ئۇيغۇر پوچتىسى،30-يانۋار
ئەنگلىيەنىڭ خىتاي سىياسىتىدىكى زور بۇرۇلۇش: ۋەزىپىگە چىققاندىن كىين ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئېتىراپ قىلىش ۋەدىسنى ئىجرا قىلماسلىق، خىتاينىڭ لوندوندا قۇرماقچى بولغان «جاسوسلۇق ئەلچىخانىسى»نى تەستىقلاش، خىتاي بىلەن زور كۆلەملىك سودا كېلىشىمى ئىمزالاش ۋە ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرىغا قويۇلغان جازانى بىكار قىلىش قاتارلىقلاردا ئىپادىلىنىدۇ.
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كېير ستارمېر خىتاينىڭ ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئالتە نەپەر ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزاسى ۋە لوردلار كېڭىشى ئەزاسىغا قويغان جازانى بىكار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ستارمېر جازانىڭ دەرھال چىقىرىۋېتىلگەنلىكىنى دەلىللىدى. بۇ قارار كېير ستارمېر بېيجىڭدا شى جىنپىڭ بىلەن تارىخىي خاراكتېرلىك سۆھبەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ قايتا ياخشىلانغانلىقىنىڭ مۇھىم ئىپادىسى دەپ قارالماقتا.
2021-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى پاش قىلغانلىقى ئۈچۈن، توققۇز نەپەر ئەنگلىيە پۇقراسىنى (بەش پارلامېنت ئەزاسى ۋە ئىككى لوردلار كېڭىشى ئەزاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن ئىدى.
ترامپنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى ۋە ستارمېرنىڭ جاۋابى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئەنگلىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشىگە قارىتا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، بېيجىڭ بىلەن سودا قىلىشنىڭ «خەتەرلىك» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. باش ۋەزىر ستارمېر جۈمە كۈنى بۇ قاراشنى رەت قىلىپ، ئەنگلىيەنىڭ خىتاي بىلەن ئالاقە قىلماسلىقىنىڭ «ئەخمىقانىلىق» بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ستارمېر كانادا باش ۋەزىرى مارك كارنىيدىن كېيىن، ترامپنىڭ پەرەز قىلغىلى بولمايدىغان سىياسەتلىرىگە قارشى ئىقتىسادىي ۋە گېئوپولىتىكىلىق تەڭپۇڭلۇق ئىزدەپ خىتاينى زىيارەت قىلغان ئەڭ يېڭى غەرب رەھبىرى بولۇپ قالدى. ئۆتكەن ھەپتە ترامپ يەنە بېيجىڭ بىلەن ئىقتىسادىي كېلىشىم تۈزگەن كانادا باش ۋەزىرى مارك كارنىيغىمۇ تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقى بىلەن تەھدىت سالغان ئىدى.
ستارمېر مۇنداق دېدى: «مەن بىزنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىمىزغا قارىتىلغان تەدبىرلەرنىڭ ئەندىشە پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىمەن. شۇڭا مەن بۇ مەسىلىنى بۇ يەردە ئوتتۇرىغا قويدۇم. خىتاي تەرەپ ئېنىق جاۋاب قايتۇردى: چەكلىمىلەر ئەمدى كۈچكە ئىگە ئەمەس. پىرېزىدېنت شى ماڭا بارلىق پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قارشى ئېلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.»
جازاغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ مەۋقەسى جازا چىقىرىۋېتىلگەن پارلامېنت ئەزالىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى تەنقىد قىلىشتىن توختاپ قالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇلار يەنە: «جازانىڭ پەقەت ۋەزىپىدىكى پارلامېنت ئەزالىرىغىلا تاللاپ بىكار قىلىنىشى خاتا»، دېيىشتى. مەلۇم بولۇشىچە، بىر ئاكادېمىك، بىر ئادۋوكات ۋە بىر سابىق كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى ئەزاسىغا (ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا) قويۇلغان جازا يەنىلا ئۆز پېتى تۇرماقتا.
نۆۋەتتە، ستارمېر شى جىنپىڭنىڭ ئەنگلىيەدە زىيارەتتە بولۇشىغا يول ئاچقان بولسىمۇ، ئەمما جازا پۈتۈنلەي بىكار قىلىنمىغان ۋە جاسوسلۇق جېدەللىرى تۈپەيلىدىن خىتاي دىپلوماتلىرىنىڭ ئەنگلىيە پارلامېنتىغا كىرىشى چەكلەنگەن بىر پەيتتە، بۇنداق بىر زىيارەتنىڭ سىياسىي جەھەتتىن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
ئەنگلىيەدىكى «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختات» تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى رەھىمە مەھمۇت خانىم ئۆتكەن ھەپتە ئەنگلىيە «مۇستەقىللىق گېزىتى» (The Independent) دە «مەن خىتايدىن قېچىپ بۇ يەرگە كەلگەن ئۇيغۇر بولىمەن، خىتاينىڭ بۇ يەردە ئەلچىخانا قۇرۇشىغا يول قويماڭلار» سەرلەۋھىلىك ئوبزور ئېلان قىلىپ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنى خەلقئارا قانۇن ئاساسىدا، ئېزىلگۈچى خەلقلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش بۇرچىنى ئادا قىلىشقا چاقىرغان.
تەييارلىغۇچى: تايىر ئىمىن
ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ
يېڭى يازمىلاردىن ئېلخەت ئارقىلىق خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن مۇشتەرى بولۇڭ
