يانۋار 28, 2026

ئۇيغۇر پوچتىسى، 19- يانۋار

3. كۈلرەڭ رايوندىكى قانۇنىي كۈرەش

مەلۇم بولۇشىچە، ھىندىستان باشقۇرۇشىدىكى كەشمىر رايونىدا، سىياسىي ۋە بىخەتەرلىك سىياسەتلىرى ئارىسىغا قىسىلىپ قالغان نۇرغۇن دىلولار مەۋجۇت ئىكەن. ئەمما ئادۋۇكات لاسسۇنىڭ نەزەرىدە بۇ ئۈچ ئۇيغۇر ياشنىڭ دېلوسى ھەممىدىن پەرقلىق. چۈنكى بۇ ئۈچ ئ‍اكا-ئۇكا ئۈستىدىن ھېچقانداق كونكرېت جىنايى ئەيىبنامە ياكى سىياسىي ئىددىئا يوق بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىردىنبىر ئېچىنىشلىق رېئاللىقى — ئەمدى «ھېچقانداق دۆلەتكە تەۋە ئەمەسلىكى» بولۇپ قالغان.

ئادۋوكات لاسسۇ «ئاممىۋى بىخەتەرلىك قانۇنى» (PSA) نى بىكار قىلىش ئۈچۈن يوللىغان 27 بەتلىك ئەرزنامىسىدە، بۇ ئۈچەيلەننىڭ ۋەزىيىتىنى خەلقئارا قانۇن دائىرىسىدىكى «خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش» (Arbitrary Detention) دەپ سۈپەتلىگەن. لاسسۇنىڭ قارىشىچە، دۆلەت ھېچقانداق جىنايەت ئارتقىلى بولمىغان بۇ ئۈچ نەپەر ئۇيغۇرنى پەقەت ئۇلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى بىلەلمىگەنلىكى ئۈچۈنلا مەجھۇللۇققا مەھكۇم قىلغان. بىراق، ھىندىستان دائىرىلىرى بۇ قانۇنىي سادالارغا جاۋاب بەرمىگەن؛  «ئاممىۋى بىخەتەرلىك قانۇنى»نىڭ قارارلىرى ھەر ئالتە ئايدا بىر قېتىم سۈكۈت ئىچىدە يېڭىلىنىپ، بۇ ئۈچەيلەننىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان باغلىنىشىنى تېخىمۇ سۇسلاشتۇرغان.

2019- يىلىدىن باشلاپ، لاسسۇ دېلو ماتېرىياللىرىنى ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى (UN refugee agency) ۋە ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ (UNHCR) ئالاقىدار خىزمەت گۇرۇپپىلىرىغا سۇنغان. ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ب د ت تەرەپتىن كەلگەن بىردىنبىر ئىنكاس دېلونىڭ «تەكشۈرۈلىدىغانلىقى» بولغان، لېكىن بۇ تەكشۈرۈش ھازىرغىچە نەتىجە بەرمىگەن. ئۇيغۇر مەسىلىسى 2017- يىلىدىن كېيىن خەلقئارا كۈنتەرتىپكە كەلگەن بولسىمۇ، بۇ ئاكا-ئۇكىلار 2013- يىلىدىن بېرى تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى سەۋەبلىك، ئۇلارنىڭ دېلوسى خەلقئارا ئورگانلار نۇقتىسىدىنمۇ بىر «كۈلرەڭ رايون» (Grey Zone) غا ئايلىنىپ قالغان. 

بۇ ئاكا- ئۇكىلار ئۈچۈن ئەڭ ئۈمىدلىك تاللاشلاردىن بىرى — كانادانىڭ «M62» مەخسۇس قوغداش پىروگراممىسى ئىدى. بۇ پروگرامما خەۋپ ئاستىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشنى (Third-country resettlement) نىشان قىلاتتى. ئادۋوكات لاسسۇ تاراتقۇلارغا بەرگەن زىيارىتىدە بۇ تۈرگە ئىلتىماس قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. 

بىراق، جەرياننىڭ پەردە ئارقىسىدا نائىنىق مەسىلىلەر بار ئىدى. كانادادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىنى ھىمايە قىلىش قۇرۇلۇشى (URAP – Uyghur Rights Advocate Project) نىڭ ئىجرائىيە دېرىكتورى ۋە M62 پىروگراممىسىنىڭ يېتەكچىلىرىدىن بىرى بولغان مەمەت توختى ئەپەندى «ئۇيغۇر پوچتىسى»  نىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، مەسىلىنىڭ رەسمىي ۋە دىپلوماتىك قاتلىمى ھەققىدە توختالدى: «بۇ ئۈچ ئۇيغۇرنىڭ سالاھىيىتى ھېچقاچان ئېنىق سۇنۇلمىدى. كىملىك دەلىللەنمىسە (Identity verification)، ھېچقانداق دۆلەتكە ئىلتىماس سۇنغىلى بولمايدۇ. بۇ ئۈچەيلەننىڭ كىملىكىگە دائىر ھېچقانداق رەسمىي ھۆججەت يوق؛ ئادۋۇكاتتىن لازىملىق ئۇچۇرلارنى تەلەپ قىلدۇق، ئەمما بىزگە تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلار يېتەرلىك ۋە ئېنىق ئەمەس. بۇ ئۈچ ئۇيغۇرغا ئالاقىدار رەسمىي ھۆججەتلەر، نېمە ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقى ۋە تۇتۇپ تۇرۇش مۇددىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن ھەر ئالتە ئايدا بىر ئۇزارتىلىۋاتقانلىقىغا دائىر قانۇنىي ئاساسلار بىزگە سۇنۇلمىدى.»

بۇ ھەقتە «ئۇيغۇر پوچتىسى» نامىدىن ئادۋوكاتقا ئېلخەت ئەۋەتىلگەن بولسىمۇ، ھازىرغىچە جاۋاب ئالالمىدۇق. ھىندىستان ئۇيغۇر جەمىئىيىتىنىڭ رەئىسى ۋاسىم ئابدۇللا ئەپەندى بولسا زىيارەتنىڭ كېيىنكى قىسىمىدا مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سۈكۈتنى تاللىدى.

مەمەت توختى ئەپەندى يەنە دىپلوماتىك شارائىتنىڭ مەسىلىنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرغانلىقىنى ئېلاۋە قىلدى: «كانادا بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ 2023-2024- يىللىرى يىرىكلىشىشى بۇ دېلونى ئىلگىرىلىتىشنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇردى.» ئۇنىڭ يەنە ئېيتىشىچە، كانادانىڭ M62 پروگراممىسى مەلۇم دۆلەتلەر ئۈچۈن كۈچكە ئىگە بولۇپ، ھىندىستان بۇ تىزىملىكتە يوق ئىدى. ھىندىستاننىڭ 1951- يىلىدىكى «مۇساپىرلار ئەھدىنامىسى» (Refugee Convention) گە قول قويمىغانلىقىمۇ بۇ دىپلوماتىك توسالغۇلارنى كۈچەيتكەنىدى. 

«ئەلجەزىرە» بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ (UNHCR) يېڭى دېھلىدىكى مەسئۇللىرى بىلەن بۇ ھەقتە ئالاقە قىلغان. ئۇلار جاۋابىدا ئۆزلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنىڭ پەقەت بۇ ئۇيغۇر ئاكا- ئۇكىلار تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىنلا باشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مۇشۇنداق بىر قاتار توسالغۇلار  تۈپەيلىدىن، كانادا M62 پروگراممىسى مۇھاجىرەتتىكى نۇرغۇن ئۇيغۇرنىڭ بىخەتەر ماكانغا ئورۇنلىشىۋىلىشى ئۈچۈن ھاياتىي رول ئوينىغان بولسىمۇ، بۇ ئۈچ ئاكا- ئۇكىغا نىسبەتەن ھازىرچە غۇۋا پېتى قالدى. 

(داۋامى بار)


Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe to get the latest posts sent to your email.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe now to keep reading and get access to the full archive.

Continue reading