ئۇيغۇر پوچتىسى، 28-يانۋار

ئىزاھات: «توغراق روھى» ئۇيغۇر رەسساملىرى گۇرۇپپىسى 2024-يىلى رەسسام مەرۋايىت ھاپىزنىڭ يېتەكچىلىكىدە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن بولۇپ جەمئى ئالتە نەپەر رەسسام بىلەن قۇرۇلغان. گۇرۇپپا ئەزالىرى مەرۋايىت ھاپىز (گېرمانىيە)، گۈلناز تۇرسۇن (قازاقىستان)، مەمەتجان جۈمە (ئامېرىكا)، ئەكرەم ئىمىن (نورۋېگىيە)، سانىيە ئىمىن (ئامېرىكا) ۋە كامىلە دىلشات (ئەنگلىيە) قاتارلىق رەسساملاردىن تەشكىل تاپقان.
بۇ گۇرۇپپا قۇرۇلغاندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە، گۇرۇپپا ئەزالىرى ئۆزىنىڭ چەكلىك شارائىتىگە قارىماستىن، تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى، ئۇيۇشمىلىرى ۋە تەشكىلاتلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن بىرنەچچە قېتىملىق گۈزەل سەنئەت كۆرگەزمىسى ئېچىپ، شۇ ئورۇنلاردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش بىلەن بىللە، ئۇلارنىڭ تۈرلۈك يوسۇندىكى قوللىشى ۋە رىغبىتىگە ئېرىشتى. تۆۋەندە، گۇرۇپپا يىتەكچىسى مەرۋايىت ھاپىز خانىمنىڭ گۇرۇپپىنىڭ يېقىنقى پائالىيەتلىرىدىن قىسقىچە تونۇشتۇرىشى بىلەن بىللە كەڭ قوللىغۇچىلارغا بولغان سەمىمى مىننەتدارلىقىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز:
«توغراق روھى» ئۇيغۇر رەسساملىرى گۇرۇپپىسى 2024-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئاساسلىق مەقسىتىمىز: سەنئەت ئەسەرلىرى ئارقىلىق، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخ ياراتقان، بۈيۈك بىر مەدەنىيەتنىڭ ئىگىسى ۋە مىراسخورلىرى ئىكەنلىكىمىزنى، شۇنداقلا سەنئەتكار بىر مىللەتنىڭ ئەۋلادى بولغانلىق غۇرۇرىمىزنى، خۇددى توغراققا ئوخشاش قەيسەر بىر مىللەت ئىكەنلىكىمىزنى بىز ياشاۋاتقان جەمئىيەتكە نامايان قىلىشتۇر؛ خەلقىمىز ئارىسىدا بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقنى تەشەببۇس قىلىپ، بىر گەۋدە بولۇپ ئۇيۇشقاندىلا مەقسىتىمىزگە يېتەلەيدىغانلىقىمىزنى چۈشەندۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر.

1- قېتىملىق «توغراق روھى» ئۇيغۇر رەسساملىرى گۈزەل سەنئەت كۆرگەزمىسى گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھىرىدىكى «شلوس بليۇتېنبۇرگ » (Schloss Blutenburg) مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى.2024- يىلى ئىيۇن ئېيىدا، 1- قېتىملىق «توغراق روھى» ئۇيغۇر رەسساملىرى گۈزەل سەنئەت كۆرگەزمىسى مىيۇنخېن شەھىرىدىكى «شلوس بليۇتېنبۇرگ» (Schloss Blutenburg) مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۈچ كۈن داۋاملاشتى. مەزكۇر كۆرگەزمە ئىنتايىن تەنتەنىلىك ۋە نەتىجىلىك ئېچىلدى.

2- قېتىملىق «توغراق روھى» ئۇيغۇر رەسساملىرى گۈزەل سەنئەت كۆرگەزمىسى ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېي، مېلبۇرن ۋە ئادېلايد شەھەرلىرىدە ئۆتكۈزۈلدى

2025- يىلى 8-نويابىر سىدنېيدىكى ئۇنتۇلغۇسىز، نەتىجىلىك ۋە ھاياجانلىق مىنۇتلار «توغراق روھى» ئۇيغۇر رەسساملىرىنىڭ روھىغا جاسارەت ۋە ئىلھام بەردى. بىزنى پۈتۈن ۋۇجۇدى، جاپالىق ئەمگىكى بىلەن قوللىغان سەنئەتكار ۋە سەنئەتسۆيەر، مەرىپەتپەرۋەر دوستۇم گۈلناز قادىرغا مىڭلارچە رەھمەت. (گۈلناز قادىر خانىم 1982-يىلىدىن 1986-يىلىغىچە بېيجىڭدىكى مەركىزىي ھۈنەر-سەنئەت ئاكادېمىيەسىدە لايىھەلەش كەسپىدە ئوقۇغان؛ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن 1986-يىلىدىن 1995-يىلىغىچە سەنئەت ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1995-يىلى ئاۋسترالىيەگە كەلگەن).
«ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە مىراسلىرى جەمئىيىتى»نىڭ رەئىسى، شۇنداقلا پائالىيەتنى لايىھەلىگۈچى ۋە رىياسەتچىلىك قىلغۇچى ئىستىداتلىق ياش دوستىمىز مەلىكىزات خانىمغا رەھمەت. (مەلىكىزات خانىم خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە سودا كەسپىدە ماگىستىرلىقنى پۈتتۈرگەن. 2009-يىلى يېڭى زېللاندىيەگە كەلگەن، 2020-يىلى سىدنېيگە كۆچۈپ كەلگەن، شۇندىن باشلاپ سىدنېيدە ئىقتىساد ۋە پۇل-مۇئامىلە ساھەسىدە باشقۇرغۇچى بولۇپ ئىشلىمەكتە).

ۋەتەن سىرتىدا ئۇيغۇر مۇقامىنى تىلغا ئالساق يۇلتۇزدەك چاقناپ تۇرىدىغان، ئاۋازىنى يەتتە قەۋەت يەردىن سۇغۇرۇپ ئېلىپ چىقىپ، يەتتە قەۋەت ئاسماندا ياڭراتالايدىغان بىزنىڭ پەخرىلىك مۇقامچىمىز شۆھرەت تۇرسۇنغا رەھمەت. (شۆھرەت تۇرسۇن ئەپەندى «ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر ئانسامبىلى»نىڭ قۇرغۇچىسى، «Trio» نامىدا ئۈچ كىشىلىك سەنئەتكاردىن تەشكىل تاپقان گۇرۇپپىدا ۋە ئاۋسترالىيە خەلقئارالىق مۇزىكا ئەترىتىدە 18 يىلدىن بۇيان پائالىيەت قىلىپ كەلمەكتە. ئۇ ئاۋسترالىيە خەلقئارالىق كۆپ قىرلىق مەشھۇر سەنئەتكارلار ئانسامبىلىدا، باشقا سەنئەتكارلار بىلەن بىرلىكتە سانسىزلىغان سەھنىلەردە ئۆز ئىقتىدارىنى نامايان قىلىپ كەلمەكتە).


بۇ پائالىيەتنى قوللىغان «سىدنېي ئۇيغۇر جەمئىيىتى»نىڭ رەئىسى بەختىيار بۆرە ئەپەندىگە، «ئۇيغۇر ساخاۋەتچىلەر جەمئىيىتى»نىڭ رەئىسى زۇلپىيە سېلىمھاجى خانىمغا ۋە شۇ گۇرۇپپىدىكى بارلىق خانىملارغا رەھمەت.
بۇ پائالىيەتنىڭ تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنى لايىھەلىگەن تالانتلىق ياش لايىھەلىگۈچى ئىنىمىز ۋە كەسپىدىشىمىز مىرزات تاجىغا رەھمەت، سىدنېيدىكى بارلىق ئۇيغۇر جامائىتىگە رەھمەت! شۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كۆرگەزمە جەريانىدا ۋە كۆرگەزمىدىن كېيىن، ئومۇمەن ھەر ۋاقىت بىزنى تەبەسسۇم ۋە مېھر-مۇھەببىتى بىلەن بەس-بەستە قىزغىن كۈتۈۋېلىشلىرى بىزنىڭ ۋەتەننى سېغىنغان ھىجران ئازاپلىرىمىزغا مەلھەم بولدى. مەن ئۇلارغا چىن يۈرىكىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن! ئۇ يەردىكى جامائەتنىڭ سورۇنلاردا كۆرگەزمىنىڭ نەتىجىلىك بولغانلىقى توغرىسىدا سۆزلىگىنىدە، مېنى ئەڭ جەلپ قىلغىنى ھەم ھاياجانلاندۇرغىنى: « بۇ كۆرگەزمە ئاۋسترالىيەگە ئۇيغۇرلار يەرلىشىشكە باشلىغان 40 يىللىق تارىخىدا بولۇپ باقمىغان ئاجايىپ چوڭ، ياخشى ئىش بولدى » دېگەن ئىنكاسى بولدى.

ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق بولدى، ئەلۋەتتە. بىزلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر ئۇ نەق مەيداندىكى مەنزىرىنى كۆرسە، شۇنداقلا ئۇ ئىنكاسلارنى ئاڭلىسا خۇشال بولىدۇ دەپ ئويلايمەن. سىدنېيدىكى كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا كەلگەن يەرلىك ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ « بۇ پائالىيەت ئاجايىپ يۇقىرى سۈپەتتە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ، سىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ قەدەر گۈزەل مەدەنىيىتىڭلار ۋە سەنئىتىڭلارنىڭ بارلىقىنى بۈگۈن بىز تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇدۇق. » دېگەن ئىنكاسى مېنىڭ بىر ئۆمۈر سەنئەتكار بولۇپ ياشاپ، مۇشۇ پائالىيەت ئۈچۈن بىر يىل جاپالىق تىرىشقىنىمنىڭ ھاردۇقىنى چىقاردى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلۇق ۋە سەنئەتكارلىق غۇرۇرۇم ئارام تاپتى…
2025-يىلى 15- نويابىر، مېلبۇرندىكى ھاياجانلىق بىر كۈن

شۇنداق قىلىپ 13-نويابىر دوستۇمىز گۈلنازنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، بىز رەسىملىرىمىزنى مىنىبۇسقا قاچىلاپ، 11 سائەتلەپ جاپالىق يول مېڭىپ، كەچقۇرۇن مېلبۇرنغا يېتىپ كەلدۇق. مېلبۇرندىكى ئۇيغۇر مۆتىۋەرلىرىدىن بولغان غەيرەت ئەپەندى ۋە مەريەم خانىمنىڭ بىزنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن تەييارلىغان مول داستىخىنى، ئۇلارنىڭ قىزغىن مېھماندوستلۇقى بىزنى خۇشال قىلىپلا قالماي، بەكمۇ بەختلىك تۇيغۇغا چۆمدۈردى. ئۇ بىر جۈپ قېرىندىشىمىزغا چىن يۈرىكىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.

پىلان بويىچە، 15-نويابىر كۈنى مېلبۇرندىكى كۆرگەزمە «MMH ئۇيغۇر يېتىم بالىلار فوندى جەمئىيىتى»نىڭ يېقىندىن قوللىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلدى. يېتىم بالىلار فوندى جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ھەم رەئىسى نادىرە يۈسۈپ خانىم پائالىيەتنى يېقىندىن قوللىدى. بۇ فوندى جەمئىيىتى ئاۋسترالىيە فوندى جەمئىيەتلىرىنىڭ ماقۇللىشى بىلەن 2018-يىلى رەسمىي قانۇنلاشتۇرۇلۇپ ئەنگە ئېلىنغان. تۈركىيەدە ئۈچ تارماق جەمئىيىتى بولۇپ، ھازىرغا قەدەر نۇرغۇنلىغان ئوقۇشسىز قالغان، ئۇنىۋېرسىتېتلارغا ئۆتۈپ ئىقتىسادىي يار بەرمىگەن يېتىم بالىلارغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلىپ ئوقۇتۇپ كەلمەكتە ئىكەن).

«ۋىكتورىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى» ۋە شۇ يەردىكى جامائەتنىڭ تەشكىللىشى، شۇنداقلا قېرىنداشلارنىڭ ياردىمى بىلەن، سەنئەت ئەسەرلىرى ئىككى سائەت ئىچىدە كۆرگەزمە زالىغا ناھايىتى چىرايلىق ئېسىلىپ، ھەممە ئۆز جايىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى ۋە ئىنساننى ھاياجانغا سالىدىغان گۈزەل بىر كەيپىيات شەكىللەندى. شۇ يەردە ياشاۋاتقان كۆپلىگەن يەرلىكلەر، ئۇيغۇر جامائىتى ۋە نۇرغۇنلىغان يەرلىك ھۆكۈمەت خادىملىرى كۆرگەزمىمىزنى قىزغىن ئېكسكۇرسىيە قىلدى ۋە ناھايىتى يۇقىرى باھا بەردى.
بۇ پائالىيەتنىڭ نەتىجىلىك بولۇشىغا كۈچ چىقارغان «ۋىكتورىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى»نىڭ رەئىسى شاھزات ئەپەندىگە، شۇنداقلا بۇ پائالىيەتكە ئالاھىدە كۈچ چىقارغان ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ مۆتىۋەرلىرى مەريەم خانىم ۋە غەيرەت ئەپەندىگە چىن يۈرىكىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.
2025- يىلى 22-نويابىر ئادېلايدتىكى تەنتەنىلىك بىر كۈن

«ئۇيغۇر تەڭرىتاغ خانىم-قىزلار ئۇيۇشمىسى» (AUTWA) نىڭ ھەر جەھەتتىن ئەتراپلىق تەشكىللىشى ۋە تەييارلىق قىلىشى بىلەن، «توغراق روھى» ئۇيغۇر رەسساملىرى گۇرۇپپىمىزنىڭ ئادېلايدتىكى گۈزەل سەنئەت كۆرگەزمىسىمۇ بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ناھايىتى تەنتەنىلىك ئۆتكۈزۈلدى. كۆپلىگەن ھۆكۈمەت خادىملىرىمۇ بۇ كۆرگەزمىگە ئالاھىدە كېلىپ سۆز قىلدى ۋە بۇ پائالىيەتكە ناھايىتى يۇقىرى باھا بەردى. ( «تەڭرىتاغ خانىم-قىزلار ئۇيۇشمىسى» 2020-يىلى 9-دېكابىردا رەسمىي قۇرۇلۇپ ئەنگە ئېلىنغان بولۇپ، بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ ئادېلايد شەھىرىدە ئون نەچچە يىل ناھايىتى ئاكتىپلىق بىلەن نۇرغۇن پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان. ئۇيۇشما 11 نەپەر جاسارەتلىك، جەزبىدار ۋە ئاكتىپ خانىمدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، رامىلە چانشېف خانىم ئۇيۇشمىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىدە. ئالتە يىلدىن بۇيان بۇ ئۇيۇشما ئاۋسترالىيەدە ئۇيغۇر جامائىتى، جۈملىدىن ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىغا ئۈمىد ۋە جاسارەت بېغىشلايدىغان ھەر تۈرلۈك، سەرخىل پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان؛ يەنە بىر جەھەتتىن، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى ۋە تۈرلۈك تەشكىلاتلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلەرنى ئورنىتىپ، ئۇلارنىڭ قوللىشى ۋە ھەمكارلىقىنى قولغا كەلتۈرگەن. بۇ ئۇيۇشما ئۇيغۇر كىملىكىنى تونۇشتۇرۇش ۋە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەتنى ئاڭلىتىشتا ئىزچىل تىرىشىپ ئىشلەپ كەلمەكتە).

ئادېلايدتا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىملىق ئۇيغۇر رەسساملىرىنىڭ گۈزەل سەنئەت كۆرگەزمىسىمۇ ئۇلارنىڭ يېتەكچىلىكى، ئەتراپلىق تەشكىللىشى، شۇنداقلا شۇ يەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشى بىلەن ناھايىتى غەلبىلىك ئۆتتى. بۇ يەردە مەن ئادېلايدتا ياشاۋاتقان جەزبىدار، جاسارەتلىك ۋە تىرىشچان پەرىزات خانىمغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن. بىز مېلبۇرندىن مىنىبوسقا رەسىملىرىمىزنى قاچىلاپ، غەيرەت ئەپەندىنىڭ ياردىمى بىلەن توققۇز سائەت يول يۈرۈپ ئادېلايدقا بارغىنىمىزدا، پەرىزات خانىمنىڭ ئالدىمىزغا تەييارلىغان مەززىلىك، مول داستىخىنى ۋە قىزغىن كەيپىيات بىلەن كۈتۈۋېلىشى بىزنىڭ بىر كۈنلۈك يول جاپاسىدىكى ھاردۇقلىرىمىزنى چىقىرىپ، ھەقىقىي قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مېھرى-مۇھەببىتىنى ھىس قىلدۇردى. خىزمىتى شۇنچە جىددىي بولسىمۇ، بىزنىڭ پائالىيىتىمىز ئۈچۈن تۆت كۈن رۇخسەت سورىغانلىقى مېنى بەكمۇ تەسىرلەندۈردى. دوستۇم گۈلنازدىن ئۇ خانىمنىڭ پائالىيىتىمىزنى ئىقتىسادىي جەھەتتىنمۇ قوللىغانلىقىنى ئاڭلاپ تېخىمۇ تەسىرلەندىم؛ بۇ ياردەمخۇمار دوستىمىزغا چىن يۈرىكىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن!
« ئۇيغۇر تەڭرىتاغ خانىم-قىزلار ئۇيۇشمىسى»غا، كۆرگەزمىگە ھەمكارلاشقان جامائەتكە شۇنداقلا كۆرگەزمىمىزگە ئالاھىدە قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ كەلگەن بارلىق ئۇيغۇر جامائىتىگە چىن يۈرىكىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز.

يۇقىرىدا كۆرگەزمىلەرنىڭ ناھايىتى كۆڭۈللۈك ۋە نەتىجىلىك بولغانلىقى توغرىسىدا چۈشەندۈردۈم. شۇنداق بولۇشىغا باشتىن-ئاخىر باش قاتۇرۇپ، ئەتراپلىق پىلانلاش، رەسىملەرنى نەچچە يۈز كىلومېتىر يىراقلىقتىكى جايغا چوڭ ئاپتوبۇس بىلەن بىخەتەر يۆتكەش، ھەر بىر شەھەردە بىزنىڭ خۇشال ۋە راھەت تۇرۇشىمىز ئۈچۈن تۇرۇشلۇق جايلىرىمىزنى بىكىتىش قاتارلىق ئىشلارنى دوستۇم گۈلنازنىڭ نۇقسانسىز ئورۇنلاشتۇرىشى بىزنى بەكمۇ سۆيۈندۈردى ۋە تەسىرلەندۈردى. بۇ خىزمەتلەرنى گۈلنازنىڭ ئارقا تىرىكى بولغان پىداكار قوللىغۇچى، ساخاۋەتچى، ياردەمخۇمار ۋە ئېسىل پەزىلەتلىك يولدىشى فەيىم ئەپەندىنىڭ يېقىندىن قوللىشدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. مەن بۇ يەردە دوستۇم گۈلنازغا ۋە يولدىشى فەيىم ئەپەندىگە يەنە بىر قېتىم چىن يۈرىكىمدىن تەشەككۈرۈمنى ئىپادىلەيمەن. كەسپىدىشىم ئەكرەم ئىككىمىزنىڭ كۆرگەزمىنىڭ نەتىجىلىك بولۇشى ئۈچۈن نۇرغۇن رەسىملەرنى ياۋروپادىن پوچتا ئارقىلىق قىتئە ئاتلاپ ئەۋەتىپ ۋە جاپالىق يوللارنى بېسىپ كۆرگەزمە ئۈچۈن بارغاندىكى بارلىق ھاردۇقلىرىمىز چىقتى.


بارلىق قېرىنداشلارغا مىڭلارچە رەھمەتلىرىمىز بىلەن، سىلەرگە سالامەتلىك ۋە ئامەتلەر تىلەپ،
ھۆرمەت بىلەن گېرمانىيەدىن:
مەرۋايىت ھاپىز
ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ
يېڭى يازمىلاردىن ئېلخەت ئارقىلىق خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن مۇشتەرى بولۇڭ

سەنئەتكارغا خاس ئوچۇق كۆڭۈللۈكىڭىز، كىچىك پېئىل – كەمتەرلىكىڭىز ئۈچۈن سىزگە كۆپ رەھمەت، مەرۋايىت ھەدە. بىر يىل تىرىشچانلىق نەتىجىسىدە روياپقا چىققان بۇ كۆرگەزمە جەريانىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىڭلار، تۆلىگەن بەدەللىرىڭلار ئۈچۈن بىز سىلەرنى ھەرقانچە تەرىپلىسەكمۇ كەملىك قىلىدۇ. ئەسلى بۇ مىننەتدارلىق خېتىنى بىز سىلەرگە يازساق بولاتتى. كۆرگەزمىلەرنى نەتىجلىك تۈگىتىپ، مەدەنىيىتىمىزنى ئاۋسترالىيە خەلقىگە تونۇشتۇرۇش، خەلقىمىزنىڭ روھىنى سەنئەت بىلەن سۇغۇرۇشتىن ئىبارەت كاتتا ئىشقا ئازغىنە بولسىمۇ ياردەم قىلالىغىنىمىزدىن خۇرسەنمىز. سىزدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەندۇق، سىزگە كۆپ رەھمەت. تېنىڭىز سالامەت بولسۇن، كەسپىي ھاياتىڭىز تېخىمۇ مول ئۇتۇقلارغا تولسۇن.