ئۇيغۇر پوچتىسى، 24-يانۋار
ئۇيغۇر پوچتىسى ئېنىقلىغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، 2026-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى يېرىم كېچىدە، تۈركىيە ساقچىلىرى ئىستانبۇلنىڭ سافاكۆي رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر مۇھاجىر، 48 ياشلىق ئابدۇقادىرجان ۋە ئۇنىڭ 47 ياشلىق ئايالى خەدىچەنى تۇتۇپ كەتكەن.
ئۇلارنىڭ بالىلىرى تەمىنلىگەن ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا، قوراللىق ساقچىلار يېرىم كېچىدە ئۆيگە باستۇرۇپ كىرىپ، ھېچقانداق تۇتۇش بۇيرۇقى كۆرسەتمەستىن ئەر-ئايال ئىككەيلەننى ئېلىپ كەتكەن. بۇ تۇيۇقسىز باستۇرۇش ۋەقەسى ئائىلىدىكى ئۈچ قىز بالىنى قاتتىق قورقۇنچ ۋە چارىسىزلىق ئىچىدە قالدۇرغان.
بۇ خەۋەر ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئىھسان شۈكران تەرىپىدىن تارقىتىلغاندىن كېيىن، كەڭرى تارقالغان.ئىھساننىڭ بىلدۈرىشچە، بۇ ئەر-ئايال تۈرمىدە جەمئى 10 كۈن ياتقان بولۇپ، شۈبھەلىك نامىدا تۇتۇلغان ۋە توردا بۇلار ھەققىدە ئۇچۇر تارقىلىپ 7 سائەتتىن كىين قويۇپ بىرىلگەن.
ئابدۇقادىرجان ئەپەندى 2019-يىلى تايلاند تۈرمىسىدە تۆت يىل ئەتراپىدا قامالغاندىن كېيىن، نۇرغۇن قىيىنچىلىقلار بىلەن تۈركىيەگە كەلگەن. ئۇ تۈركىيەدە قانۇنلۇق ئولتۇراقلىشىش رۇخسىتى (ئېقامەت) بىلەن ياشاۋاتقان بولۇپ، موتو رېمونتچىلىقى قىلىپ ئائىلىسىنى باقماقتا ئىدى. تۇتۇپ كېتىلگەن ئەر-ئايالنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ئىنتايىن ناچار بولۇپ، ئىككىلىسىدە ئېغىر دەرىجىدىكى ئۆپكە كېسىلى ۋە بوغۇم ياللۇغى بارلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. نۆۋەتتە، ئۇلارنىڭ نېمە سەۋەبتىن تۇتۇلغانلىقى ۋە قەيەرگە ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇر يوق.
يېقىندىن بىرى تۈركىيەدە تۈركىيە ھۆكۈمىتى نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى كۆچمەنلىك ئەھۋالى، كىملىكىگە قويۇلغان بىخەتەرلىك بەلگىسى ۋە بىخەتەرلىك گۇمانى بىلەن تۇتقۇن قىلىپ كەلگەن. بۇ ھەقتە ئۇيغۇر پوچتىسى ئالاقىدار كىشلەرنى زىيارەت قىلىپ خەۋەر ئشلىگەن ئىدى.
مۇھەرىر: گۈلقىز
Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى
Subscribe to get the latest posts sent to your email.
