
سۈرەتتە: ئابدۇمەلىك مىجىت پەرزەنتلىرى بىلەن
ئۇيغۇر پوچتىسى، 28- دېكابىر
ئامىنە سەدەف
25- دېكابىر بەزى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋاتىسئاپ گورۇپلىرىدا تۈركىيەدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىگە ئائىت ئۇچۇرلار تارقالدى. بۇ ئۇچۇرلارنى تارقاتقۇچىلارنىڭ بىر قىسىمى تۇتۇپ كېتىلگەنلەرنىڭ ئائىلە-تەۋەبئاتلىرى بولسا، بىر قىسمى ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدىغان ئۇيغۇر ئاكتىپلار ۋە شەخسلەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە نورۋىگيەدە تۇرۇشلۇق پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئۆزىنىڭ X ھېسابىدا: «ئىستانبۇلدا 31 نەپەر ئۇيغۇر ھېچقانداق چۈشەندۈرۈش بېرىلمەي تۇتۇپ كېتىلگەن. ئادۋۇكاتلار ئىستانبۇلدىكى ھەرقايسى ساقچىخانىلاردا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان 31 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ 24- دېكابىر كېچىدىن 25- دېكابىر سەھەرگىچە بولغان ۋاقىتتا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قوراللىق ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېلىنگەنلىكىنى ئېيتتى. ئابدۇمەلىك مىجىت ۋە قۇدرەت غۇلجا تۇتۇلغانلارنىڭ ئىچىدىكى كىملىكى ئېنىق بولغان ئىككى كىشىدۇر» دەپ يازدى.
25- دېكابىر ئىستانبۇل جۇمھۇرىيەت باش تەپتىشى ئاخبارات ۋە ئالاقە ئىشخانىسى رەسمىي بايانات ئېلان قىلىپ، جۇمھۇرىيەت باش تەپتىش مەھكىمىسى تېررورلۇق جىنايەتلىرىنى تەكشۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ يوليورۇقى بىلەن، ئىستانبۇل بىخەتەرلىك مۇدىرلىقى تېرررورلۇققا قارشى تۇرۇش شۆبە مۇدىرلىقى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، يېڭى يىل ھارپىسىدا دائىش (ISIS) قوراللىق كۈچلىرىنىڭ غەيرىي مۇسۇلمان شەخىسلەرگە قارىتا ھۇجۇم چاقىرىقى ۋە پىلانى بارلىقىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقى، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن گۇمانلىق دەپ قارالغان ۋە قانۇن بويىچە تۇتۇش بۇيرىقى چىقىرىلغان 137 نەپەر جىنايەت گۇماندارىنى ئاساس قىلغان ھالدا 124 ئادرېستا بىرلا ۋاقىتتا تۇتۇش، قولغا ئېلىش، تازىلاش ۋە مۇسادىرە قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغانلىقى، 115 گۇماندارنىڭ تۇتۇلغانلىقى ۋە تۇتۇلمىغان گۇماندارلارنى تۇتۇش ئۈچۈن ھەرىكەتنىڭ داۋام قىلۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.
باياناتنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكى سۈرەتتە:

يولدىشى تۇتۇپ كېتىلگەن، كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر خانىم «ئۇيغۇر پوچتىسى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دىدى: «بىز 2013- يىلى تۈركىيەگە كەلگەن. ئىستانبۇلنىڭ سافاكۆي رايونىدا ئولتۇرىمىز. يولدىشىم كىيىم تىكىش زاۋۇتىدا ئىشلەيتتى. 24- دېكابىر سائەت بىر ئەتراپىدا، ئۆيگە قوراللىق ساقچىلار باستۇرۇپ كىرىپ يولدىشىمنى تۇتۇپ چىقىپ كەتتى، ھازىرغىچە ھىچقانداق خەۋەر يوق. بىزنىڭ ئۈچ بالىمىز بار، باللىرىمنىڭ چوڭى توققۇز ياش، كىچىكى ئۈچ ياش. ساقچىلار ئۆيگە باستۇرۇپ كىرگەندە بالىلىرىم بەك قورقۇپ كەتتى. شۇ كۈندىن بېرى بالىلىرىم قىزىتىپ، جۆيلۈپ ئۇخلىيالمايۋاتىدۇ، مەكتەپكىمۇ بارالمىدى. مەن يا يولدېشىمدىن خەۋەر ئالالماي، يا بالىلىرىمنى دوختۇرغا ئاپىرالماي، نېمە ئىش قىلىشىمنى بىلمەي تىت- تىت بولۇپ ئولتۇرىمەن.»
يولدىشى تۇتۇپ كېتىلگەن يەنە بىر خانىممۇ ئىسمىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن مۇنداق دېدى: «بىز 2014- يىلى تۈركىيەگە كەلگەن. 11 يىلدىن بېرى تۈركىيەدە ياشاۋاتىمىز. ئىستانبۇلنىڭ سافاكۆي رايونىدا ئولتۇرىمىز، ئالتە بالىمىز بار. يولدىشىم تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ھېچقانداق جىنايەت ئۆتكۈزمىگەن. 25- دېكابىر سەھەر سائەت ئىككى بىلەن قوراللىق ساقچىلار ئۆيگە باستۇرۇپ كىرىپ يولدىشىمنى تۇتۇپ چىقىپ كەتتى. باللار بەك قورقۇپ كەتتى.»
بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بۇ خىلدىكى ھەرىكەت پات- پات يۈز بېرىپ تۇرىدىغان بولۇپ، تۇتۇپ كېتىلگۈچىلەر بىر مەزگىلدىن كېيىن قويۇپ بېرىلىدىغان بولسىمۇ، بەزىلىرىنىڭ تۈركىيەدە ۋاقىتلىق تۇرۇش ئىجازەتنامىسى بىكار قىلىنغان، يەنە بەزىلىرىگە G87 كودى قويۇپ قويۇلغان بولۇپ، ئۇلار ئايدا ياكى ھەپتىدە كۆچمەنلەر ئىدارىسىگە بېرىپ ئىمزا قويۇشقا بۇيرۇلغان، بۇ ئۇلارنىڭ نورمال خىزمىتى ۋە تۇرمۇشىغا نۇرغۇن قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن. شۇنداقلا، G87 كودى قويۇلغان ياكى بىر مەزگىل تۇتۇپ تۇرۇلغان كىشىلەر تۈركىيە ۋەتەنداشلىقىغا ئېرىشەلمىگەن.
«ئۇيغۇر پوچتسى» مۇخبىرى بۇ خىل ئەھۋاللار ھەققىدە ئېنىق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق ئادۋۇكات جەۋلان شىرمۇھەممەتنى زىيارەت قىلدى. ئۇ بۇ ھەقتە تەپسىلىي چۈشەنچە بېرىپ مۇنداق دىدى: «2016- يىلى يېڭى يىل كېچىسى ئىستانبۇلدا يۈز بەرگەن رېينا قاۋاقخانىسىغا قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن، ھەريىلى يېڭى يىل ھارپىسىدا تۈركىيەدە كەڭ كۆلەملىك تازىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. بۇ تازىلاش ھەرىكىتىنىڭ ئاساسىي نىشانى دائىش تېررورلۇق كۈچلىرىنىڭ ئەزالىرى بولۇپ، كۆپ قىسىمى كۆچمەنلەر، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارمۇ بار. مەن بۇ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە بۇ قېتىم تۇتۇلغان كىشىلەرنىڭ سوتلىنىش ۋە تۇتۇپ تۇرۇلۇش ئەھۋالى بىلەن يېقىندىن ئالاقىدار بولدۇم. مېنىڭ ساقچىلاردىن ۋە باشقا ئادۋۇكاتلاردىن ئىگىلىشىمچە، 24- ۋە 25- دېكابىر تۇتۇلغانلار تەخمىنەن 150 دىن كۆپ كىشى بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 30 دىن 35 كىچە ئۇيغۇرلار بار. بۇلار نېمىگە ئاساسەن تۇتۇلىدۇ دېگەندە، ئاز بىر قىسىم تۇتۇلغانلارنىڭ دائىش تېررورلۇق كۈچلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بولسىمۇ، كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ ئۇلار بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق، ھەتتا ئۇلارنى قوللىمايدۇ ۋە يامان كۆرىدۇ. شۇنداق ئىكەن بۇلار نېمىشقا تۇتۇلىدۇ دېگەندە، تۆۋەندىكى ئەھۋاللار سەۋەپلىك بۇلارمۇ گۇماندار بولۇپ قالىدۇ ۋە تۇتۇلىدۇ. بىرىنچىدىن، ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىكى بىخەستەلىك. يەنى بۇلار فېيىسبۇك قاتارلىق ئجتىمائي ئالاقە ۋاستىلىرىدا بىلىپ- بىلمەي دائىش تېررورلۇق كۈچلىرىنىڭ تەشۋىقاتلىرىنى قىلىدىغان ئادەملەرنى دوستلۇققا قوشىۋالغان، ئۇلارنىڭ يازمىللىرىغا يۈرەك بەرگەن ياكى ئۇلارنى ھەمبەھىرلىگەن؛ ئۇلارنىڭ بىر قىسىمى بولسا شۇلارنىڭ قۇرغان ۋاتىسئاپ گورۇپىلىرىغا قوشۇلۇپ قالغان ۋە ئۇلار بىلەن ھەر تۈرلۈك ئالاقىدە بولغان كىشىلەردۇر. ئىككىنچىسى، بەزى كىشىلەر دائىش تېررورلۇق كۈچلىرىنىڭ قوللىغۇچىلىرى بىلەن ئىقتىسادىي مۇئامىلە قىلغان كىشىلەر بولۇپ، تۇتۇلغانلارنىڭ ئىچىدە كۆپ نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ. ھازىر ئۇيغۇرلاردا پۇل ئالماشتۇرۇش نامىدىكى نەچچە تۈرلۈك ۋاتىسئاپ گورۇپىلىرى بار. خەلقىمىز بەزى قولايلىقلارنى دەپلا بانكىدىن ياكى مەخسۇس پۇل ئالماشتۇرۇش ئورۇنلىرىدىن پۇل ئالماشتۇرماي، مۇشۇ گورۇپىلاردا دوللار، ياۋرۇ ۋە تۈرك لىراسىنى ئۆزئارا ئالماشتۇرىدۇ، بەزى ۋاتىسئاپ گۇرۇپلىرىدىن مال سېتىۋالىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا پۇل ئالماشتۇرغۇچى، مال ساتقۇچى ياكى سېتىۋالغۇچىلار قارشى تەرەپنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلمەيلا شەخسىي ھېساباتىدىن قارشى تەرەپكە پۇل يوللايدۇ ياكى قوبۇل قىلىدۇ. مۇشۇنداق پۇل يوللاش جەريانىدا دائىش ئەزالىرىغا ياكى ھۆكۈمەت گۇمانلىق دەپ قارىغان كىشىلەرگە تۇتىشىپ قالغانلارمۇ گۇماندار بولۇپ قالىدۇ. ئۈچىنجى، ئىككىنجى قول تېلفۇن (يانفون) ئىشلەتكۈچىلەر. يەنى، ئىككىنچى قول تېلېفون سېتىۋالغانلار تېلېفوننى فورماتلاپ، ئىچىنى پاكىز تازىلاپ ئىشلەتمىگەنلىكتىن، ئەگەر ئۇ تېلېفوننى ئىلگىرى تېررورلۇق گۇماندارلىرى ئىشلەتكەن بولسا، تېلېفوننىڭ مىڭىسىدىكى ئىلگىرىكى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ بەزى ئۇچۇرلىرى، ۋىدىئو ياكى رەسىملىرى ساقلىنىپ قالىدۇ، بۇلار ساقچىلارنىڭ ئىز قوغلاپ تەكشۈرىشىدە ئاسانلا بايقىلىدۇ. تۆتىنچىدىن، ئۆي ئادرېسلىرىنى تەۋەلىككە تىزىمغا ئالدۇرمىغان كىشىلەر. يەنى، بىزنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىجارە ئولتۇرۋاتقانلار بولۇپ، توختىماي ئۆي كۆچۈش ئەھۋالى مەۋجۈت. بۇلار يېڭى ئۆيگە كۆچكەندە تەۋەلىككە تىزىمغا ئالدۇرۇشقا سەلقارايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇلارنىڭ كىملىكتىكى ئادرېسى بىلەن ئولتۇرىۋاتقان ئادرېسى پەرقلىق بولۇپ قالىدۇ، ياكى ھازىر ئولتۇرىۋاتقان ئۆيدە ئىلگىرى ئولتۇرغان كىشىلەر گۇمانلىق بولسا، ساقچىلار ئۇلارنى تۇتۇش ئۈچۈن كەلگەندە ئادرېستا بۇلار بولغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلۇپ كېتىدۇ. بەشىنچىدىن، خىتايغا جاسۇسلۇق قىلغان كىشىلەرمۇ تۇتۇلىدۇ. دۆلەت بۇ جاسۇسلارنى تۇتقاندا خىتايغا جاسۇسلۇق قىلدى دەپ ئوچۇق-ئاشكارە ئېلان قىلماستىن، تېررورلۇققا مۇناسىۋەتلىك دەپلا بىر تەرەپ قىلىدۇ، بۇنىڭدا نۇرغۇن ئامىللار بار. ئالتىنچىدىن بولسا، ئىلگىرى تۇتۇلۇپ شەرتلىك قويۇپ بېرىلگەن كىشىلەرنىڭ شەرتكە ماسلاشماسلىقى، يەنى قەرەللىك ئىمزا قويۇشقا ساقچىخانىلارغا بارماسلىقى، رايوندىن رايونغا ياكى شەھەردىن شەھەرگە كۆچكەندە ئۆزىنى مەلۇم قىلماسلىقى سەۋەبىدىن تۇتۇلىشىمۇ مۇمكىن.»
بىز بۇ خىلدىكى تۇتقۇن قىلىشلارنىڭ ئۇيغۇر دىئاسپوراسىغا، تۇتۇلغان كىشىلەرنىڭ ئائىلىسىگە ۋە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ روھىي ھالىتىگە قانداق تەسىرلەرنى كۆرسىتىدىغانلىقى ھەققىدە ئابدۇۋەلى ئايۇپنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ مۇنداق دېدى: «يېڭى يىل كىرىش ھارپىسىدا تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى قوراللىق كۈچلىرىنىڭ يېرىم كېچىدە ئۇيغۇرلارنى تۇتۇپ كېتىشى ئۇيغۇرلارنىڭ خاتىرجەملىكىگە، ئېسەنلىكىگە ۋە يېڭىچە كەيپىيات بىلەن يېڭى يىلغا كىرىشىگە قاتتىق زەربە بېرىدۇ. ئۇيغۇرلار پۈتۈن ئىنسانلارغا ئوخشاشلا يېڭى يىلدا ھەممە ئىشنىڭ يېڭىدىن باشلىنىشىنى، تەلەيلىك، ئامان – ئېسەن بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار بۇنىڭسىزمۇ خىتاي– تۈركىيە مۇناسىۋىتى سەۋەپلىك ئۆزىنى بىخەتەر ھېس قىلمايدۇ. تۈركىيەدىكى خىتايلارنىڭ تەسىرى، تۈركىيەدىكى خىتايپەرس تەشكىلاتلارنىڭ كۈچلىنىپ كېتىۋاتقانلىقى ۋە خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا تەھدىت سالالىغۇدەك ھالغا كېلىشى ئۇيغۇرلارنى بىئارام قىلۋاتقان مەسىلىلەر ئىدى. ئەمدى بۇنىڭغا قوشۇلۇپ، خىتايدا تېرورلۇق باھانىسى بىلەن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان، ھىچقانداق باھانە- سەۋەپسىز تۈرمىلەرگە قامىلىۋاتقان ۋە شۇ سەۋەپتىن ئۆزلىرى ئىككىنجى ۋەتەن دەپ قارايدىغان تۈركىيەگە قېچىپ كەلگەن بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەدىمۇ خۇددى شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن كېچىدە تۇتقۇن قىلىنغاندەك تۇتقۇن قىلىنىشى ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىدىكى تۈركىيە مۇھەببىتىنى زىدىلەيدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنى خاتىرجەمسىزلەندۈرۈپ، قاتتىق پاراكەندە قىلىدۇ. ئۇيغۇرلاردا <ياتنىڭ ياندىن ئۆتىدۇ، قېرىنداشنىڭ جاندىن> دەيدىغان گەپ بار. ئۇيغۇرلار بۇ خىل مۇئامىلىگە باشقا دۆلەتتە ئۇچرىغانغا قارىغاندا تۈركىيەدە ئۇچىرسا تېخىمۇ بەك ئازاپلىنىدۇ. مەن تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى قوراللىق كۈچلىرىنىڭ تۇتۇش بۇيرىقى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئۆيلەرگە قوراللىق باستۇرۇپ كىرىپ، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئالدىدا كىشىلەرنى تۇتۇپ كېتىشىنى ھەددىدىن ئاشقانلىق دەپ قارايمەن ۋە ئەيىپلەيمەن. بۇ قېتىم تۇتۇلغانلار ئىچىدە مەن تۇنۇيدىغانلاردىن تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئېرىشكەن كىشىلەردىن ئاز دېگەندە تۆتى بار؛ بۇنىڭ ئىچىدە جۈرئەت غۇلجا بىر تەشكىلاتنىڭ رەئىسى، مۇشۇ كىشىنىڭمۇ ھىچقانداق پاكىت ۋە تۇتۇپ تەكشۈرۈش بۇيرىقى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا گۇمانلىق دەپ تۇتۇپ تۇرىلىشى تۈركىيەنىڭ قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەت ئوبرازىغا داغ تەككۈزىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن، ھازىر ئۇيغۇرلار تۈركىيەدە ئېغىر ئىقتىسادىي بېسىم ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ خىلدىكى گۇمان بىلەن تۇتۇلىشى ئادۋۇكات تەكلىپ قىلىش، ئىش-ئوقىتىنىڭ توختاپ قېلىشى ھەمدە سىرىتتا يار-يۆلەكسىز قالغان ئائىلىسىنىڭ ھەر تۈرلۈك قىيىنچىلىقلىرى دېگەندەك تەرەپلەردە ئۇلارغا تېخىمۇ ئېغىر ئىقتىسادىي بېسىم پەيدا قىلىدۇ. بۇ ئەسلىدىنلا ئاران- ئاران ياشاۋاتقان ئاشۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىغا قاتتىق بىر زەربە بولىدۇ.»
ئادۋۇكات جەۋلان شىرمۇھەممەت تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايىتى سەزگۈر بولىشى كېرەكلىكىنى، ئىجتىمائى ئالاقە ۋە ئىقتىسادىي مۇئامىلىدە قانۇندىن چەتنەپ كەتمەسلىكىنى، بىخەستەلىك قىلىپ، ئۆزىنى ۋە ئائىلىسىنى بۇ خىلدىكى گۇمانلىق كىشىلەردىن قىلىپ قويماسلىقىنى ئۈمىت قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى
Subscribe to get the latest posts sent to your email.
