يانۋار 15, 2026

«لوپ ناھىيەسى: مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى جۇڭگو مەدەنىيىتى مەكتەپلەرگە كىردى، كۆپ خىل مائارىپ بالىلارنىڭ قەلبىنى ئوزۇقلاندۇردى» تېمىسىدىكى سۈرەت. خىتاي چاڭچىلىسى ئورۇنداۋاتقان ئۇيغۇر بالىلار.

ئۇيغۇر پوچتىسى، 11-يانۋار

زۇلھايات ئۆتكۈر

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەڭ چوڭ ئاخبارات ۋاسىتىسى بولغان «شىنجاڭ گېزىتى» خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى قانۇنى» 2026- يىل 1- يانۋاردىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىنىدىكەن.

مەزكۇر قانۇن بۇندىن 25 يىل بۇرۇن يەنى 2001- يىل 1- يانۋاردا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ قېتىم ئۇنىڭغا قىسمەن تۈزىتىشلەر كىرگۈزۈلگەنلىكى مەلۇم. ئىگىلىنىشچە، يېڭى قانۇن جەمئىي 5 باب، 32 ماددىدىن تەركىب تاپقان ئىكەن.

خىتاي تەشۋىقاتلىرىدا ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىم «دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى قانۇنى» غا قايتا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ ئېلان قىلىنىشنىڭ مەقسىتى، خىتاي جەمئىيىتىدىكى مائارىپ، ئاممىۋىي مۇلازىمەت، خەلقئارالىق يەرمەنكە- پائالىيەتلەردە ۋە تور بوشلۇقىدا، ئۆلچەملەشكەن خىتاي تىلى ۋە يېزىقى پۇتوڭخۇا (ماندارىن) قوللىنىش ۋە ئىشلىتىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن ئىكەن. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ زۇۋانى بولغان «خەلق گېزىتى» chinadaily.com.cn  نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ قانۇندا يەنە تىل ئىشلىتىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان قانۇنىي مەجبۇرىيەتلەر ۋە جازالارنىڭ كۈچەيتىلىدىغانلىقىمۇ بەلگىلەنگەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ قانۇننىڭ يېڭىدىن يولغا قويۇلۇشى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى قوللىنىش بوشلۇقىنى تېخىمۇ تارايتىۋېتىش بىلەن بىرگە، خىتاي مەدەنىيىتىگە ئاسسىمىلاتسىيەلىشىش قەدىمىنى تېخىمۇ تېزلىتىدۇ.

ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئۇچراۋاتقان، ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتى يوقىلىشقا يۈزلىنىپ ئېغىر ھالسىراپ قالغان ۋەزىيەتتە، «دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى قانۇنى» نىڭ يولغا قويۇلۇشى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز ئانا تىل- يېزىقىنى قوللىنىشنىڭ «قانۇنسىزلىق» رامكىسى ئاستىدا بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىدىن، ئۇيغۇر ياش ئەۋلادلىرىنىڭ بۇندىن كېيىن خىتاي تىلىنى مەجبۇرىي ھالدا ئەمەس، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئۆگىنىدىغان ۋەزىيەتكە قىستاپ كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

سۆزنى 2001- يىلى «دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى قانۇنى» يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرىدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ.

بۇ قانۇن يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر مائارىپى، ئوقۇ- ئوقۇتۇش ئىشلىرى ۋە دەرسلىك كىتابلار ئېغىر ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىدى دەپ ئېيتالايمىز. ئۇيغۇر ئېلىدا 2004- يىلىدىن باشلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بارلىق باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە قوش تىللىق ئوقۇتۇشنى خىتاينىڭ سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ تەلىپى ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى ۋە شۇندىن ئېتىبارەن، يەسلى، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە قوش تىللىق مائارىپنى يولغا قويۇش شىددەت بىلەن ئەۋج ئېلىپ، 2017- يىلىغا كەلگەندە، خىتاي تىلىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئورنىنى ئىگىلىشى رەسمىي ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئۇيغۇرچە دەرسلىك كىتابلارنىڭ ئورنىغا خىتايچە دەرسلىكلەر دەسسىتىلدى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۇيغۇر رايونىدا نەشىر قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرچە كىتابلار ۋە تۈرلۈك نەشىر بۇيۇملىرى ئازىيىشقا، ھەتتا پۈتۈنلەي دېگۈدەك توختاپ قېلىشقا قاراپ يۈزلەندى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى نەشىر قىلغان كىتابلارنىڭ مەزمۇنىدىمۇ رۇشەن ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىپ، ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ئەدەبىياتىغا ئائىت مەزمۇنلار خىتاينىڭ ئىدېئولوگىيەسىگە ماسلاشتۇرۇلدى.

ئۇنىڭ ئۈستىگە تىياتىرخانا، كىتابخانا ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ۋە تور بەتلىرى قاتارلىق ئۇيغۇر تىلىدىكى چەكلىك «بوشلۇق»لار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا ئىدى. ئۇيغۇر تىلىنىڭ چەكلىك ئىمكانىيەتلەر دائىرىسىدە ئاز- تولا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتاي تىلىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تىنچ قارشىلىق كۆرسىتىش ئىرادىسىنىڭ سىمۋولى بولۇپ قالغانىدى.

ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ئىدارە قىلىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن «شىنجاڭغا نۇقتىلىق ياردەم بېرىش» ۋە «مەدەنىيەت ئارقىلىق شىنجاڭنى ئوزۇقلاندۇرۇش» دېگەندەك بىر قاتار ئىستىراتېگىيەلىك سىياسەتلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، خىتاي تىلى پۈتكۈل ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا مەجبۇرىي ھالدا ھۆكۈمەت، مائارىپ سىستېمىسى، ھەتتا كۈندىلىك تۇرمۇش ئالاقىسىدە ھۆكۈمران تىلغا ئايلاندۇرۇلدى. خىتاي كومپارتىيەسى رەھبىرى شى جىپېڭنىڭ «مەدەنىيەت كىملىكىنىڭ يادروسى تىل كىملىكىدە بولۇشى كېرەك» چاقىرىقى ئاستىدا، ئۇيغۇرلارغا قارىتا خىتاي تىلى سەۋىيەسى كىشىلەرنىڭ ساپاسىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم قىلىندى. بۇنىڭ بىلەن، ئۇيغۇرلاردىن تەركىب تاپقان مائارىپ سېپىدا ۋە دۆلەت مەمۇرىي خىزمەتچىلىرى ئارىسىدا تاسقاش ئېلىپ بېرىلىپ، مىڭلىغان خادىملار ئىشتىن بوشىتىلدى ۋە ئاتالمىش تەربيەلەش مەركەزلىرىگە ئەۋەتىلدى. ئانا تىل يەسلىلىرى ئاچقان، ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكى تۈزۈشكە قاتناشقان كىشىلەر كۆزدىن يوقىتىلدى ياكى ئېغىر قاماق جازالىرىغا مۇپتىلا قىلىندى. «جىننىڭ قەستى شاپتۇلدا» دېگەندەك، خىتاي ھۆكۈمىتى بوشىغان خىزمەت ئورۇنلىرىغا خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەپ كەلدى. بۇنىڭ بىر مىسالى سۈپىتىدە، خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ〔2003〕4 نومۇرلۇق ھۆججىتىدە كۆرسىتىلگەن دوكلاتنى پاكىت قىلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇ. مەسىلەن، 2002- يىلىدىن بۇيان، شەندۇڭ ئۆلكىسىدىن ھەر ئىككى يىلدا تەخمىنەن 200 ئوقۇتقۇچىنى جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۆت ۋىلايەت ۋە شىمالىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۈچ رايونغا ئەۋەتكەن. بۇ خىل سۈرئەت بىلەن مۆلچەرلىگەندە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىغا ئەۋەتىلىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانى بىر قانچە مىڭغا يېتىشى مۇمكىن.

بېيجىڭ، شاڭخەي، تيەنجىن ۋە جياڭسۇ قاتارلىق شەھەر ۋە ئۆلكىلەردىن يىلىغا 800 نەپەر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ئۇيغۇر ئېلىغا ئەۋەتىلگەن. بۇلارنىڭ تەمىناتى ئۈچۈن مەركىزىي ھۆكۈمەتلا 8 مىليون 300 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجراتقان. رۇشەنكى، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىغا ئەۋەتىلگەن كۆچمەنلەر يۇقىرى مائاش ۋە تەمىناتتىن بەھرىمان بولۇش شەرتى ئاستىدا تەكلىپ قىلىنىدۇ. 

 2024- يىلىغا كەلگەندە، ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ قىزىللاشقان، خىتاي كىملىكىگە تېخىمۇ يېقىنلاشقان مەزمۇنلار بىلەن تولغان  يېڭى بىر يۈرۈش دەرسلىك كىتابلارنى نەشر قىلىش باھانىسى بىلەن، ئۇيغۇر مائارىپى ئۆزىنىڭ مىللىي ئەنئەنىسىدىن، پىسخىك يىلتىزىدىن بارغانسېرى يىراقلاشتۇرۇلدى. بۈگۈنكى كۈندە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى پەقەتلا سۈكۈت قىلىشقا ياكى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن خىتاي تىلىنى تاللاشقا مەجبۇر قىلماقتا.

2025- يىلدىكى شىنجاڭ ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىدىكى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن، ئۇيغۇر ئېلىدا ئۆلچەملىك خىتاي تىلىنى ئۆگىنىش نىسبىتى %72.2 بولۇپ، بۇ ھەر ئون ئادەمنىڭ تەخمىنەن يەتتىسى خىتاي تىلىدا ئالاقە قىلالايدۇ دېگەنلىكتىن ئىبارەت. بۇ خىل ۋەزىيەتتە «دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى قانۇنى» نى يېڭىدىن تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ- يوق دېگەن سۇئال تۇغۇلىدۇ. بىزگە ئايانكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئورنىغا خىتاي تىلىنى دەسسىتىش، ئۇيغۇر قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنى ئۆز ئانا تىلىنى قوللىنىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جىنايەتلىرىنى يېپىش ئۈچۈن، مەزكۇر قانۇننى قالقان قىلماقچى بولغان، ياكى باشقىچە تىل بىلەن ئىپادىلىسەك، قانۇنىي جىنايىتىنى «قانۇن» ئارقىلىق قوغدىماقچى بولغان.

ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقى چەكلەنگەن تەقدىردە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مائارىپ جەھەتتە ئارقىغا چېكىنىپلا قالماي، بەلكى يەنە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭمۇ ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالايمىز. ئۇيغۇر تىلىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىشى بىلەن تەڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى بەرپا قىلىدىغان ئامىللاردىن دىنىي ئېتىقاد، ئۆرپ- ئادەت ۋە ئەنئەنە قاتارلىقلارمۇ ئۆز قىممىتىنى يوقىتىدۇ ۋە كېيىنكى ئەۋلاتلارغا يەتكۈزۈلۈش يوللىرى كېسىپ تاشلىنىدۇ.

ئەسكەرتىش: ئوبزوردىكى كۆزقاراش ۋە نۇقتىئىينەزەرلەر ئۇيغۇر پوچتىسىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىشى ناتايىن.


Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe to get the latest posts sent to your email.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe now to keep reading and get access to the full archive.

Continue reading