تەھرىر بۆلۈمىدىن سۆز: 5-فېۋرال غۇلجا ئىنقىلابى ۋە خىتاينىڭ باستۇرۇشى — ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان تارىخىدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەقەلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. «ئۇيغۇر پوچتىسى» تەھرىراتى 2026-يىلى 5-فېۋرال غۇلجا ھەرىكىتىنىڭ 29 يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن، بۇ ساھەدە ئىزدىنىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئوبزورچى گۈلشەن ئابدۇقادىر خانىمنى مەخسۇس ئوبزور يېزىشقا تەكلىپ قىلدى.
گۈلشەن ئابدۇقادىر (سەھەر)
ئوبزور
(5- فېۋرال غۇلجا ئىنقىلابىنىڭ 29 يىللىقىغا بېغىشلايمەن)

ئالدى بىلەن بۇ ئوبزورۇمنىڭ تۇنجى قۇرلىرىنى خۇددى «5- فېۋرال ئارخىپلىرى -1- ۋە -2-» كىتابىمنىڭ تۇنجى جۈملىسىنى باشلىغىنىمدەك، 5- فېۋرال غۇلجا ئىنقىلابى ھەققىدە بىلمەيدىغانلىرىمىز بىلىدىغانلىرىمىزدىن كۆپ دەپ باشلىماقچىمەن. يەنە ئىزاھات بېرىش توغرا كەلسە، 5- فېۋرال غۇلجا ئىنقىلابى پەقەت 1997- يىلى 5- فېۋرال كۈنىدىكى نامايىشنىلا كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى، بەلكى 1990- يىلى زەھەرگە قارشى مەشرەپ ھەرىكىتى بىلەن باشلىنىپ، 5- فېۋرال غۇلجا نامايىشىدا ئەۋجىگە چىققان، خىتتاينىڭ قارا تۇتقۇنىغا قارشى پارتىزانلىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ھەممە يەرنى قاپلىغان ۋە 2000- يىللىرىغا كەلگەندە خىتتاي فاشىست ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلغان، 10 يىل داۋام قىلغان زەھەرگە شۇنداقلا خىتتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى 50 يىلغا يېقىن يۈرگۈزگەن باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە قارشى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تارىخىدىكى دەۋر بۆلگۈچ بىر ئىنقىلاب ئىكەنلىكىنى ئىزاھلىماقچىمەن.
5- فېۋرال غۇلجا ئىنقىلابى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە 5- فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى خىتتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن 1996- يىلى 3- ئايدا ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا چېلىنغان تۇنجى سىگنال ھېسابلىنىدىغان 7- نومۇرلۇق ھۆججەتنىڭ تۇنجى ئىجرا قىلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇ يىلى يەنە خىتتاي ئۇيغۇرلارنىڭ قان قېرىنداشلىرى ۋە ئەتراپىدىكى چېگراداش دۆلەتلەر بولغان قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە ئاتالمىش «خىتتاينىڭ چېگرا بىخەتەرلىكىنى قوغداش» نامىدىكى «ئۈچ خىل كۈچلەر» ۋە «تېرورچىلار»نى قوغلاپ تۇتۇپ خىتتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان تەشكىلاتى «شاڭخەي بەش ھەمكارلىق تەشكىلاتى»نى قۇرۇپ چىقتى. خىتتاي تىلغا ئالغان بۇ ئۈچ خىل كۈچ ۋە تېرورچىلار ئۇيغۇرلارنى كۆرسەتتى. غۇلجا خەلقى، غۇلجا شەھىرىنىڭ خىتتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن مەقسەتلىك ھالدا زەھەر شەھىرىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇلۇۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت بۇ ھەقىقەتنى ئىسپاتلاشقا چارىسىز ئىدى.
ئارىلىقتىن 29 يىل ۋاقىت ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە، خىتتاينىڭ ئۆزىدىن جۇغراپىيەلىك جەھەتتە نىھايەتتە ئۇزاق بولغان، دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك بولغان ئامېرىكىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئامېرىكا خەلقىنى «فېنتانىل» (Fentanyl) دېگەن زەھەر بىلەن زەھەرلەۋاتقانلىقىغا شاھىت بولۇپ تۇرۇپتىمىز.
بۇ ھەپتە ئامېرىكا پىرىزېنتى دونالد ترامپ ئەپەندىم رەسمىي ھۆججەتلەردە فېنتانىل ھەققىدە توختىلىپ، يۈز مىڭلىغان ئامېرىكىلىقنىڭ جېنىغا زامىن بولغان دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتكەن. ئۇ خىتتاينىڭ مېكسىكىدىكى كارتاللار ئارقىلىق مېكسىكا ۋە كانادادىكى ئوچۇقلار ئارقىلىق كىرىۋاتقان فېنتانىل ئېقىمىغا قارشى نىھايەتتە قاتتىق سۆزلەر ئىشلەتكەن. مەسىلەن: 2025- يىلى 15- دېكابىر كۈنى ئاقساراي تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان، فېنتانىلنى توپلىمىسال قىرغىن قورالى يەنى (Weapons of Mass Destruction) دەپ سىنپلاشتۇرغان جەدۋەلدە، فېنتانىلنىڭ يۈز مىڭلىغان ئامېرىكىلىقنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى، چەت ئەلدىكى ئۆمۈچۈكسىمان تورلىرى ۋە مېكسىكىدىكى باغلىنىشى بارلىقى ۋە ئەسلى مەنبەسىنىڭ خىتتاي ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۈگۈنكى ئامېرىكىلىقلارنىڭ خىتتاينىڭ «يۇمشاق سىڭىپ كىرىشى» ئارقىلىق زەھەرلىنىشى، بۇنىڭدىن 29 يىل بۇرۇنقى غۇلجا شەھىرىنىڭ زەھەرلىنىشى ئىدى.
بارىن ئىنقىلابىنىڭ سەركىردىسى زەينىدىن يۈسۈپ دۇستلىرىنىڭ «يا قورال سېتىۋالغۇدەك پۇلىمىز يوق، يا قولىمىزدا قورالىمىز يوق، قانداقمۇ قوراللىق كۈرەش قىلالايمىز؟» دېگەن سوئالىغا تولىمۇ ئىشەنچلىك ھالدا جاۋاب بېرىپ: «خىتتاينىڭ قولىدىكى ئاپتوماتىنى تارتىۋېلىش ئارقىلىق قوراللىق كۈرەش قىلىمىز» دېگەن ئىدى. 5- فېۋرال غۇلجا ئىنقىلابى مانا مۇشۇ ھەقىقەتنى ئىسپاتلىغان ئىنقىلاب بولۇپ، 5- فېۋرال غۇلجا ئىنقىلابىنىڭ قەھرىمان كۈرەشچىسى، سەركىردىسى تۇرسۇن سەلەي 1998- يىلى 19- ئاپرېل كۈنىدىكى غۇلجا ناھىيە خۇدىيار يۈزى توقۇنۇشىدا، خىتتاينىڭ مەملىكەت دەرىجىلىك ئالىي ئەسكىرى، خىتتاينىڭ 5- فېۋرال غۇلجا ئىنقىلابىنى باستۇرۇش ئۈچۈن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن غۇلجىغا ئەۋەتكەن قوماندانى لۇڭفېينىڭ قورالىنى تارتىۋېلىپ، غۇلجىدىكى قانلىق قىرغىنچىلىقنىڭ باش قوماندانى لۇڭفېينى ئېتىپ تاشلىغان ۋە خىتتاينىڭ قاتمۇقات مۇھاسىرىسىنى بۆسۈپ چىقىپ، يەنە شۇ يىلى يۈز بەرگەن 26- ئىيۇن توخۇچىيۈزى توقۇنۇشىدا لۇڭفېينىڭ قورالىنى ئىشلىتىپ، چىش-تىرنىغىغىچە قوراللانغان خىتتاي ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، سەپداشلىرىدىن ھەمىت مۇھەممەت، قاسىم مەقبىر ۋە ئىلياس زوردۇن قاتارلىقلارنىڭ مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىقىپ كېتىشىگە كاپالەتلىك قىلغان.
شۇ كۈنكى توقۇنۇشتا تۇرسۇن سەلەي يەنە خىتتاينىڭ ئالىي قوراللارغا ساھىب ئالىي دەرىجىلىك ئەسكەرلىرىدىن كويۇڭچىياڭ ، نۇرلان قاتارلىقلارنى ئېتىپ تاشلاپ، خىتتاي غالچىسى ئابدۇراخمان پەيزى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇنلىغان خىتتاي ئەسكەرلىرىنى ئېغىر يارىلاندۇرغان.
شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەش كېرەككى، 5- فېۋرال غۇلجا پارتىزانلىرىدىن ھاممات مەمىتىمىن، تۇرسۇن سەلەي قاتارلىقلارنىڭ ئەينى چاغدا قولىدا قورال بار بولسىمۇ، ئەمما بىرەرمۇ خىتتاي پۇقراسىغا ھۇجۇم قىلمىغان. ئۇلار شۇنداق بىر كۈننى، يەنى خىتتاي ئەسكەر-جەڭچىلىرى بىلەن توقۇنۇشىدىغان بىر كۈننى كۈتكەن. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، خىتتاي دۇنياغا ئۆزىنى تېرورىزمنىڭ قۇربانى قىلىپ كۆرسەتمەكتە. ئۇنداقتا خىتتايدىن ۋە دۇنيادىن شۇنداق بىر سوئالنى سوراشقا توغرا كېلىدۇ: 80 يىلدىن بۇيان خىتتاي ئىزچىل قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلار نېمىنىڭ قۇربانى؟
5- فېۋرال غۇلجا ئىنقىلابى ئاخىرلاشتىمۇ؟ ياق، ئاخىرلاشمىدى. بارىن روھى ۋە غۇلجا 5- فېۋرال روھى كۆكلەيدۇ. بارىن ۋە غۇلجا 5- فېۋرال روھى يېڭى دېموكراتىك سۈرىيە دۆلىتىدە كۆكلەيدۇ ۋە چاقنايدۇ. يېڭى سۈرىيە دېموكراتىك دۆلىتىنىڭ 84- دىۋىزىيەسىنى تەشكىل قىلغان ئۇيغۇر بەگچىلەر، بارىن ۋە 5- فېۋرال روھىنىڭ داۋامى.
گۈلشەن ئابدۇقادىر: 1967-يىلى غۇلجا شەھىرىدە زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ 1989-يىلى «شىنجاڭ» ئۇنىۋېرسىتېتى ئاخبارات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. 2003-يىلى ۋەتەندىن ئايرىلغان بولۇپ، ھازىر كانادادا ياشايدۇ. گۈلشەن ئابدۇقادىر كۆپلىگەن ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورى بولۇپ، ئۇنىڭ ھازىرغىچە «5-فېۋرال ئارخىپلىرى (1- ۋە 2-كىتاب)»، «دۆنكىخوت ۋە سانچۇپانزا ئۇيغۇر»، «ۋەتەنگە ۋىزام يوق»، «تىم خورتوندا ئىشلىگەن ئايال»، «ئونتارىيو كۆلى بىلەن سۆھبەت» ۋە «دەرۋازا ئۇرۇلغاندا» قاتارلىق جەمئىي 4 پارچە كىتابى نەشىر قىلىنغان.
ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ
يېڭى يازمىلاردىن ئېلخەت ئارقىلىق خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن مۇشتەرى بولۇڭ
