يانۋار 15, 2026

ئۇيغۇر پوچتىسى، 12-يانۋار 

ئالپ  

 شەرقىي تۈركىستاندىكى بىر قىسىم لاگىرلارنى نەق مەيدانغا بېرىپ يوشۇرۇن سىنغا ئېلىپ دۇنياغا ئاشكارىلىغان خىتاي پۇقراسى گۈەن خېڭ ئۆتكەن يىلى ئاۋغۇستتا ئامېرىكا كۆچمەنلەر ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئامېرىكىغا قانۇنسىز كىرگەنلىك سەۋەبى بىلەن تۇتۇپ قامالغانىدى. بۇ خەۋەر كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان. گۈەن خېڭ ئۈستىدىكى تۇنجى قېتىملىق سوت 2025- يىلى 15- ئۆكتەبىر ئېچىلغان بولۇپ، سوتتا ئامېرىكا دۆلەت ئىچى بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى (DHS) نىڭ تەپتىشى سوتچىدىن گۈەن خېڭنى ئۈچىنچى دۆلەت كېلىشىمىگە ئاساسەن ئۇگانداغا مەجبۇرىي قايتۇرۇۋېتىشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە نەچچە كۈندىن كېيىن بۇ تەلەپنى قايتۇرىۋالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. سوتچى كېپىللىككە قويۇپ بېرىش ئىلتىماسىنى رەت قىلغانلىقى سەۋەبلىك، گۈەن خېڭ شۇندىن بېرى كۆچمەنلەر تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا قاماقلىق ھالەتتە سوتنىڭ ئاخىرقى قارارىنى كۈتىۋاتاتتى. 

«گېرمانىيە ئاۋازى»نىڭ بۈگۈن خەۋەر قىلىشىچە، گۈەن خېڭ خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن بولۇپ، بۇ ئەھۋال ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈچلۈك ئەندىشىسىنى قوزغىغان. 

38 ياشلىق ھەۋەسكار فوتوگراف گۈەن خېڭ 2020- يىلى شەرقىي تۈركىستاندا ئون نەچچە ئورۇندىكى لاگىرلارنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشىنى سىنغا ئالغان. ئۇ خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، 2021- يىلى ئالدى بىلەن ئامېرىكىغا كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن ۋە يېنىدىكى سىنلارنى تاراتقۇلارغا ئاشكارىلىغان. ئۇنىڭ شاھىتلىق سۆزلىرى ۋە ئاشكارىلىغان سىنلار خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىنى دەلىللىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان. مەزكۇر سىنلار ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى گۈەن خېڭنىڭ خىتايدىكى ئۇرۇق- تۇققانلىرىنى سوراق قىلغان ۋە ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى تۇتقۇن قىلغان. گۈەن خېڭنىڭ ئاپىسى يۈن لونىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدىكى تۇققانلىرى دائىرىلەرنىڭ بېسىمى بىلەن گۈەن خېڭ بىلەن بولغان بارلىق ئالاقىسىنى ئۈزۈشكە مەجبۇر بولغان. 

«خىتاي ئىنسان ھەقلىرى» تەشكىلاتىنىڭ 2026- يىلى 6- يانۋاردىكى خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى چەت ئەلدىكى تور سۇپىلىرىدا گۈەن خېڭغا قارشى سىستېمىلىق بوھتان چاپلاش ھەرىكىتىنى قوزغىغان. بولۇپمۇ «گۇگۇمدىكى دېڭىز قاراقچىسى» (落日海盗) دەپ ئاتالغان بىر تور ھېساباتى گۈەن خېڭ سىنغا ئالغان ئورۇنلارنى «لاگېر ئەمەس، بەلكى ھەربىي مەشىق بازىسى» دەپ جار سېلىپ، ئۇنىڭ شاھىتلىق قىممىتىنى تۆۋەنلىتىشكە ئۇرۇنغان. كېيىنكى تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىق، بۇ ھېساباتنىڭ ئىگىسىنىڭ جىن لياڭ (Jin Liang) ئىسىملىك خىتاي ئازادلىق ئارمىيە گېزىتىنىڭ سابىق مۇخبىرى ھەمدە خىتاي تاشقى تەشۋىقات سىستېمىسىنىڭ خادىمى ئىكەنلىكى پاش بولغان. ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى ئاساسلىق مەقسىتى گۈەن خېڭ تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارنىڭ ساختىلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنىڭ سوتتىكى ئەڭ مۇھىم دەلىل- ئىسپاتلىرىنى يوققا چىقىرىش ۋە ئۇنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسىنى مەغلۇپ قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەن.

گۈەن خېڭ ئامېرىكىدا ئىشلەش رۇخسىتى بىلەن  ئۇبېر شوپۇرى بولۇپ ئىشلەۋاتقان مەزگىلدە، 2025- يىلى ئاۋغۇستتا ئامېرىكا كۆچمەنلەر ۋە تاموژنا ئىجرا ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، نيۇيورك شىتاتىدىكى برۇم  تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا قامالغان. دائىرىلەر ئۇنى ئامېرىكىغا «قانۇنسىز يول بىلەن كىرگەن» دەپ ئەيىبلەپ، چېگرادىن چىقىرىۋېتىش تەرتىپىنى باشلىغان. 

ئامېرىكا دۆلەت ئىچى بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى ئۇنى ئۈچىنچى دۆلەت كېلىشىمى بويىچە ئۇگانداغا قايتۇرماقچى بولغان، لېكىن ۋاشىنگتوندىكى سىياسىي بېسىملار سەۋەبىدىن بۇ پىلانىدىن ۋاز كەچكەن. شۇنداقتىمۇ، ئامېرىكا كۆچمەنلەر ۋە تاموژنا ئىدارىسى  يەنىلا ئۇنى خىتايغا قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلماقتا. گۈەن خېڭ تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا تۇرۇپ «گېرمانىيە ئاۋازى»غا بەرگەن زىيارىتىدە: «ئەگەر مەن خىتايغا قايتۇرۇلسام، ئايروپىلاندىن ئۆزۈمنى تاشلىۋالىمەن، خىتاي تۈرمىلىرىگە كىرىشتىن ئۆلگىنىم ئەۋزەل» دېگەن. 

ئامېرىكا پارلامېنتىدىكى بەزى ئەزالار ۋە ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى گۈەن خېڭنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلسا چوقۇم ئېغىر قىيىن- قىستاققا ئۇچرايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ترامپ ھۆكۈمىتىنى ئۇنى قوغداشقا چاقىردى. ئۇنىڭ ئادۋوكاتى چېن چۇاڭچۇاڭ نۆۋەتتە سىياسىي بېسىم بىلەن قانۇنىي تەرتىپنىڭ كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى، گۈەن خېڭنىڭ تەقدىرىنىڭ سوتچىنىڭ قارارىغا باغلىق بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كېلەر ھەپتە، يەنى 2026-يىلى 19- يانۋار (دۈشەنبە) ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىككىنچى قېتىملىق سوت گۈەن خېڭنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ئەڭ ھالقىلىق بۇرۇلۇش نۇقتىسى دەپ قارالماقتا. بۇ سوتتا سوتچىنىڭ گۈەن خېڭنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىش ياكى رەت قىلىش ھەققىدە ئاخىرقى ھۆكۈمنى چىقىرىشى كۈتۈلمەكتە.  


Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe to get the latest posts sent to your email.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe now to keep reading and get access to the full archive.

Continue reading