يانۋار 15, 2026

ئۇيغۇر پوچتىسى، 14-يانۋار 

ئالپ  

ئىراندا ئۆتكەن ئاينىڭ 28- كۈنى ئىقتىسادىي بۆھران سەۋەبلىك باشلانغان ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلار بارغانسېرى كۈچىيىپ، ئېغىر قانلىق باستۇرۇشقا دۇچ كەلمەكتە. مۆلچەرلىنىشچە، نامايىش باشلانغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە جەمئىي 2,571 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان. ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز خەلقىنى باستۇرۇش ئىقتىدارىنى تېخنىكا جەھەتتىن كۈچەيتىشىدە، خىتاي شىركەتلىرى تەمىنلىگەن ئىلغار نازارەت سىستېمىلىرى مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقى ئاشكارىلانماقتا. 

«نيۇسۋىك» (Newsweek) ژۇرنىلىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ سۈنئىي ئەقىل (AI) ئاساسىدىكى يۈز تونۇش تېخنىكىسى (Facial Recognition) ۋە رەقەملىك نازارەت سىستېمىلىرى ئىراندا نامايىشچىلارنى پەرقلەندۈرۈش ۋە ئىز قوغلاپ تۇتۇش جەريانىدا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلمەكتە. خەۋەردە تەكىتلىنىشىچە، خىتاي شىركەتلىرى ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستاندا مىليونلىغان ئۇيغۇرنى ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىش ۋە بېسىم ئاستىدا تۇتۇشتا سىناقتىن ئۆتكۈزگەن «رەقەملىك باستۇرۇش مودېلى»نى ھازىر ئىرانغا سىستېمىلىق ئېكسپورت قىلماقتا. 

ئىران ھۆكۈمىتى ئىشلىتىۋاتقان بۇ باستۇرۇش تېخنىكىلىرى تيەنجىن مەركەزلىك تېخنىكا ماگىناتى تىيەندى (Tiandy) شىركىتىگە تەۋە بولۇپ، شىركەتنىڭ تور بېتىدە تونۇشتۇرۇلىشىچە، تەنيەندى سۈنئىي ئەقىل، چوڭ ساندان (Big Data) ۋە بۇلۇت ھېسابلاش (Cloud Computing) تېخنىكىلىرىنى خىتايدىكى 500 دىن ئارتۇق شەھەرگە تەمىنلەيدىكەن. ئۇنىڭدىن سىرت خەلقئارادا لوندون خىتروۋ ئايرودرومى، تۈركىيە چېگرا رايونلىرى ۋە مىسىر تۆمۈر يوللىرى قاتارلىق ئورۇنلاردا مەزكۇر شىركەتنىڭ نازارەت مەھسۇلاتلىرى ئىشلىتىلمەكتە ئىكەن. 

ئەمما خەلقئارا تېخنىكا نازارەت ئورگىنى IPVM نىڭ ئاشكارىلىشىچە، تىيەندى شىركىتى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىلىرىدىن سىرت، يەنە مەھبۇسلارنى قىيناش ۋە ھەرىكەتسىز قالدۇرۇش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن «يولۋاس ئورۇندۇقلىرى» (Tiger Chairs) نىمۇ ئوچۇق- ئ‍اشكارە بازارغا سالغان. 

 رويتېرس (Reuters) ۋە باشقا نوپۇزلۇق ئورگانلار ئىلگىرى تىيەندى، خىكۋىزىيون (Hikvision) ۋە داخۇا (Dahua) قاتارلىق خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئېتنىك كىملىكىگە ئاساسەن ئاپتوماتىك پەرقلەندۈرىدىغان «ئۇيغۇر ئىز قوغلاش» (Uyghur Tracking) سىستېمىلىرىنى پاش قىلغان ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە بۇ تېخنىكىلار ئىران كوچىلىرىدا نامايىشچىلارنىڭ ئەركىنلىكىنى بوغۇشقا خىزمەت قىلماقتا. 

تىيەندى شىركىتى 2022- يىلى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە تېخنىكىلىق ياردەم بەرگەنلىكى سەۋەبلىك، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن چەكلەش تىزىملىكىگە (Entity List) كىرگۈزۈلگەن. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ بۇ خىل تېخنىكىلىق جازالاش قوراللىرىنى ئىران رېجىمىغا سېتىپ بېرىشى، دۇنيادا رەقەملىك مۇستەبىتلىكنىڭ يېڭى بىر خەتەرلىك باسقۇچقا قەدەم قويغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.


Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe to get the latest posts sent to your email.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe now to keep reading and get access to the full archive.

Continue reading