ئۇيغۇر پوچتىسى
تايىر ئىمىن، 25-يانۋار
ۋەتەنپەرۋەر ئۇستاز ئابدۇرېشىت ھاجى كېرىمى 2026-يىلى 24-يانۋار شەنبە كۈنى كەچ سائەت 20:20 دە، شىۋېتسىيەنىڭ ستوكھولم شەھىرىدە 83 يېشىدا كۆز يۇمۇپ، بىز بىلەن ۋىدالاشتى.
ئابدۇرېشىت ھاجى كېرىمى «قارا جۇلدىكى جەڭ» ناملىق ئەسىرى بىلەن تونۇلغان بولۇپ، بۇ كىتابتا ئاتۇش ئۇيغۇرلىرىنىڭ خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىگە قارشى ئېلىپ بارغان زور كۆلەملىك قوزغىلاڭ ۋەقەلىكلىرىنى، ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلغان ئاخۇنۇپ گېنېرال ۋە ئۇنىڭ سېپىگە قاتناشقان مۇھىم قەھرىمانلارنىڭ ئۆچمەس ئىش-ئىزلىرىنى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا تونۇشتۇرغان.
ئۇ، يەنە شۇنداقلا، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى، جۇمھۇرىيەت رەئىسى ئېلىخان تۆرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھەققىدىكى ئەسلىمىسى «تۈركىستان قايغۇسى»نى ئۆزبېكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ، ئېلىخان تۆرەم رەھبەرلىكىدە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تارىخىنى ئۇيغۇرلارغا تونۇتۇشتا زور تۆھپە قوشقان ئىدى.
ئابدۇرېشىت ھاجى كېرىمى ئىلگىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۆزىنىڭ نەشرگە تەييارلىغان، ئەمما تېخى يورۇق كۆرمىگەن مۇھىم ئەسىرى «ھايات سەپىرىمدىكى ئىش-ئىزلىرىم» ھەققىدە تونۇشتۇرۇش بەرگەن ئىدى. ئاپتور بۇ ئەسلىمە كىتابىدا ئۆزىنىڭ ۋەتىنىدىكى ۋە مۇساپىرلىقتىكى ھاياتىنى تەپسىلىي بايان قىلىدۇ.
جامائەت ئەربابلىرىنىڭ تەزىيەلىرى:
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن: «مەرھۇم ۋەتەنپەرۋەر ئۇستازنىڭ روھى، ئۇيغۇر ئۈچۈن سىڭدۈرگەن بۈيۈك ئەمگەكلىرى ۋە خۇشپېئىل سىماسى قەلبىمىزدە مەڭگۈ ياشايدۇ. مۆھتەرەم ئۇستازنى چوڭقۇر سېغىنىش ئىچىدە ياد ئېتىمىز. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەرھۇمنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا چىن قەلبىمىزدىن سەبىر تىلەيمىز»
ئابدۇرېھىم غېنى: «ياتقان يېرى جەننەتتە، ئاخىرەتلىكى نۇر ئىچىدە بولسۇن. ئۇستاز ئۆز قەلىمى ئارقىلىق تىرىلدۈرگەن تارىخىي روھلار ئەۋلادلار قەلبىدە مەڭگۈ ياشايدۇ.»
ئەركىن سىدىق: «ئابدۇرېشىت كېرىم ئاكىمىز بۈگۈن ۋاپات بولۇپتۇ. مەرھۇمغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن! ياتقان ماكانى جەننەتتە بولسۇن!»
مۇھەرىر: گۈلقىز
Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى
Subscribe to get the latest posts sent to your email.
