27-يانۋار
مۇھەرىردىن : «ئۇيغۇر پوچتىسى» (Uyghur Post) تورى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سىياسىي ھەرىكىتىنىڭ مۇساپىسىنى سىستېمىلىق خاتىرىلەش، ئارخىپلاشتۇرۇش ۋە ئاۋامغا تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە، تەشكىلاتلارنىڭ يىللىق خىزمەت خۇلاسىلىرىنى ئېلان قىلىشنى باشلىدى. بىز ھەرقايسى تەشكىلاتلارنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدا ئېلىپ بارغان مۇھىم پائالىيەتلىرىنى «ئۇيغۇر پوچتىسى» ئارقىلىق جەمئىيەت بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئۈمىد قىلىمىز.
بۇ تەشەببۇس تەشكىلاتلار ئارا ئۆزئارا چۈشىنىشنى كۈچەيتىش، قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ئارقىلىق خەلقىمىزگە ئۈمىد ۋە رىغبەت بېغىشلاش ۋە ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئۇنتۇلماس تارىخىي ھۆججەتكە ئايلاندۇرۇش قاتارلىقلارنى مەقسەت قىلغان.
تۆۋەندىكى ماقالە-«ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى»تەشۋىقات بۆلۈمى تەرىپىدىن تەييارلانغان.

2025-يىلى دۇنيادا نۇرغۇن چوڭ ۋەقەلەر يۈز بەردى. بولۇپمۇ دۇنيا گېئوپولىتىكىسىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىپ، دۆلەتلەر، گۇرۇپپىلار ۋە شەخسلەرنىڭ پەقەت ئۆز مەنپەئەتىنىلا كۆزلەيدىغان، ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان ئەشەددىي مەنپەئەتپەرەسلىك، شەخسىيەتچىلىك خاھىشى ئەۋج ئالدى. نۇرغۇن كىشىلەر بۇ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشلەر سەۋەبىدىن نېمە قىلارىنى بىلمەي تېڭىرقاپ قالدى. دۇنيا دېموكراتىيەسىنىڭ باشلامچىسى دەپ ئاتالغان ئامېرىكىدا كۆرۈلگەن بۇ سىياسىي قۇيۇن دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىغا غايەت زور تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلدى.
ئەزەلدىن دۇنيا ئىقتىسادىي، ھەربىي ۋە سىياسىي ساھەلىرىدە گىگانت ھېسابلىنىدىغان ئامېرىكىنى ئۆزىنىڭ ئايرىلماس ئىتتىپاقدىشى دەپ قارايدىغان، 27 دۆلەتنىڭ بىرلىكىدىن تەشكىل تاپقان ياۋروپا ئىتتىپاقى، بۇ ئۆزگىرىشلەرگە نىسبەتەن تەييارلىقسىز بولغانلىقى سەۋەبىدىن، ئامېرىكا ۋە خىتايدىن ئىبارەت ئىككى كۈچنىڭ بىرلا ۋاقىتتىكى بېسىمىغا دۇچ كەلدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا بولغان سىياسىتىدە كەسكىنلىك ئاجىزلىشىپ، خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە قارىتا بىلدۈرىدىغان ئاكتىپ ئىنكاسلىرى ئازلاپ كەتتى.
ئىنىستىتۇتىمىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولغان پارىژ شەھىرىگە جايلاشقانلىقى سەۋەبىدىن، ئەلۋەتتە بۇ بوران-چاپقۇنلارنىڭ ۋاسىتىلىك ۋە ۋاسىتىسىز تەسىرىگە ئۇچراپ كەلدى. سىياسىي ساھەدىكى بۇ بۇرۇقتۇم ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا كۆرۈلۈۋاتقان كىرىزىسلار، بەزىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ كۈندىلىك كۈن تەرتىپىدە ئارقا پىلانغا ئۆتۈپ قالغان بىر مەسىلىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى. ئەمما ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ تاراتقۇلاردا تىلغا ئېلىنماسلىقى، خىتاينىڭ خەلقئارا بېسىم سەۋەبىدىن زۇلۇمنى توختاتقانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئەكسىچە، بۇ قىرغىنچىلىق مەيلى ئىنسانىيەت ياكى مەدەنىيەت جەھەتتىن بولسۇن، بىر سېكۇنتىمۇ توختىماي داۋاملىشىۋاتىدۇ.
مۇشۇنداق ئالاھىدە ۋەزىيەتتە، «ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى» كۆپچىلىكنىڭ بىرلىكتە كۈچ چىقىرىشى ۋە كەڭ ئۇيغۇر دىئاسپوراسىدىكى قېرىنداشلارنىڭ يېقىندىن قوللاپ ياردەم بېرىشى بىلەن، دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارغا باش ئەگمەي، ياۋروپانىڭ سىياسىي ۋە ئاكادېمىيە ساھەسىدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى كەڭ كۆلەمدە ئاڭلىتىش، ئۇيغۇر كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداش جەھەتتە توختىماي تىرىشىپ كەلدى. بىز 2025-يىلى تۆۋەندىكىدەك مۇھىم خىزمەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ، بەلگىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق:
- ئىنىستىتۇتىمىزنىڭ ئۇزۇن يىللىق تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا قارىماي كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، ئاخىرى پارىژ شەھىرىنىڭ ئاۋات رايونىدىن ئىككى قەۋەتلىك بىر بىناغا ئىگە بولدۇق. ئىنىستىتۇت خىزمەتچىلىرىمىز بىر تەرەپتىن تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن بېرىلگەن بۇ ئورۇننى ئۇيغۇرچە ئۇسلۇبتا زىننەتلەش ئۈچۈن توختىماي كۈچ چىقاردى. بۇ جەھەتتە ھەمدەمدە بولغان ۋە مالىيە جەھەتتىن قوللىغان دوستلىرىمىزغا چەكسىز رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز. دىئاسپورادىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئورۇننى ئۆز ئۆيىدەك كۆرۈپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىشىنى ۋە ئۈزلۈكسىز ياردەمدە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

- فرانسىيەدىكى چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن بىرى بولغان «سىڭگا فرانس» (SINGA France) بىلەن ھەمكارلىشىپ، تۇنجى قېتىم مەخسۇس بىر مۇھاجىرلار جەمئىيىتىگە قاراتقان پىروگراممىنى يولغا قويدۇق. بۇ پىروگرامما ئىرقىي قىرغىنچىلىق، دۆلەت ھالقىغان زوراۋانلىق ۋە باستۇرۇشلارغا دۇچ كەلگەن ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بولۇپ، داڭلىق پىسخولوگلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ھەقسىز پىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
- ئىنىستىتۇتىمىز ياۋروپادىكى داڭلىق تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، پولشانىڭ كراكوۋ شەھىرىدە «5-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئۇيغۇر تەتقىقاتى يىغىنى»نى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدى. بۇ قېتىملىق يىغىن «زېمىن، ھاياتلىق ۋە ئەمگەك: يېڭى چېگرا رايونىدىكى مۇستەملىكىچىلىك ۋە كاپىتالىستىك تەرەققىياتنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى ھەمدە بايانلىرى» دېگەن تېمىنى مەركەز قىلغان ئاساستا ئىككى كۈن داۋاملاشتى. يىغىندا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئالىملار دوكلات بەردى؛ يىغىن جەريانى ئىنىستىتۇتىمىزنىڭ يۇتۇب قانىلىدا نەق مەيداندىن تارقىتىلدى.

- 2025-يىلى فرانسىيە دۆلەتلىك شەرق تىللىرى ۋە مەدەنىيىتى ئىنىستىتۇتىدا (INALCO) «مۇستەملىكىسىزلەشتۈرۈلگەن ئۇيغۇرشۇناسلىق كۈنى» ئۆتكۈزۈلدى. بۇ ئالاھىدە كۈندە مۇستەملىكىچىلىكتىن خالىي بولۇش، ئەسلىمە، دىئاسپورا، مەدەنىيەت ۋە گېئوپولىتىكىلىق قارشى تۇرۇش قاتارلىق تېمىلاردا ئىلمىي دوكلاتلار بېرىلدى ۋە مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلدى.


- 2025-يىلى «پارىژ ئۇيغۇر مەكتىپى» پائالىيەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇيغۇر دىئاسپوراسىدىكى پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئانا تىل مائارىپىغا بىر كىشىلىك تۆھپىمىزنى قوشتۇق؛ شۇنداقلا مەكتىپىمىزنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسەتتۇق.
- «ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى» 2025-يىلى ئاۋغۇستنىڭ بېشىدا، نورماندىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ياشلارنىڭ «كۈرەشچىلەر» (Les Résistants) فېستىۋالىدا، «خەلقئارا مۇستەملىكىچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرەشلىرى» تېمىسىدىكى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. ئىنىستىتۇت ۋەكىللىرى يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى ھەرگىزمۇ خىتاينىڭ «ئىچكى مەسىلىسى» ئەمەس، بەلكى پۈتۈنلەي مۇستەملىكىچىلىككە قارشى ئازادلىق كۈرىشى ئىكەنلىكىنى فىرانسۇز ياشلىرىغا يەنە بىر قېتىم سىستېمىلىق چۈشەندۈردى.
- «ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى» 2025-يىلى فرانسىيە يېشىللار پارتىيەسىنىڭ يازلىق ئۇنىۋېرسىتېتىدا (L’université d’été) ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە دۇنيا ئىقتىسادى» تېمىسىدىكى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. پائالىيەتنىڭ تۇنجى كۈنىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ سۆھبەتتە، ئىنىستىتۇتىمىز يېشىللار پارتىيەسى پارلامېنت ئەزالىرىغا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئاساسلىق تەركىبلىرىدىن بىرى بولغان مەجبۇرىي ئەمگەك، شۇنداقلا خىتاينىڭ فرانسىيەدىكى چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش سىياسىتى توغرىسىدا تەپسىلىي دوكلات بەردى.

- 2025-يىلى «ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى» ئۆز تارىخىدا تۇنجى قېتىم «لۇيى لۈمىيېغ» (Louis Lumière) تەنتەربىيە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن پارىژ 20-رايونلۇق ئۇيۇشمىلار مۇنبىرىگە قاتناشتى.
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى «نورماللاشتۇرۇش» ۋە ئۆزىنىڭ غەرب ئەللىرىدىكى ئوبرازىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، مەخسۇس تەشكىللىگەن «شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى»نى پارىژغا ئەۋەتتى. ئىنىستىتۇتىمىز بۇ ئۆمەكنىڭ ئاتالمىش «پارىژ گېئوسىياسەت ئاكادېمىيەسى» نامىدىكى شەخسىي ئورگاندا ئۆتكۈزگەن يېرىم كۈنلۈك دوكلاتىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، مەزكۇر ئورگان ئالدىدا نامايىش تەشكىللىدى. بۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغان سۇيىقەستلىك «ئوپېراتسىيەسى»نى پاش قىلدى ۋە شەرمەندە قىلدى.

- ئىنىستىتۇتىمىز فرانسىيەنىڭ يىللىق ئەڭ چوڭ ئاممىۋى ھەرىكەتلىرىدىن بىرى بولغان «ئاياللارغا قارىتىلغان جىنسىيەتچىلىك ۋە جىنسىي زوراۋانلىقلارغا قارشى چوڭ نامايىش»قا تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا ۋاكالىتەن قاتناشتى. مەزكۇر نامايىشنىڭ تەشكىلىي كومىتېتى ئۇيغۇرلارغا مەخسۇس ئورۇن ئاجرىتىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى پەلەستىن، كونگو ۋە سۇدان مەسىلىلىرى بىلەن بىر قاتاردا، نۆۋەتتە ئاياللار ئەڭ قاتتىق زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان جىددىي نۇقتىلار تىزىملىكىگە قويدى. شۇنداقلا، «ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى»نىڭ تەشكىللىشى بىلەن، ئۇيغۇر ئاياللىرى تۇنجى قېتىم مەزكۇر نامايىش سەھنىسىدە سۆزگە چىقىپ ئۆز ئاۋازىنى ئاڭلاتتى.

- «ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى» خىتاينىڭ تېز مودا ماركىسى شېيىن (Shein) نىڭ پارىژدىكى تارىخىي سودا مەركىزى «ب.ھ.ۋ» (BHV) دا ماگىزىن ئېچىشىغا كۈچلۈك قارشىلىق بىلدۈردى. ئىنىستىتۇتىمىز پارىژدىكى تۈرلۈك مۇھىت ئاسراش ھەرىكەتلىرى ۋە بالىلار ھەقلىرىنى قوغداش ئۇيۇشمىلىرى بىلەن بىرلىشىپ، شېيىننىڭ پارىژدىكى تۇنجى ماگىزىنىنىڭ ئېچىلىش كۈنىنى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراتتى. بۇ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى نەچچە ھەپتە داۋاملىشىپ، يۈزگە يېقىن داڭلىق ماركىنىڭ مەزكۇر سودا مەركىزىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولدى. نەتىجىدە، بۇ تارىخىي سودا مەركىزى قۇرۇقدېلىپ قېلىپ، تاقىلىپ قېلىش گىرداۋىغا بېرىپ قالدى.

- 2025-يىلىنىڭ بېشىدا، تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 40 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇلۇش خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، «ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى» فرانسىيە ۋە ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ، بىر قاتار جىددىي دىپلوماتىك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى.
- مەركىزىمىز يەنە بىر قانچە قېتىم مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ فرانسىيە ئاخبارات ساھەسىدە ئۈزلۈكسىز كۈن تەرتىپتە تۇرۇشى ۋە جامائەت پىكرىنىڭ دىققىتىنى تارتىشى ئۈچۈن ئاكتىپ تىرىشچانلىق كۆرسەتتى.
- «ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى» 2025-يىللىق نورۇز بايرىمىنى پارىژدىكى پارس، تاجىك، ئۆزبەك ۋە كۇرد دىئاسپورالىرى بىلەن بىرلىكتە داغدۇغىلىق تەبرىكلىدى. بۇ ئارقىلىق ئورتاق مەدەنىيەت قىممەت قارىشىنى نامايان قىلىش بىلەن بىرگە، ئوخشىمىغان مۇھاجىرلار جەمئىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق ۋە ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتتى.
- 2025-يىللىق «8-مارت خەلقئارا ئاياللار ھوقۇقى كۈنى»دە، «ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى» مۇستەبىت ۋە مۇستەملىكىچى رېجىملارغا قارشى كۈرەشتە سىستېمىلىق ئىتتىپاقلىق قۇرۇش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ ئىتتىپاقداش تەشكىلاتلىرى بولغان «ئىران ئادالەت»، «ئەركىن رۇسىيە» ۋە «پارس چەمبىرىكى» قاتارلىق ئورگانلار بىلەن بىرلىكتە بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلدى ھەمدە نامايىشتا ئۆز ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىر سەپتە ئورتاق يۈرۈش قىلدى.

مۇھەرىر: گۈلقىز
Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى
Subscribe to get the latest posts sent to your email.
