىپنامىلەرنى ئىشلەپ، ئورۇنلاشتۇرغان بولساقمۇ، ئۈچ كۈن ئاۋۋال، تۇيۇقسىز شەھەرلىك ھۆكۈمەتتىن شەھەر باشلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھېچقانداق بىر ھۆكۈمەت ۋەكىلىنىڭ كېلەلمەيدىغانلىقىنى، مارتتا بولىدىغان شەھەرلەر سايلىمى سەۋەبلىك، بۇنداق پائالىيەتلەرگە قاتنىشالمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

بىز سۈرۈشتۈرۈپ، سايلام ئايلىرىنىڭ بۇنداق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا توسالغۇ بولمايدىغانلىقىنى ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە خىتايدىن بېسىم كەلگەنلىك ئېھتىمالىنى ئوخشىمىغان مەنبەلەردىن ئۇقتۇق. يەنە شۇنداق تۇرۇپ، شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، نەچچە يىلدىن بېرى، ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتىنىڭ بۇ ئورۇنغا ئېرىشىشىگە كۆپ كۈچ چىقارغان، ژان-لۈك رومېرو مىشەل ۋە مارتتىكى سايلام كاندىداتى ئىممانۇئەل گېغېگۇاخنىڭ ۋەكىلى، پارىژ شەھەرلىك ھۆكۈمەت كىشىلىك ھوقۇق ۋەكىلى جەنۋىيېۋ گەرىگوس ۋە رايونلار مۇئاۋىن شەھەر باشلىقلىرى بۇ ”ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش“قا قارىماي، كېلىۋەردى.

فىرانسىيە غەرب دۇنياسىدا، ئادەتتىكى ئامما ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەڭ كەڭ كۆتۈرۈلگەن، پۈتۈن 30 ياشتىن تۆۋەن ياشلار ئومۇمىي يۈزلۈك ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەرىكەت ئېلىپ بارغان بىردىنبىر دۆلەت. گەرچە ئۇكرائىنا، غەززە، ئافغانىستان، ئىران مەسىلىلىرى نەچچە يىلدىن بېرى خەلقئارا ۋەزىيەتنى ئىگىلەپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى ئاساسىي خەلقئارا تېمىلاردىن يىراقلاپ كەتكەن بولسىمۇ، ھازىرغىچە فىرانسىيەدە، ياشلار ئىچىدە، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئازراق بولسىمۇ بىلمەيدىغانلار ئىنتايىن ئاز. بۇنىڭ ھەممىسى ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېلىپ بارغان ئۇيغۇر لوبىچىلىقىنىڭ نەتىجىسى. شۇڭا نەچچە يىلدىن بېرى، خىتاينىڭ غەربتىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا، فىرانسىيە ئۇيغۇرلىرىنى، بولۇپمۇ ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى ئەتراپىدىكىلەرنى ۋە مېنى ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىقى ھەرگىز ئاددىي ئىش ئەمەس.

خىتاينىڭ پارىژدىكى ئەلچىخانىسى مېنىڭ ئۈستۈمدىن 2022-يىلدىن بېرى قىلىۋاتقان ئەرزى، بىكار بولۇپ كەتكىنىگە قارىماي، شى جىنپىڭنىڭ 2024-يىلى مايدىكى فىرانسىيە زىيارىتى ئالدىدا، خىتايغا خۇشامەت قىلىش ئۈچۈن، پارىژ ئەدلىيە نازارىتى نازىرىنىڭ فىرانسىيە ئەدلىيە تارىخىدا ئاز ئۇچرايدىغان بىر ئىشنى قىلغانلىقى، يەنى يېپىلىپ بولغان دېلونى مەخسۇس يازما بۇيرۇق بىلەن ئېچىشقا ۋە خاراكتېرىنى ئېغىرلىتىشقا بۇيرۇغانلىقى، 2025-يىلى ئاپرېلدا، خەلقئارا تەكشۈرۈش ئاخباراتلىرى بىرلەشمىسىنىڭ 14 دۆلەت ئاخباراتىنىڭ بىرلىشىشى بىلەن ئېلىپ بارغان ”خىتاي نىشانى“ ناملىق ئاخبارات دوكلاتىدا پاش قىلىندى.

مانا بۇ قېتىممۇ، ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتىنىڭ ئەتراپىدا ياردەملىشىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ۋەتەندىكى ئائىلىسىنى پەش قىلىش ئارقىلىق، يەنى ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ ئەڭ ئىپتىدائىي گۇرۇپپا باغلىنىشىنى يەم قىلىپ سۇنۇش ئارقىلىق، بۇ ئۇيغۇرلارنى قارماققا ئىلىندۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى، خىتاي مۇستەملىكە رېجىمىنىڭ ئىنىستىتۇتتىكىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكىلەرنى بۆلۈپ، بىر-بىرىگە ئىشەنمەس قىلىپ، بىرلىكتە خىزمەت قىلالمايدىغان پالەچ ھالغا چۈشۈرۈشنى نىشان قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىككىيلەننىڭ بۇ ئەھۋالنى دەرھال باشتا بىزگە، ئاندىن جەمئىيەتكە ئاشكارىلىشى بولسا، خىتاينىڭ بۇ ئىپتىدائىي قورالىنىڭ بۇلارغا ئۆتمىگەنلىكىنى ۋە بىزنىڭ بۇ قېتىم غەلبە قىلغانلىقىمىزنى بىلدۈرىدۇ.

خىتاينىڭ بۇ نىشانلىق ھۇجۇملىرى بىزنى مۇستەملىكىگە قارشى كۈرەشلىرىمىزدىن توختىتالمايدۇ، ھەم ئۇيغۇر دىئاسپوراسىنى بىر-بىرىگە دۈشمەن قىلىش نىشانىغىمۇ يەتكۈزمەيمىز. بۇنىڭ ھەممىسى پەقەت، ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتىنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئورۇندا تۇرىۋاتقانلىقى، قىلىۋاتقان ئىشلىرىنىڭ نەقەدەر قىممەتلىك ۋە ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ، خالاس. بۇ ئىككىيلەننىڭ جەسۇرلۇق بىلەن خىتايغا سېتىلىشنى رەت قىلغانلىقى، كوللېكتىپ مەنپەئەتنى شەخسىي ئىپتىدائىي مەنپەئەتتىن ئۈستۈن كۆرگەنلىكى دىئاسپورادىكى بارلىق ئۇيغۇرلارغا ئۈلگە بولۇشى كېرەك.

دىلنۇر رەيھان — ئۇيغۇر جەمئىيەتشۇناس، ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش پائالىيەتچىسى، چېخىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى، شۇنداقلا ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە رەئىسىدۇر. ئۇ فىرانسىيەنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىنى كۈچلۈك تەشەببۇس قىلغۇچىلارنىڭ بىرى. دىلنۇر رەيھان فىرانسىيە مەتبۇئاتلىرىدا فىرانسىيە ۋە ختاي سىياسىتى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە كۆپلىگەن ئوبزور ۋە ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان. ئۇ يەنە مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە يېڭى ئەۋلاد ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلىنىشىنى ئىزچىل قوللاپ كەلمەكتە. ئۇ نۆۋەتتە فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىدە ياشايدۇ.

دىلنۇر رەيھاننىڭ ئۇيغۇر پوچتىسدا ئىلان قىلىنغان ئەسەرلىرىنى دىلنۇر سەھپىسدىن كۆرۈڭ


ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ

يېڭى يازمىلاردىن ئېلخەت ئارقىلىق خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن مۇشتەرى بولۇڭ

1 thought on “خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىئاسپوراسىغا قاراتقان بېسىمى فىرانسىيەدە گەۋدىلىك بولماقتا

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ

داۋاملىق ئوقۇش ۋە تېخىمۇ كۆپ ماتېرىياللارغا ئېرىشىش ئۈچۈن تىزىملىتىڭ.

داۋاملىق ئوقۇڭ