ئىراقتا ختاي تىلى

ئۇيغۇر پوچتىسى، 29-سېنتەبىر

ختاي خەلق تورىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، ئىراق ھۆكۈمىتى يېقىندا ختاي دۆلەت تىلى ئوقۇتۇشنى ئالىي مائارىپ سىستېمىسىغا كىرگۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى ھەمدە باغداد ئۇنىۋېرسىتېتى ختاي تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى تەستىقلىدى. باغداد ئۇنىۋېرسىتېتى ختاي تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا تۇنجى تۈركۈمدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىشىدىكەن.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، باغداد ئۇنىۋېرسىتېتى ختاي تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ تەييارلىق قىلىۋاتقىنىغا كۆپ يىل بولغان. بۇ يىل 8-ئاينىڭ ئاخىرىدا، ئىراق ئالىي مائارىپ ۋە پەن تەتقىقات مىنىستىرلىقى باغداد ئۇنىۋېرسىتېتىدە ختاي تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تەسىس قىلىشنى رەسمىي تەستىقلىغان، بۇ يەنە ئىراق مەركىزىي ھۆكۈمىتى تەستىقلاپ تەسىس قىلغان تۇنجى ئالىي مەكتەپ ختاي دۆلەت تىلى كەسپى ھېسابلىنىدىكەن.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز