يانۋار 28, 2026

«ئۇيغۇر پوچتىسى» (Uyghur Post) تورى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سىياسىي ھەرىكىتىنىڭ مۇساپىسىنى سىستېمىلىق خاتىرىلەش، ئارخىپلاشتۇرۇش ۋە ئاۋامغا تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە، تەشكىلاتلارنىڭ يىللىق خىزمەت خۇلاسىلىرىنى ئېلان قىلىشنى باشلىدى. بىز ھەرقايسى تەشكىلاتلارنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدا ئېلىپ بارغان مۇھىم پائالىيەتلىرىنى «ئۇيغۇر پوچتىسى» ئارقىلىق جەمئىيەت بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

بۇ تەشەببۇس تەشكىلاتلار ئارا ئۆزئارا چۈشىنىشنى كۈچەيتىش، قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ئارقىلىق خەلقىمىزگە ئۈمىد ۋە رىغبەت بېغىشلاش ۋە ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئۇنتۇلماس تارىخىي ھۆججەتكە ئايلاندۇرۇش قاتارلىقلارنى مەقسەت قىلغان. 

ئۇنداقتا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ 2025- يىلى نېمە خىزمەتلەرنى قىلغانلىقىغا نەزەر سالايلى. 

«تۈركىيە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى مۇنبىرى» ئەنقەرەدە غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 28-يىلىدا شېھىتلەرنى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزدى

2025- يىلى 5-فېۋرال

 تۈركىيەدە ھەمكارلىق ئىچىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى، شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدىراتسىيەسى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋەخپى، ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەرىپەت ۋەخپى، ئىلى مەشرەپ ئۇيغۇر ۋەخپى ۋە ئەنئەنىۋىي ئۇيغۇر تىبابىتى تەتقىقات ۋەخپىدىن ئىبارەت يەتتە ئۇيغۇر تەشكىلاتى بىرلىكتە، 2025- يىلى 5-فېۋرال چارشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 2:00 دە ئەنقەرە قىزىلئايدىكى شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەخپىنىڭ ساھىپخانلىقىدا تەشكىلاتلار ئارا كەلگۈسى ھەمكارلىق مىخانىزىمى ھەققىدە مۇزاكىرە قىلىشتى.

مەنبەسى:

ئانا تىلدا لېكسىيە سۆزلەش مۇسابىقىسىدە 5 نەپەر ئوقۇغۇچى مۇكاپاتقا ئېرىشتى

22-فېۋرال

«خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئانا تىلدا راۋان سۆزلەش ۋە تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىنى يۈكسەلدۈرۈش مەقسىتىدە 22-فېۋرال كۈنى ئىستانبۇلدىكى زايىم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ زالىدا «ئانا تىلدا مۇكاپاتلىق لېكسىيە سۆزلەش مۇسابىقىسى» ئۆتكۈزۈلدى.

مەنبەسى:

ئۇيغۇر ياشلىرىنى «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۈرەش يوللىرى» بويىچە ئۇزۇن مۇددەتلىك تەربىيەلەش كۇرسلىرىنىڭ 6-قارارى تاماملاندى

 2025-يىلى 7-ئاينىڭ 5-6-كۈنلىرى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستان كۈرىشىدە يېتەكچى شەخسلەرنى يېتىشتۈرۈش مەقسىتىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۈرەش يوللىرى» ناملىق ئۇزۇن مۇددەتلىك تەربىيەلەش پروگراممىسىنىڭ ئالتىنچىسى 2025-يىلى 7-ئاينىڭ 5-6-كۈنلىرى ئىستانبۇل سەفاكۆيدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئىشخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. پروگراممىغا ئىستانبۇلدا ياشايدىغان 17 نەپەر ئۇيغۇر ياش قاتناشتى.

 مەنبەسى:

ئەنقەرەدە «قىرغىنچىلىق داۋام قىلىۋاتقان مەزگىلدە ئۇيغۇر كىملىكىنى قوغداش» تېمىسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى

2025-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى داۋام قىلىۋاتقان مەزگىلدە ئۇيغۇر كىملىكىنى قوغداش» ناملىق يىغىن 2025-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلدى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىدىن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، ئاكادېمىكلار، پائالىيەتچىلەر ۋە ياشلار قاتناشقان بۇ يىغىن، ئۇيغۇر دىئ‍اسپوراسىنىڭ ئەڭ كەڭ كۆلەملىك يىغىلىشلىرىنىڭ بىرى بولدى.

مەنبەسى:

ئەنقەرەدە «ئۇيغۇر تىلى، كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداش بويىچە ئۇيغۇر ياش يېتەكچىلەرنى تەربىيەلەش كۇرسى» ئېچىلدى

2025، 18- سېنتەبىردىن 20-سېنتەبىرغىچە

18- سېنتەبىردىن 20-سېنتەبىرگىچە ئەنقەرەدە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ياشلىرىغا قارىتا «ئۇيغۇر تىلى، كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداش بويىچە ئۇيغۇر ياش يېتەكچىلەرنى تەربىيەلەش كۇرسى» ئېچىلدى. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەگە يىغىلغان بۇ ياشلار، 18- سېنتەبىر كۈنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدە ئۇيغۇر كىملىكىنى قوغداش» ھەققىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى ئەللىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر ۋە چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر بىلەن تونۇشۇش ۋە سۆھبەتلىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى.

ئامېرىكا پارلامېنت بىناسىدا «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشىلىق» بىلدۈرۈش نامىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى

ئامېرىكا پارلامېنت بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشىلىق» بىلدۈرۈش نامىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 1-بۆلۈمى: ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ۋە مەجبۇرىي قۇل ئەمگىكىگە قارشى كۆرەش

13 ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مېنىستىرلىكى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلار كومىتىتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە مۇزاكىرە يىغىنىغا قاتناشتى

10-دېكابىر پەيشەنبە كۈنى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى بىلەن ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ تەشكىللىشىدە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى (ئامېرىكا)، كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات فوندى (تۈركىيە)، شىۋېيتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى، ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى (UAA)، ئۇيغۇر دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى (گېرمانىيە)، ياۋروپا ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى (نورۋېگىيە)، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى (UHRP) ۋە ئۇيغۇر ھوقۇقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى (كانادا) قاتارلىق 13 ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى رەھبەرلىرى بىرلىكتە ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىڭگىتوندا ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مېنىستىرلىكى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلار كومىتىتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە مۇزاكىرە يىغىنىغا قاتناشتى.

ئۇيغۇر پوچتىسى باشقۇرۇش ھەيئ‍ىتى (مۇدىرىيتى) ئۇيۇشتۇرغان.

نەشرگە تەييارلىغۇچى: تايىر ئىمىن 

مۇھەرىرى: گۈلقىز


Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe to get the latest posts sent to your email.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe now to keep reading and get access to the full archive.

Continue reading