مەمەت توختى
بۇ رەسىمدە كانادالىق، ئۇيغۇرلار بىلەن ھېچقانداق قانداشلىق، دىنىي، مەدەنىيەت ياكى مەنپەئەت ئالاقىسى بولمىغان كىشىلەر بىز ئۈچۈن نامايىش قىلىۋاتىدۇ.

كانادانىڭ پايتەختى ئوتتاۋادىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ، ھەر ھەپتىنىڭ پەيشەنبە كۈنى خىرىستىيان، يەھۇدىي قاتارلىق يەرلىك كانادالىقلار ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نامايىش قىلىپ كەلمەكتە. بۇ سۈرەت ئەنە شۇ نامايىشلارنىڭ بىرىدە تارتىلغان بولۇپ، قاتناشقۇچىلارنىڭ ھېچبىرى ئۇيغۇر ئەمەس؛ ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن ھېچقانداق تۇغقاندارچىلىقى يوق، شۇنداقلا ھېچبىرىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى خىتاينىڭ لاگېرلىرىدا ئەمەس.

ھەر بىر ئۇيغۇر بۇ رەسىمگە تەپسىلىي قاراپ تۇرۇپ، ئۆزىدىن مۇنداق بىر سوئالنى سورىشى كېرەك: «مۇشۇنداق شارائىت ئاستىدا مەن نامايىشقا چىقارمىدىم؟» بۇلار ئۇيغۇر ئەمەس، بەلكى يەھۇدىي ۋە خىرىستىيانلاردۇر. يەنى بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە «ئەھلى دوزاخ» دەپ قارىلىدىغان كىشىلەر يۈز-كۆزلىرى قار بىلەن قاپلانغان، ھاۋا قەھرىتان سوغۇق ۋە شىۋىرغانلىق بولۇشىغا قارىماي، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلىۋاتىدۇ.
بەزى ئۇيغۇرلارچۇ؟ ئۇلار يەنىلا خىتايغا قاتناۋاتىدۇ، بېرىپ-كېلىپ يۈرۈۋاتىدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ رەسىمدىن ئالىدىغان دەرسلىرى ئىنتايىن كۆپ. مۇمكىن بولسا، ھەر بىر ئۇيغۇر بۇ رەسىمنى رامكىغا ئېلىپ ئۆيىنىڭ تۆرىگە ئېسىپ قويۇشى، ھەر كۈنى سىرتقا چىقىشتىن بۇرۇن بۇ رەسىمگە قاراپ ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئەسلىشى كېرەك.
يازمىدىكى قاراشلار-ئاپتورنىڭ مۇستەقىل پىكرىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.
مەمەت توختى كانادادىكى «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش قۇرۇلۇشى» نىڭ ئىجرائىيە دېرىكتورى، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى، 10 مىڭ ئۇيغۇرنى كۆچۈرۈشى ۋە خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشكە چاقىرىق قىلىش قاتارلىق ھەرىكەتلىرى سەۋەبىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن جازا ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇر پائالىيەتچى.
ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ
يېڭى يازمىلاردىن ئېلخەت ئارقىلىق خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن مۇشتەرى بولۇڭ
