ئۇيغۇر پوچتىسى
2026-يىلى 1-فېۋرال
تايىر ئىمىن
دۆلەت يوق، ئەمما ئىرادە بار
دېھرادۇن، ھىندىستان – ھىمالايا تېغىنىڭ قارلىق چوققىلىرىدىكى قىزىل تونلۇق راھىبلاردىن تارتىپ، جەنۇبىي ئاسىيادىكى چوڭ شەھەرلەردە ياشاۋاتقان سىياسىي سۈرگۈندىكىلەر ۋە ئاۋسترالىيە، ياۋروپا، شىمالىي ئامېرىكىدىكى مۇساپىرلارغىچە بولغان سايلىغۇچىلار جەمئىي 27 دۆلەتتە بېلەت تاشلايدۇ، ئەمما بۇ تىزىملىكتە خىتاي يوق.

يەكشەنبە كۈنى، سۈرگۈندىكى تىبەت خەلقى ئۆزلىرىنىڭ نۇرغۇنلىرى تېخى كۆرۈپ باقمىغان ۋەتىنىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ھۆكۈمەتنى سايلاش ئۈچۈن، بەش يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان زور كۆلەملىك ئومۇمىي سايلامنى باشلىدى. «دېموكراتىيە ئەمەلىيەتتە» (#DemocracyInPractice) دېگەن شوئار ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ سايلام، تىبەتلەر ئۈچۈن سىياسىي ھوقۇق ۋە ئىرادىنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە زور قىممەتكە ئىگە.

نۇرغۇن سايلىغۇچىلار بۇ سايلامنى، ئۆتكەن يىلى 90 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىگەن روھىي داھىيسى دالاي لاما ھەزرەتلىرى 1959-يىلى خىتاي زۇلمىدىن قېچىپ چىققاندىن بۇيانقى ئەڭ مۇھىم دېموكراتىك پەيت دەپ قارىماقتا. شىۋىتسارىيەدىكى سيۇرىخ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن سونام پالمو: «بۇ سايلام دۆلەت بولمىغان ئەھۋالدىمۇ سىياسىي ئىرادىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، بولۇپمۇ تىبەت ئىچىدە دېموكراتىك ھوقۇقلار چەكلەنگەن بىر پەيتتە كۆرسىتىپ بېرىدۇ»، دېدى.
سۈرگۈندىكى پارلامېنتنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە دۇنياۋى سايلام تورى
بۇ قېتىملىق دەسلەپكى سايلامدا، دۇنيانىڭ 27 دۆلىتىدە ياشاۋاتقان تىبەتلەر سۈرگۈندىكى ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى (سىكيۇڭ) ۋە 18-نۆۋەتلىك سۈرگۈندىكى تىبەت پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرىنى تاللاش ئۈچۈن بېلەت تاشلىماقتا. نۆۋەتتىكى تىبەت رەھبىرى پەنپا سىرىڭ ئىككىنچى قېتىم سايلىنىش ئۈچۈن سايلام پائالىيىتى ئېلىپ باردى.

مەركىزىي سايلام كومىتېتى بۇ جەرياننى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا 87 ئورۇندا سايلام كومىتېتى، 307 بېلەت تاشلاش پونكىتى قۇردى. بۇ جەريانغا 1737 نەپەر پىدائىي مۇلازىمەت قىلماقتا. نۆۋەتتە 91 مىڭدىن ئارتۇق سايلىغۇچى رەسمىي تىزىملاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ 56 مىڭى ھىندىستان، نېپال ۋە بۇتاندا، قالغانلىرى شىمالىي ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق ئەللەردە ياشايدۇ.
سۈرگۈندىكى تىبەت پارلامېنتى 45 ئەزادىن تەركىب تاپىدۇ: بۇنىڭ ئىچىدە 30 ئەزا تىبەتنىڭ ئەنئەنىۋى ئۈچ ئۆلكىسىگە، 10 ئەزا بەش چوڭ دىنىي ئېقىمغا، 5 ئەزا بولسا چەتئەللەردىكى تىبەتلەرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. يەكشەنبە كۈنىدىكى بېلەت تاشلاش ئاخىرقى باسقۇچتىن ئىلگىرىكى نامزاتلارنى بېكىتىش سىنىقى بولۇپ، ھەل قىلغۇچ سايلام 26-ئاپرېل ئۆتكۈزۈلىدۇ، نەتىجىسى 13-ماي ئېلان قىلىنىدۇ.

تىبەت پارلامېنتىنىڭ باشلىقى كېنپو سونام تېنفېل (Khenpo Sonam Tenphel) بۇنىڭغا جاۋابەن: « دالاي لاما ھەزرەتلىرى تەرىپىدىن تەقدىم قىلىنغان تىبەت دېموكراتىيەسى، سۈرگۈندە 65 يىلدىن بېرى گۈللىنىپ كەلدى ۋە بۈگۈن دۇنيا تەرىپىدىن تىبەت خەلقىنىڭ ئاۋازى سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىنماقتا. بۈگۈنكى سايلام تىبەتنىڭ تىبەتلەرگە تەۋە ئىكەنلىكى ھەققىدە ئېنىق سىگنال بېرىدۇ»، دېدى.
سايلام كومىتېتىنىڭ باشلىقى لۆبساڭ يېشى، خىتاينىڭ ئىلگىرى تىبەت سايلاملىرىغا «تور جاسۇسلۇقى» ئارقىلىق دەخلى-تەرۇز قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. تىبەتلەر دالاي لامادىن كېيىنكى كەلگۈسىگە تەييارلىق قىلماقتا، خىتاي بولسا ۋارىسنى بېكىتىش ھوقۇقىنىڭ ئۆزىدە ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلماقتا.
سۈرگۈندىكى تىبەت مەركىزىي مەمۇرىيىتى (CTA) تۇرۇشلۇق ھىندىستاننىڭ دارمىسالا شەھىرىدىكى 33 ياشلىق نامزات گىيالتسېن چوكىي: «بۇ سايلام تىبەتنىڭ ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىق كۈرىشىنىڭ ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا داۋاملىشىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ»، دېدى. بۇ سىستېما باشقا ھېچقانداق سىستېمىغا ئوخشىمايدۇ؛ ئۇ دۆلىتى بولمىغان بىر پارلامېنت ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بىر تۈرلۈك بېلەت تاشلاش پائالىيىتىدۇر.
ئاۋسترالىيەدىكى تىبەت پارلامېنت ئەزاسى دورىڭ تېنزىن پۇنتسوك مۇنداق تەكىتلىدى: «بۇ سايلام خىتاينىڭ مۇستەبىت بىر پارتىيە تۈزۈمىگە بېرىلگەن كۈچلۈك رەددىيە ۋە بىزنىڭ ئەركىنلىك كۈرىشىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىدۇر.»

خىتاينىڭ ئىنكاسى
بېيجىڭ تەرەپ بېلەت تاشلاش باشلىنىشى بىلەنلا بۇنى ئەيىبلەپ، سايلامنى بىر «ئويۇن» دەپ ئاتىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بەرگەن باياناتىدا: «سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتى بىر بۆلگۈنچى سىياسىي گۇرۇھ بولۇپ، ئۇ خىتاي ئاساسىي قانۇنىغا خىلاپ قانۇنسىز تەشكىلات»، دەپ بىلدۈردى.
سايلامنىڭ تەسرى
تېبەتلەرنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەردە تارقاق ھالەتتە تۇرۇپ، ئادىل ۋە دېموكراتىك سايلام ئېلىپ بېرىشى دۇنيادىكى چوڭ تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى. «ھىندىستان ۋاقتى» گېزىتى ۋە فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى (AFP) قاتارلىقلار بۇ ھەقتە مەخسۇس خەۋەر بەردى. خىتاي دېموكراتىيە پائالىيەتچىسى، تيەنئەنمىن ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋاڭ دەن مۇنداق دېدى: «بۇ دەل بىر مەيدان دېموكراتىك ئەمەلىيەتتۇر. تېبەتلەر قىلالىدى، بىز نېمە ئۈچۈن قىلالمايمىز؟ شۇنداق، دۆلىتىمىز بولمىغان تەقدىردىمۇ، بىز ئۆزىمىزنىڭ سىياسىي ئاپتونومىيە ئىرادىمىزنى نامايان قىلالايمىز؛ تېبەتلەر بۇنى ئەمەلگە ئاشۇردى، بىز نېمە ئۈچۈن قىلالمايمىز؟ شۇنداق، سۈرگۈندە تۇرۇپمۇ يەنىلا تۈكەنمەس بىر ئىرادىنى كۆرسەتكىلى بولىدۇ، تېبەتلەر بىزگە بۇنىڭ ئۈلگىسىنى كۆرسىتىپ بەردى.»
كەلگۈسى
سايلام كومىتېتى خىتاينىڭ تور جاسۇسلۇقى ئارقىلىق سايلامغا دەخلى قىلىش ئۇرۇنۇشلىرىدىن ھوشيار بولۇۋاتقان بىر پەيتتە، سايلىغۇچىلارمۇ سىياسىي خىرىسلارنى ھېس قىلماقتا. دالاي لاما سىياسىي ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەندىن بۇيان، سۈرگۈندىكى ھۆكۈمەت خەلقئارالىق ياردەملەرنىڭ ئازىيىشى ۋە گېئوپولىتىكىلىق ئۆزگىرىشلەرگە ماسلىشىشقا تىرىشماقتا. نۆۋەتتىكى ھۆكۈمەت باشلىقى پەنپا سىرىڭ دالاي لامانىڭ «ئوتتۇرا يول» سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، يېڭى ئەۋلاد تىبەتلەرنىڭ كىملىك ۋە ئەركىنلىك ئارزۇلىرىغا ۋەكىللىك قىلىشقا تىرىشماقتا.
مۇھەرىرى: ئابدۇۋەلى ئايۇپ
نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر پوچتىسغا مەنسۇپ، كۆچۈرۈپ ئىلان قىلىش ئۈچۈن رۇخسەت سوراڭ، ماقالە مەنبەسنى ئەسكەرتىڭ.
ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ
يېڭى يازمىلاردىن ئېلخەت ئارقىلىق خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن مۇشتەرى بولۇڭ
